فىسكېرنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد توكلۇق ئاپتوموبىلى CESتا ئېلان قىلىنىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-07 20:00:19

بېتا تورى 7-يانۋار خەۋىرى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇسى motorauthorityنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىسكېر (Fisker)شىركىتى مۇستەقىل ياساپ چىققان ئىككىنچى توكلۇق ئاپتوموبىل EMotion كېلەر ھەپتە لاسۋېگاستا باشلىنىدىغان خەلقئارا ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسى (CES)دە ئېلان قىلىنىدىكەن. فىسكېر شىركىتىنىڭ CEOسى ئىجتىمائىي ئالەقە تورىدا بۇ ئۇچۇرنىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. 

Fisker شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، EMotion توكلۇق ئاپتوموبىلى ئاز بولغاندا 640 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە توققۇز مىنۇت توك قاچىلانسىلا 320 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرەلەيدىكەن، بۇ تېز توك قاچىلاش سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 

يەنە بىر يارقىن نۇقتا ئۇنىڭغا ئىنتايىن مودا ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، ھەيدىگۈچىلەر يولدا ئىككى قولىنى قويۇۋەتسىمۇ بولىدىكەن. 

ئەمما فىسكېر ئىلگىرى ۋەدە قىلغان قاتتىق ھالەتتىكى گىرافىن باتارېيەسىنى قايتا ئىشلىتىش مەسىلىسى يەنىلا رېئالىققا ئايلانمايدىغاندەك قىلىدۇ. 

چۈنكى فىسكېر شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى Nanotech قاتتىق ھالەتتىك گىرافىن باتارېيەسى تەتقىق قىلىدىغان شېرىكلەشكەن كارخانىسىنى تارقىتىۋەتتى. 

ھەمكارلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن Nanotech بىلەن فىسكېرنىڭ يۈزەكى مۇناسىۋىتى خېلى بولۇپ قالىدۇ، ئەمما EMotion دېگەن بۇ شىركەت LG Chemنىڭ باتارېيە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، تەمىنلىگۈچى تەرەپنكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، Nanotech ئېنىقلا ئانچە خۇش بولمىغاندەك قىلىدۇ. 

Nanotech شىركىتى 2019-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە كونكرېت ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس. 

ئەمما سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار 2000 دوللار (تەخمىنەن 13 مىڭ يۈەن) تۆلىسىلا ئالدىن سېتىۋالالايدۇ، باشلىنىش باھاسى 139 مىڭ 900 دوللار (تەخمىنەن 876 مىڭ 900 يۈەن).

ئۇنىڭدىن باشقا، فىسكېر شىركىتى يەنە 2020-يىلى زاكالەت پۇلى 34 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 220 مىڭ يۈەن)لىك توكلۇق ئاپتوموبىل چىقىرىشنى پىلانلىدى، ئەمما بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كونكرېت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىدى. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت نومۇر تاختىسى 120 مىليون يۈەنگە سېتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 700 مىليون قىممىتىدىكى 300 سپورت ئاپتوموبىلى جەم بولۇپ ئىئانە توپلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى يوق تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015