پۈتۈن دۇنيادا پەقەت 77 دانىلا بار ئاستون مارتىن ONE 77 ئاپتوموبىلى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-06 00:07:14

مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،:

ئاستون مارتىن ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى، ئاساسلىق ساياھەت ئاپتوموبىلى ۋە چەكلىك مىقداردىكى سپورت ئاپتوموبىلى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئاستون مارتىن شىركىتى 1933-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى لېئونارد مارتىن ۋە روبېرت بېن.

بۇ شىركەتنىڭ ONE 77 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ چەتئەلدىكى باھاسى بىر مىليون 200 مىڭ فوندستېرلىڭ، جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسى 47 مىليون يۈەن، پۈتۈن دۇنيادا 77 دانىلا بار.

باشقا ئاپتوموبىلغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋى ئەنگىلىيە ئۇسلۇبىنى ھازىرلىغان.

بۇ ئاپتوموبىلدىن جۇڭگوغا پەقەت بەش دانىلا سېتىپ بېرىلگەن، بىراق كىملەرنىڭ سېتىۋالغىنى ئېنىق ئەمەس. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، چوقۇم پۇلدارلار سېتىۋالغان.

بۇ ئاپتوموبىلغا 7.3Lلىق V12 ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 760hpگە يېتىدۇ، 750 نيۇتون مېتىرلىق تولغىنىش مومېنتىغا ئىگە، 100 كىلومېتىرغا تېزلىنىش ۋاقتى 3.5 سېكۇنت، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 354km/hگە يېتىدۇ.

ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن بېزەلگەن، بۇ نەپىس لايىھە ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەندە ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت نومۇر تاختىسى 120 مىليون يۈەنگە سېتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 700 مىليون قىممىتىدىكى 300 سپورت ئاپتوموبىلى جەم بولۇپ ئىئانە توپلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى يوق تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015