بېنىزنىڭ AMG G دەرىجىلىك Exclusive نۇسخىسىكى ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-06 13:36:33

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 5-سېنتەبر خەۋىرى:

بۇ يىل 5-ئايدا، بېنىز AMG G 65 Exclusive Edition ئالاھىدە نۇسخىسىدىكى ماشىنا تىپىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. يېقىندا، بېنىز يەنە بۇ ماشىنا تىپىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشچە، G 65 ماشىنا تىپىدىن سىرت، AMG يەنە G 63 ئاساسىدا Exclusive Editionنى چىقىرىدۇ، بۇ 2 خىل ماشىنا تىپى بىردەك 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلىدىغان 2017-يىللىق فىرانكفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسىمىي نامايان بولىدۇ. بۇنىڭدا، G 63 ئالاھىدە نۇسخىدىكى ماشىنا تىپىنىڭ گېرمانىيە بازىرىدىكى باھاسى 163 مىڭ 125 ياۋرو (تەخمىنەن 1 مىليون 269 مىڭ 400 يۈەن)، G 65نىڭ بولسا يۇقىرى بولغاندا 287 مىڭ 658 ياۋرو (تەخمىنەن 2 مىليون 238 مىڭ 400 يۈەن).

تاشقى قىياپەت جەھەتتە AMG G دەرىجىسىدىكى Exclusive Edition ئادەتتىكى نۇسخىدىكى ماشىنا تىپى ئاساسىدا ئالاھىدە كۈلرەڭلىك پارقىراق سىر قوللانغان، بىرلا ۋاقىتتا 21 ديۇملۇق AMG قوش بەش شادىلىق چاق گەردىشى (كۈمۈش رەڭ، كۈمۈش-قارا قوش رەڭ ياكى پارقىراق قارا رەڭنى تاللىغىلى بولىدۇ)، سەپلەنگەن بولۇپ، ئالاھىدە نۇسخىدىكى ماشىنا تىپىنىڭ ئوخشىمىغان سالاپىتىنى نامايان قىلغان.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي كونترول سۇپىسى ھەمدە AMG سپورت ئورۇندۇققا قوڭۇر-قارا قوش رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش قوللىنىلغان ھەمدە پىئائىنو قارا ياكى كاربون تالالىق بېزەك تاختا ماسلاشتۇرۇلغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 خىل ئىچكى بېزەك ئۇسلۇب لايىھەسى تەمىنلىيەلەيدۇ، ھەشەمەت تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى بىرلەشتۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە قىزىل رەڭلىك بىخەتەرلىك تاسمىسى، AMG تۆت شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، 7 ديۇملۇق مەركىزىي كونترول ئېكران قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا داۋاملىق 5.5Lلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق V8ماتورى ياكى 6.0L قوش تۇربىنىلىق V12 ماتورى سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 571 ئات كۈچى ۋە 630 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 760 نيۇتون مېتىر ۋە 1000 نيۇتون مېتىر، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا 7 خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • باھاسى يېڭىسىدىنمۇ قىممەت نىمكەش ئاپتوموبىللار
  • 8-ئايدىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • ئايروپىلان نېمىشقا بەزىدە قونماي ئايرودورومنىڭ ئۈستىدە پىرقىراپ يۈرىدۇ؟
  • بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە جەرىمانە تۆلەشكە ئالدىرىماڭ
  • مايۈننىڭ يەنە بىر چوڭ ھەرىكىتى بىلەن 4sدۇكانلىرى كەلگۈسىدە راستتىنلا يوقاپ كىتەرمۇ ؟
  • ئېلون ماسك Model 3نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمىلەرنى ئاشكارىلىدى؟
  • ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ تۈڭلۈكى بولمىسا قانداق بولغىنى؟
  • ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە خەتىرى نېمە ئۈچۈن چوڭ بولىدۇ
  • 2018-يىللىق نۇسخىدىكى خوندا ئاككورد ئېلان قىلىندى
  • بۇ تورمۇزلاش ماھارەتلىرىنى بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كونا شوپۇر چاغلىماڭ
  • ئۇ ئىلگىرى 300 مىليونغا ماشىنا سېتىۋېلىپ بىر قېتىم ئارىيەتكە بەرگەنلىكى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان
  • ماشىنىنى ھەيدەشتىن بىر قانچە مىنۇت بۇرۇن چوقۇم دېرىزىنى ئېچىۋېتىش كېرەك
  • ئىغۋا: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ باشقىلارغا ۋاكالىتەن نومۇر تارتقۇزسا بولىدۇ
  • يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ «قاپ يۈرەك» 10 ئاپتوموبىل
  • پۈتۈنلەي «تەن چەكمە»لىك فارارى ئاپتوموبىلى بارلىققا كەلدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا نېمە ئۈچۈن يورۇتۇش چىراغلىرى بولمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق باي سېتىۋالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ماشىنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاپتوموبىل چۈشەنمەيدىغانلار قايسى گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليون دەرىجىدىكى ئوق ئۆتمەس بۇ SUVنىڭ چېۋرولېت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015