خوندا ئىككى خىل قالتىس چۆپ ئورىغۇچى ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 21:05:58

technode تورىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرى:

خوندا ئاپتوموبىل سانائىتىدە مول تەجرىبىلەرگە ئىگە، ئەمما بۇ شىركەت چۆپ توغرىغۇچى ماشىنا ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك ھەرىكەتلەرنى باشلىدى. خوندا Type R يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ۋە Fireblade يۈرۈشلۈك موتسىكلىتى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئىككى خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق چۆپ ئورىغۇچى ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى. 

ئەمەلىيەتتە خوندا بۇرۇنلا چۆپ ئورىغۇچى ماشىنا ئادەم Miimoنى چىقارغانىدى، ئەمما بۇ قېتىم 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن Miimo Type Rنى ياساپ چىقتى، بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ سىرتقى شەكلى Civic Type Rى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن. سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە تامامەن ئوخشاشلىقىنى بايقايسىز، ئۇنىڭغا Championship Whiteنىڭ ئاق رەڭلىك سىرتقى كۆرۈنۈش سىرى ئىشلىتىلگەن. 

ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، Miimo Type R ھېچ بولمىغاندا سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى تەقلىد قىلىنغان. ئارقا تەرەپتىكى تەقلىد قىلىنغان ئۈچ  گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى تېخىمۇ قالتىس كۆرۈنىدۇ، كاربونلۇق ھاۋا ئېقىمىنى ئۈزۈش تاختىسى، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك لىمى، شامال ئۆتۈشۈش ئېغىزى ۋە سالاسۇنى تېخىمۇ بەك ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا يەنە Type R بەلگىسى ماسلاشتۇرۇلغان.

Miimo Fireblade نۇسخىسىغا بولسا خوندا مۇسابىقە ئاپتوموبىلى شىركىتىنىڭ موتسىكلىت رەڭگى ئىشلىتىلگەن، قىزىل، ئاق، كۆك رەڭلەر ماسلاشتۇرۇلغان، يەنە تېخى HRC بەلگىسىمۇ بار. ئۇنى كۆرسىڭىز Big Red بۇرۇن چىقارغان 1000cc Fireblade موتسىكلىتىنى ئەسكە ئالىسىز.

Miimo تامامەن مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ، ئۇ كۆك چىش ئارقىلىق ئەقلىيفون ئەپ دېتالىدا بېكىتىلگەن پىلاننى ئىجرا قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يانفون ئارقىلىق تەڭشەكلەرنى باشقۇرالايدۇ، مەسىلەن: چۆپلەرنىڭ ئۇرۇش ئېگىزلىكى دېگەندەك. بۇ ئەپنى Android ۋە iOSتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەرقانداق تۇيۇقسىز يۇقىرى ئۆرلەش ياكى سەللا يانتۇ ھەرىكەت بۇ ئۈسكۈنىنى ھەرىكەتتىن توختىتپ قويىدۇ، بۇ ئارقىلىق بۇ ئۈسكۈنە بالىلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلارغا يېقىنلاشقان ۋاقىتتا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 360 گىرادۇسلۇق سېنزور بۇ ئۈسكۈنىنى توسالغۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان.

Miimo Type Rغا 2.0 لېتىرلىق VTEC تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن، توكلۇق ماتور ماتور ۋە لىتىي باتارېيە ئارقىلىق توك تەمىنلىنىدۇ. Miimoنىڭ Miimo 310 ،Miimo 520 ۋە Miimo 3000دىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپى بار، باھاسى 1999 فوندستېرلىڭدىن 2499 فوندستېرلىڭغىچە. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۇنياغا داڭلىق 10 چوڭ ئاپتوموبىل شەھىرى
  • پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • باھاسى يېڭىسىدىنمۇ قىممەت نىمكەش ئاپتوموبىللار
  • 8-ئايدىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
  • ئايروپىلان نېمىشقا بەزىدە قونماي ئايرودورومنىڭ ئۈستىدە پىرقىراپ يۈرىدۇ؟
  • بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە جەرىمانە تۆلەشكە ئالدىرىماڭ
  • مايۈننىڭ يەنە بىر چوڭ ھەرىكىتى بىلەن 4sدۇكانلىرى كەلگۈسىدە راستتىنلا يوقاپ كىتەرمۇ ؟
  • ئېلون ماسك Model 3نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمىلەرنى ئاشكارىلىدى؟
  • ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ تۈڭلۈكى بولمىسا قانداق بولغىنى؟
  • ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە خەتىرى نېمە ئۈچۈن چوڭ بولىدۇ
  • 2018-يىللىق نۇسخىدىكى خوندا ئاككورد ئېلان قىلىندى
  • بۇ تورمۇزلاش ماھارەتلىرىنى بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كونا شوپۇر چاغلىماڭ
  • ئۇ ئىلگىرى 300 مىليونغا ماشىنا سېتىۋېلىپ بىر قېتىم ئارىيەتكە بەرگەنلىكى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان
  • ماشىنىنى ھەيدەشتىن بىر قانچە مىنۇت بۇرۇن چوقۇم دېرىزىنى ئېچىۋېتىش كېرەك
  • ئىغۋا: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ باشقىلارغا ۋاكالىتەن نومۇر تارتقۇزسا بولىدۇ
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا نېمە ئۈچۈن يورۇتۇش چىراغلىرى بولمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق باي سېتىۋالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ماشىنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاپتوموبىل چۈشەنمەيدىغانلار قايسى گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليون دەرىجىدىكى ئوق ئۆتمەس بۇ SUVنىڭ چېۋرولېت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015