سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئاۋدى A6 ئەۋلاد ئالماشقان تىپى كەلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-06 15:53:24

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

يېقىندا، ئاۋدى A6 allroad quattro يېڭى ئاپتوموبىلىنىڭ پەرەز رەسىمى ئاشكارلانغان، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇسلۇبى ئادەمگە ھەشەمەت تۇيغۇ بەرگەن، لېكىن يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى A6 ئاپتوموبىلى 2018-يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي نامايان بولىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىل ئەڭ يېڭى MLB Evo سۇپىسى قوللىنىلغان، پۈتۈن ئاپتوموبىل سۈپەت ۋە تۈزۈلمە جەھەتتە يەنە بىر قەدەم ئەلالاشقان.

ئەڭ يېڭى ئاۋدى A6 allroad quattro يەنىلا ھەرىكەت تۇيغۇسىدىكى ساھە ھالقىغان ئۇسلۇب قوللىنىلغان، ئاپتوموبىل تەگلىكى يەردىن خېلى ئېگىز شۇنداقلا سىزىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورالمىسى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، ئەڭ يېڭى قۇيرۇق چىراغقا LED يورۇقلۇق مەنبەسى قوللىنىلىپ، چىراغنى ياندۇرغاندىن كېيىن ئاجايىپ كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان، ئاستى ئىككى تەرەپكە تۆت گاز چىقىرىش تۇربىسى ماسلاشتۇرۇلغان.

لېكىن ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى A6 ئاپتوموبىلى تېخىمۇ رادىكال، شىددەتلىك لايىھە ئۇسلۇبىنى قوللانغان، ئەڭ يېڭى LED چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئۈستىنى بويلاپ تۇرغان بۇرۇلۇشى چىرىغى ماسلاشتۇرۇلغان. ئالتە قىرلىق چوڭ ئېغىز شەكلىدىكى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ماسلاشتۇرۇلۇپ ئەڭ يېڭى شەكىلدىكى ئالدى يۈز قورشاۋ لايىھەسىنى قوللانغان، قارىماققا تېخىمۇ ھەرىكەتچاق چىققان.

ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىن قارايدىغان بولساق، يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى A6 دا روشەن ئۆزگىرىش يوق. قۇيرۇق قىسمىغا كەلسەك، يېڭى بىر ئەۋلاد A8 شۇنداقلا يېڭى بىر ئەۋلاد A7 Sportback قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان، T شەكىلدىكى چىراغ تىك ئاسما رىشاتكا بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭى ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ پەن-تېخنىكا ئۈنۈمىگە ئىگە قىلغان.

ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى A6 ئىلگىرىكى ئەڭ يېڭى A8 سەپلىگەن قاتناش قىستاڭچىلىقى تەجرىبە سىستېمىسى سەپلىنىشى مۇمكىن، بۇ سىستېما سەپلەنگەن ئاپتوموبىل يولدا 60km/h تېزلىك ئىچىدە كېتىۋاتقاندا ئاپتوماتىك ھەيدىلىنىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرۈچ كۈچ جەھەتتە، ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى A6 بەلكىم يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى 7 Sportbackنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشى مۇمكىن، 3.0T ماتور ۋە 2.0T ماتورنى تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 3.0T V6 ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 400 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 500ن.م، ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە، ئۇنىڭغا يەتتە خوتلۇق قوش مۇڧتىلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ سەپلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت نومۇر تاختىسى 120 مىليون يۈەنگە سېتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 700 مىليون قىممىتىدىكى 300 سپورت ئاپتوموبىلى جەم بولۇپ ئىئانە توپلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى يوق تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015