مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ئاپتوموبىل ماھىرى بىر كالىنى سوقۇپ ئۇچۇرۇۋەتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-09 15:11:00

تېڭشۈن تورى 9-فېۋرال خەۋىرى، :

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارك 425 دالا ئاپتوموبىلى راللى مۇسابىقىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن، سائىتىگە 180 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ماھىر بىر كالىنى سوقۇۋەتكەن. بىچارە كالا سوقۇلغاندىن كېيىن ئۇچۇپ كەتكەن، مۇسابىقە ئاپتوموبىلىمۇ دومىلاپ كەتكەن. بىراق، بەختكە يارىشا، ئۇ ماھىر قورقۇپ كەتكەندىن باشقا ھېچقانداق يارىلانمىغان.

كەسپىي ئاپتوموبىل ماھىرى كىرىستىيان بىلەن يول باشلىغۇچى جون باشقىلاردىن خېلىلا ئىلگىرىلەپ كەتكەن، ھەممە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتاتتى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 180 كىلومېتىرغا يەتكەنىدى. بىراق، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر تاساددىپىيلىق يۈز بەردى، ئىككى كالا مۇسابىقە يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ رەڭگى مۇسابىقە رايونىنىڭ مەنزىرىسىگە بەكلا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن پەرقلەندۈرۈش قىيىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ كىرىستىيان ھەيدىگەن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئالدىدا ماڭغان كالىنى سوقۇپ ئۇچۇرۇۋەتتى، كالىنىڭ قانلىرى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكىگە چېچىلدى؛ ئاپتوموبىل دومىلاپ بېرىپ بىر تەرەپتە توختىدى، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

بەختكە يارىشا، كىرىستان ۋە ئۇنىڭ دوستى ھېچقانداق يارىلانمىدى. ۋەقەدىن كېيىن قۇتقۇزغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلان نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى ھەم باشقا مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئەۋەتىپ ئۇلارغا سوقۇلۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. كىرىستان بۇ ئىشتىن كېيىن: «مەن نېمە ئىش بولغىنىنى بىلىشتىن بۇرۇنلا كالا سوقۇلۇپ بوپتىكەن. بۇنىڭدىن قاتتق چۆچۈپ كەتتىم. بۇ مەن يولۇققان تۇنجى ئېغىر ۋەقە بولغاچقا قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم» دېدى. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شەرتلىرى ۋە پىراۋا دەرىجىلىرى
  • ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇپ قويسىڭىز...
  • پورسچى تارىخىدىكى بۇ بەش ئاپتوموبىلدىن قايسىسىنى تاللايسىز؟
  • لەند روۋېر: ئاپتوموبىل ئەينىكىنى كىم چاقالىسا، ھەيدەپ كەتسە بولىدۇ!
  • ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان بەش ماي ئىچەر ئاپتوموبىل
  • دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئايروپىلان سېتىش خادىمى پېنسىيەگە چىقماقچى
  • دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز 10 سپورت ئاپتوموبىلى
  • لېي جۈننىڭ يەر شارى بويىچە 6 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلغان 8 مىليونلۇق ئاپتوموبىلى
  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەخسىي ئايروپىلان: ياسىلىش باھاسى 2 مىليارد يۈەن، سائەتلىك ئىجارىسى 180 مىڭ يۈەن
  • ئاپتوموبىلدىكى قايسى سەپلىمىلەرنى چوقۇم بولسىكەن دەپ ئويلايسىز؟
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى
  • تويوتا كامراينىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسى 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلىدۇ
  • دۇنياغا داڭلىق 10 چوڭ ئاپتوموبىل شەھىرى
  • پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015