بۇ يىل ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 12 خىل سىپورت ئاپتوموبىلى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 13:59:04

تېڭشۈن تورىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى 2017-يىلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 12 خىل سىپورت ئاپتوموبىلىنى باھالاپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇگاتتى، ئاستون مارتىن، فارارى قاتارلىق ھەشەمەتلىك سپورت ئاپتوموبىللىرىمۇ، بېنىز AMG GT C، چېۋرولېت Camaro ZL1 قاتارلىق سىپورت ئاپتوموبىللىرىمۇ، شۇنداقلا يەنە CIVIC Si Coupe، خوندا CIVIC TYPE R قاتارلىق پۇقراۋى سىپورت ئاپتوموبىللىرىمۇ بار. تۆۋەندە بۇنىڭ كونكرېت رەت تەرتىپىنى كۆرۈپ باقايلى.

12. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى ئاستون مارتىن V12 Vantage S: بۇ ماشىنىغا نۆۋەتتە باشقا ئىقتىدارى يوق بولغان ol V12 ماتور ۋە بىر قولدا باشقۇرۇلىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن. گەرچە ئۇ تىزىملىكتە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭىلانغان نەرسىلەر ئالغان بولغاچقا، ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. 

11. 2017-يىللىق CIVIC Si Coupe: ھەممىلا سىپورت ئاپتوموبىلىنىڭ ئات كۈچى 400psدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، 2017-يىللىق نۇسخىدىكى CIVIC Si Coupeدەك پۇقراۋى سىپورت ئاپتوموبىلى چىقىرىلغان ھامان كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سىزنىڭ شوپۇرلۇققا بولغان تۈرلۈك ئېھتىياجىڭىزنى تولۇق قاندۇرالايدۇ. 

10. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى مېرسىدېس-AMG GT C: بۇ ماشىنىنى ھەيدىگەن ۋاقتىمىزدا بىزگە بېرىدىغان ئەڭ بىۋاستە تەسىرى «ئات كۈچى». بۇ ماشىنىغا 4.0Lلىك V8 قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 405kw، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 680 نيۇتون.مېتىر؛ تېزلىنىشىغا ھېچقانداق ئاپتوموبىل تەڭلىشەلمەيدۇ. 

9. 2018-يىللىق نۇسخىدىكى فارارى 812 Superfast: بۇ ماشىنا فارارىنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان سۈرئىتى ئەڭ تېز ئاپتوموبىلى دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر ئەڭ ياخشى V12 ماتور سەپلەنگەن. ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 789 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 530 نيۇتون.مېتىر؛ بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى چاقماقتەك تېز، ئەمما سۈرئىتى زىيادە تېز بولغاچقا مەشغۇلاتچانلىقى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. 

8. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى CIVIC TYPE R: بۇ ماشىنىغا كۆپ خىل راھەت ۋە بىخەتەرلىك سەپلىمىسى سەپلەنگەن. بۇ ماشىنىغا 2.0Tلىك ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 235kWقا يەتكۈزۈلگەن ھەمدە ئالتە خوتلۇق قولدا باشقۇرۇلىدىغان سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماشىنىنىڭ 100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 5.7 سېكۇنت، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 272km/h؛ بۇ ماشىنىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 227 مىڭ يۈەن بولۇپ، باھاسى ئەڭ مۇۋاپىق سىپورت ئاپتوموبىلى ھېسابلىنىدۇ. 

7. 2018-يىللىق نۇسخىدىكى بېنتلېي Continental Supersports: ئالىي دەرىجىلىك ئىقتىدار نۇسخىدىكى Continental Supersports قوش كىشىلىك GT سىپورت ئاپتوموبىلىغا 6.0Lلىك W12 قوش تۇربىنىلىق ماتور سەپلەنگەن، ئۇنىڭغا يېڭى تىپتىكى تۇربىنا ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سوۋۇتۇش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان، 100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى پەقەت 3.5 سېكۇنت، تېزلىنىشى ئالەم قاتناش ئايروپىلانلىرىدىن قېلىشمايدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 336km/hكە يېتىدۇ. 

6. Corvette SC757 AeroWagen: ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ماركىسى Callaway بۇ يىل 4-ئايدا Corvette C7 ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئوۋچى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلغان ھەمدە SC757 AeroWagen دەپ نام بەرگەن. AeroWagenنىڭ يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرى Corvette C7غا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. 

5. 2018-يىللىق نۇسخىدىكى پورسچى 911 GT3: بۇ ماشىنىغا 4.0Lلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 368kw، ئۇنىڭغا ئالتە خوتلۇق قولدا باشقۇرۇلىدىغان PDK سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، ئىچىنىڭ بېزىلىشىدە تىپىك 911نىڭ ئۇۋىلاش تۇيغۇسىغا ئىگە شۇنداقلا ئادەم تېنى قۇرۇلۇش ئىلمى ئاساسىدا راھەت ھەيدەش مۇھىتى ياساپ چىقىلغان. 

4. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى بۇگاتتى Chiron: بۇ ماشىنىغا 8.0Lلىك W16 ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 1103kWقا، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 1600Nmغا يەتكۈزۈلگەن. 100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 2.5 سېكۇنتقا يەتمەيدۇ، 200km/hغا تېزلىنىش ۋاقتى 6.5 سېكۇنتقا يەتمەيدۇ. بۇ ماشىنىنى مۇقىم ھالەتتە ھەيدەش بەكلا تەس، سىز ئۆزىڭىزنى بىر راكېتانى ھەيدەۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ! بۇ ماشىنىنىڭ باھاسى ئىككى مىليون 600 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 17 مىليون يۈەن).

3. 2018-يىللىق نۇسخىدىكى چېۋرولېت Camaro ZL1 1LE: بۇ ماشىنا ئىنتايىن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن، مۇسابىقە يولىدىكى ئىپادىسىمۇ قالتىس، ئۇنىڭغا مەخسۇس چېۋرولېت جەمەتى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن Eagle F1 Supercar 3R يازلىق بالون سەپلەنگەن، بۇ ماشىنا سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدىكى يەرنى قاماللاش كۈچىگە ئىگە. 

2. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى فورد GT: بۇ ماشىنىغا قوش تۇربىنىلىق V6 ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 482kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 745Nm؛ بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، ھەرىكەت كۈچى، ئىقتىدارى ۋە ئىنچىكە ھالقىلىرى ئۇنىڭ بۇ تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا تىزىلىشىغا تۈرتكە بولغان. 

1. 2017-يىللىق نۇسخىدىكى ماكلارن 720S: بۇ ماشىنىغا M840T تىپلىق 4.0Lلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق V8 ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 530kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 770Nm؛ بۇ ماشىنىغا تېخىمۇ يېنىك گەۋدە ۋە تېخىمۇ قالتىس ھاۋا دىنامىكىلىق ھەرىكەت كۈچى لايىھەسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 2.9 سېكۇنت، 200km/hغا تېزلىنىش ۋاقتىمۇ ئاران 7.8 سېكۇنت. ئۇ بىر ھەقىقىي تولۇق ئىقتىدارلىق سىپورت ئاپتوموبىلى، مەيلى راھەتلىكى بولسۇن ياكى ھەيدەش تۇيغۇسى جەھەتتە بولسۇن ھېچقانداق ئاپتوموبىل ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇپلا قالماي، پەن-تېخنىكا تۈسىمۇ ئىنتايىن قويۇق. شۇڭا ھەممە كىشى بۇ ماشىنىنى 2017-يىللىق نۇسخىدىكى ئەڭ ياخشى سىپورت ئاپتوموبىلى دەپ قارايدۇ. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۇنياغا داڭلىق 10 چوڭ ئاپتوموبىل شەھىرى
  • پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • باھاسى يېڭىسىدىنمۇ قىممەت نىمكەش ئاپتوموبىللار
  • 8-ئايدىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • ئايروپىلان نېمىشقا بەزىدە قونماي ئايرودورومنىڭ ئۈستىدە پىرقىراپ يۈرىدۇ؟
  • بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە جەرىمانە تۆلەشكە ئالدىرىماڭ
  • مايۈننىڭ يەنە بىر چوڭ ھەرىكىتى بىلەن 4sدۇكانلىرى كەلگۈسىدە راستتىنلا يوقاپ كىتەرمۇ ؟
  • ئېلون ماسك Model 3نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمىلەرنى ئاشكارىلىدى؟
  • ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ تۈڭلۈكى بولمىسا قانداق بولغىنى؟
  • ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە خەتىرى نېمە ئۈچۈن چوڭ بولىدۇ
  • 2018-يىللىق نۇسخىدىكى خوندا ئاككورد ئېلان قىلىندى
  • بۇ تورمۇزلاش ماھارەتلىرىنى بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كونا شوپۇر چاغلىماڭ
  • ئۇ ئىلگىرى 300 مىليونغا ماشىنا سېتىۋېلىپ بىر قېتىم ئارىيەتكە بەرگەنلىكى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان
  • ماشىنىنى ھەيدەشتىن بىر قانچە مىنۇت بۇرۇن چوقۇم دېرىزىنى ئېچىۋېتىش كېرەك
  • ئىغۋا: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ باشقىلارغا ۋاكالىتەن نومۇر تارتقۇزسا بولىدۇ
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا نېمە ئۈچۈن يورۇتۇش چىراغلىرى بولمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق باي سېتىۋالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ماشىنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاپتوموبىل چۈشەنمەيدىغانلار قايسى گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليون دەرىجىدىكى ئوق ئۆتمەس بۇ SUVنىڭ چېۋرولېت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015