پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-07 18:22:28

  خاسىيەت جۈمە

 يېقىندا ‹‹بۇ يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلىدىكەن››دېگەن خەۋەر ئۈندىداردا تارقىلىپ، تېزلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاپتوموبىلنى كەينىچە ياندۇرۇپ ئىسكىلاتقا ئېلىپ كىرىش، يان تەرەپكە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە ۋاقىت چەكلىمىسى بېكىتىلىدىكەن، پىيادىلەر يول يۈرۈش ئېغىزىدا پىيادىلەرگە يول بەرمىگەنلەر ئىمتىھاندا بىۋاسىتە لاياقەتسىز قىلىنىدىكەن، ئاپتوموبىل ياندىغاندا چوقۇم ‹‹ئارقىغا قاراپ تەكشۈرۈش›› ھەرىكىتىنى قىلىش تۈرى قوشۇلۇپ، ئىمتىھان تەسلىشىدىكەن، دېگەندەك بەس – مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنى تىزىملاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شەخسەن ئۇزاقتىن بۇيان ئىككىلىنىپ يۈرگەن مەنمۇ مەكتەپ مۇدىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئىشتىن چۈشتۇق دېگەنگە ئۇنىماي شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتتىم. ئەلۋەتتە، يېڭى تۈزۈم رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئىمتىھان تەسلىشىپ كەتكۈچە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق قولۇمغا ئېلىۋالسام، دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم.

 ئۇقۇشىمچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى››ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى ئۆلچەم ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئويلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان. ئەمما كەسىپ ئەھلىلىرى يېڭى ئۆلچەمدە شوپۇرلارنىڭ ساپاسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن ھەم شوپۇر تەربىيەلەش بىلەن ئىمتىھان ئېلىش ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان، دەپ قارىغان.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر 5 مىليون 660 مىڭغا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بارلار 4 مىليون 240 مىڭغا يەتكەن. شوپۇرلار ھەر يىلى %10تىن %15 كىچە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى%10 ئەتراپىدا كۆپىيىۋېتىپتۇ. يەنە بىر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %90تىن كۆپرەك قاتناش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى شوپۇرلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدە ئىكەن.

 دېمىسىمۇ بىرقانچە يىل ئىلگىرى قېلىپلاشمىغان شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە دەرسكە مۇنتىزىم قاتناشماي، پۇل خەجلەپلا ھەيدەش كىنىشكىسى ئالىدىغان، باشقىلارنى ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىدى. بۇ ئەھۋاللار يېقىندىن بېرى شوپۇرلۇق تېخنىكىسى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭى كەمچىل كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان، بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەت ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشى ئېغىر بەدەل تۆلىگەنىدى. شۇڭا ‹‹موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى››نىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ كۈندىن – كۈنگە يۇقىرىلىشىنى ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن دەپ قارىساق ھەرگىزمۇ خاتالاشقان بولمايمىز، ئەلۋەتتە.

 بۇ يىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش زۆرۈر بولغاچقا، 3 – ئايدىن باشلاپلا ئۆزۈم ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە ئەتراپى ۋە خىزمەت ئورنۇمغا يېقىن ئەتراپتىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئاخىرىدا مەكتەپنىڭ ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە يېنىدىكى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملاتتىم. ئەمما مەكتەپنىڭ ئىمتىھاندىن قانداق ئۆتۈشكىلا كۈچەپ، كىچىك، ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ جەرياندا شۇنى ھېس قىلدىمكى، شوپۇرلۇقنى ئۆگەنگۈچىلەر مەكتەپكە تىزىملىتىشتا ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتىگىلا ئېسىلىۋالماي، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئاۋۋال سىناق دەرسىگە قاتنىشىپ بېقىپ، رازى بولغاندىن كېيىن تىزىملىتىشى كېرەك ئىكەن.

 ئۇقۇشىمچە، يېڭى ئۆلچەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملارنىڭ ئىمتىھان مەزمۇنىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشۇرۇلىدىكەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تەڭشىلىدىكەن. تەقلىدىي سوئاللار ئارقىلىق دەسلەپكى تەربىيەلەشتىن باشلاپلا مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلىش ھەم بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلىدىكەن.

 نۆۋەتتە يېڭى ئۆلچەمنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ھەم كۆپ تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلارنىڭ بۇ ئەندىشىلىرىمۇ ھامان تۈگەيدۇ. ئەگەر يېڭى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئۆگەنگۈچىلەرنى كەسىپنى پۇختا ئىگىلەشكە توغرا يېتەكلەپ، كەسپىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن شوپۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە بىخەتەر ھەيدەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانسا، شوپۇرلۇقنى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/07/content_618129.htm

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • باھاسى يېڭىسىدىنمۇ قىممەت نىمكەش ئاپتوموبىللار
  • 8-ئايدىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • ئايروپىلان نېمىشقا بەزىدە قونماي ئايرودورومنىڭ ئۈستىدە پىرقىراپ يۈرىدۇ؟
  • بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە جەرىمانە تۆلەشكە ئالدىرىماڭ
  • مايۈننىڭ يەنە بىر چوڭ ھەرىكىتى بىلەن 4sدۇكانلىرى كەلگۈسىدە راستتىنلا يوقاپ كىتەرمۇ ؟
  • ئېلون ماسك Model 3نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمىلەرنى ئاشكارىلىدى؟
  • ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ تۈڭلۈكى بولمىسا قانداق بولغىنى؟
  • ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە خەتىرى نېمە ئۈچۈن چوڭ بولىدۇ
  • 2018-يىللىق نۇسخىدىكى خوندا ئاككورد ئېلان قىلىندى
  • بۇ تورمۇزلاش ماھارەتلىرىنى بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كونا شوپۇر چاغلىماڭ
  • ئۇ ئىلگىرى 300 مىليونغا ماشىنا سېتىۋېلىپ بىر قېتىم ئارىيەتكە بەرگەنلىكى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان
  • ماشىنىنى ھەيدەشتىن بىر قانچە مىنۇت بۇرۇن چوقۇم دېرىزىنى ئېچىۋېتىش كېرەك
  • ئىغۋا: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ باشقىلارغا ۋاكالىتەن نومۇر تارتقۇزسا بولىدۇ
  • يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ «قاپ يۈرەك» 10 ئاپتوموبىل
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا نېمە ئۈچۈن يورۇتۇش چىراغلىرى بولمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق باي سېتىۋالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ماشىنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاپتوموبىل چۈشەنمەيدىغانلار قايسى گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليون دەرىجىدىكى ئوق ئۆتمەس بۇ SUVنىڭ چېۋرولېت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015