فارارى 488 GTOنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 700 ئات كۈچىگە يېتىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-07 01:30:23

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فارارى GTBنىڭ قاتتىق تورۇسلۇق نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋاقتىنچە GTO دەپ ئىسىم قويغان، بۇ مۇسابىقە يولى لايىھەسىنى مەركەز قىلغان ئاپتوموبىل تىپى ھەمدە پورسچى 911 GT2 RS بىلەن يەكمۇيەك تۇتۇشالايدۇ، باشلىنىش باھاسىنىڭ 1 مىليون 890 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئېلان قىلىنغان سۈرەتتىن قارىغاندا، مۇسابىقە يولى نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، يېقىنلىشىپ كېتىدىغان تېخنىكا ھەمدە تېخىمۇ چوڭ ھاۋا كىرىش ئېغىزى قوللىنىلىدىغانلىقى ھەمدە ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. فارارى 488 GTO ئاپتوموبىلى 458 Specialeنىڭ ۋارىسى دەپ قارالدى، بىلىش كېرەككى، 458 Speciale كەڭ ھالدا تارىختىن بۇيانقى ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى فارارى V8 سپورت ئاپتوموبىلى دەپ قارىلىپ كەلگەن.

488 GTO دېگەن ئىسىممۇ ۋاقىتلىق قويۇلغان، ئورگان تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمىگەن، ئىلگىرى ئىسمىدا GTO قوشۇمچىسى بارلىرى 288 GTO ۋە 250 GTO ھەمدە 599 GTO قاتارلىقلار ئىدى، بۇنىڭدا 599 GTO ئاپتوموبىلى 599 XXنى ئەسلى تىپ قىلغان يولغا چىققان نۇسخىسى ئىدى.

فارارى 488 GTOنىڭ ئىچكى بېزىكى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئىخچام ھەمدە كۆپ ئورۇنلىرى يېنىك ماتېرىيالدىن ياسالغان، شامال توسۇش ئەينىكى، ئاپتوموبىل دېرىزىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ساپات تورمۇز ھەمدە سوقما چاق ئىشلىتىلگەن. پۈتكۈل ئېغىرلىقى پەقەت 1400 كىلوگىرام.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى جەھەتتە 488 GTO ئاپتوموبىلىغا قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق 3.9L V8 ئوتتۇرىغا ئورنىتىلغان ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 700 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتىمۇ 760 نيۇتون مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. 100 كىلومېتىرغا تېزلىنىشىغا تەخمىنەن 2.7 سېكۇنت كېتىدۇ، تىنچ ھالەتتىن 200km/hغا تېزلىنىش 7.5 سېكۇنت ئىچىدە تاماملىنىدۇ.

مۇنتىزم نۇسخىدىكى 488 ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتى 248km/hكە يەتكەندە پەيدا بولىدىغان تۆۋەنگە يۈزلەنگەن بېسىمى 325 كىلوگىرام، پورسچى 911 GT2 RSنىڭ بولسا 340 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، شۇڭا فارارى ھاۋا دىنامىكا لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈرئىتى ھەمدە ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى. بىرلا ۋاقىتتا، SCC يانغا سىيرىلىدىغان بۇلۇڭ كونترول سىستېمىسىمۇ يۇمشاق دېتالىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، پورسچى 911 GT2 RSنىڭمۇ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 700 ئات كۈچىگە يېتىدۇ، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتىمۇ 750 نيۇتون مېتىرغا يېتىدۇ.  0-96km/hغا تېزلىنىشكە پەقەت 2.7 سېكۇنت كېتىدۇ. ئەڭ كۈچلۈك 911 بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم پورسچىغىمۇ چوڭ بېسىم بولدى.

ھازىرغا قەدەر، ئورگان تەرەپ 488 GTOغا بەك كۆپ باھا بەرمىدى، ئەمما يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ نىقابلىنىش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە يېتىدۇ، 2018-يىلى رەسىمىي بازارغا سېلىندىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • پورسچى تارىخىدىكى بۇ بەش ئاپتوموبىلدىن قايسىسىنى تاللايسىز؟
  • لەند روۋېر: ئاپتوموبىل ئەينىكىنى كىم چاقالىسا، ھەيدەپ كەتسە بولىدۇ!
  • ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان بەش ماي ئىچەر ئاپتوموبىل
  • دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئايروپىلان سېتىش خادىمى پېنسىيەگە چىقماقچى
  • دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز 10 سپورت ئاپتوموبىلى
  • لېي جۈننىڭ يەر شارى بويىچە 6 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلغان 8 مىليونلۇق ئاپتوموبىلى
  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەخسىي ئايروپىلان: ياسىلىش باھاسى 2 مىليارد يۈەن، سائەتلىك ئىجارىسى 180 مىڭ يۈەن
  • ئاپتوموبىلدىكى قايسى سەپلىمىلەرنى چوقۇم بولسىكەن دەپ ئويلايسىز؟
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى
  • تويوتا كامراينىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسى 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلىدۇ
  • دۇنياغا داڭلىق 10 چوڭ ئاپتوموبىل شەھىرى
  • پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • باھاسى يېڭىسىدىنمۇ قىممەت نىمكەش ئاپتوموبىللار
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا نېمە ئۈچۈن يورۇتۇش چىراغلىرى بولمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇق باي سېتىۋالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ماشىنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاپتوموبىل چۈشەنمەيدىغانلار قايسى گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مىليون دەرىجىدىكى ئوق ئۆتمەس بۇ SUVنىڭ چېۋرولېت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015