يېڭى نۇسخىدىكى مازدا 6 ئاپتوموبىلىنىڭ ساياھەت نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-09 15:14:55

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، :

يېقىندا مازدا ئورگان تەرەپ يېڭى نۇسخىدىكى مازدا 6نىڭ ساياھەت نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىل 3-ئايدا ئېچىلىدىغان جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسىمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

يېڭى نۇسخىدىكى مازدا 6 ئۈچ كوزۇپلۇق نۇسخىسى 2017-يىللىق لوس ئانجىلىس ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسىمىي نامايان بولغان ئىدى، يېڭى ئاپتوموبىلغا يېڭى ئالدى يۈز لايىھەسى قوللىنىلغان. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى مازدا 6 ساياھەت نۇسخىسىغا يېڭى نۇسخىدىكى ئۈچ كوزۇپلۇق نۇسخىسى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان لايىھە قوللىنىلغان. ئۇچار قانات شەكلىدىكى خىروم يالىتىلغان بېزەك تاياقچە ھەمدە رېشاتكا شەكلىدىكى سالاسۇن ياسىلىش تىپى ھازىرقى نۇسخىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەشەمەت تۇيغۇسى بەرپا قىلغان، ئالدى ئورالمىسىنىڭ لايىھەسى تېخىمۇ ئىخچاملاشقان. ساياھەت نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن گەۋدىسى تار ئۇزۇن، كۆپ بۆلەكلىك بەل سىزىقلىرى لايىھە تۇيغۇسىغا ئىنتايىن مول.

يېڭى نۇسخىدىكى تىپىنىڭ لايىھەسىمۇ تېخىمۇ ئىخچاملاشقان، رول، مەركىزىي كونترول قاتارلىق ناھايىتى كۆپ تەپسىلاتى سەل ئۆزگەرگەن. يېڭى ئاپتوموبىل NVH جەھەتتە سەل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بۇ مازدا 6نى ياخشى كۆرىدىغان ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن خۇش خەۋەر. پۈتكۈل گەۋدىسىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىكى تېخىمۇ نەپىس.

ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسىدا يېڭى مازدا 6غا 2.5Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور ۋە CX-9 بىلەن ئوخشاش 2.5Tلىق بىۋاسىتە پۈركۈيدىغان تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور تەمىنلەنگەن. 2.5Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 253 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 420 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە ئالتە خوتلۇق قول خوت، ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك خوت ئىشلىتىلگەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى شەرتلىرى ۋە پىراۋا دەرىجىلىرى
  • ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇپ قويسىڭىز...
  • پورسچى تارىخىدىكى بۇ بەش ئاپتوموبىلدىن قايسىسىنى تاللايسىز؟
  • لەند روۋېر: ئاپتوموبىل ئەينىكىنى كىم چاقالىسا، ھەيدەپ كەتسە بولىدۇ!
  • ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان بەش ماي ئىچەر ئاپتوموبىل
  • دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئايروپىلان سېتىش خادىمى پېنسىيەگە چىقماقچى
  • دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز 10 سپورت ئاپتوموبىلى
  • لېي جۈننىڭ يەر شارى بويىچە 6 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلغان 8 مىليونلۇق ئاپتوموبىلى
  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەخسىي ئايروپىلان: ياسىلىش باھاسى 2 مىليارد يۈەن، سائەتلىك ئىجارىسى 180 مىڭ يۈەن
  • ئاپتوموبىلدىكى قايسى سەپلىمىلەرنى چوقۇم بولسىكەن دەپ ئويلايسىز؟
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى
  • تويوتا كامراينىڭ تارىخىنى بىلەمسىز؟
  • شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسى 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلىدۇ
  • دۇنياغا داڭلىق 10 چوڭ ئاپتوموبىل شەھىرى
  • پىراۋا ئېلىش مۇھىممۇ، بىخەتەرلىكمۇ؟
  • ياۋروپاغا بارغاندا ئۇچقۇر ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىۋالىدىغان ئوتتۇرا شەرق زەردارلىرى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
  • پىراۋىنى كۈچتىن قالدۇرۇش بىلەن بىكار قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015