پىراۋىنىڭ نومۇر قەستىگە مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلارغا سەل قارىماڭ

تەۋە تۈر : خەۋەر > ماشىنا >       مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-09 16:35:51

بەزى شوپۇرلار يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، پىراۋىنىڭ نومۇر پەسلى ئالماشتى، دەپ خاتا ئويلىۋېلىپ، يىل ئاخىرىدا پىراۋىسىدا قالغان نومۇرنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ. مۇخبىرىمىز گۈلرۇخ يالقۇن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى: ئادەتتە پىراۋىنىڭ نۇمۇر پەسلى 12 ئايدا بىر ئالمىشىدۇ، يەنى شوپۇرغا پىراۋا تارقىتىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: پىراۋا شوپۇرنىڭ قولىغا 2018-يىلى 5-يانۋار تەگكەن بولسا، پىراۋىدىن نومۇر تارتىلىش ۋاقتى 2019-يىلى 5-يانۋارغىچە بولىدۇ. (نومۇر  پەسلى)؛ ھەربىر يېڭى نومۇر پەسلىدە پىراۋىغا 12 نومۇر تولۇقلىنىدۇ، (پىراكتىكا مەزگىلىدىمۇ ئوخشاش)، بىر نومۇر پەسلىدە تارتىلغان نومۇر 12گە يەتمىگەن، ئەمما قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، تۆلەشكە تېگىشلىك جەرىمانە تۆلىنىپ بولغان بولسا، يېڭى نومۇر پەسلىدە 12 نومۇر تولۇقلىنىدۇ، ئەمما تۆلەشكە تېگىشلىك جەرىمانە تۆلەنمىگەن بولسا، تارتىلغان نومۇرى كېلەركى نومۇر پەسلىگە ئاپتوماتىك يۆتكىلىدۇ. بىر قېتىملىق نومۇر تارقىتىش قىممىتى: 1،2،3،6،12 بويىچە بەش خىل بولىدۇ. ئادەتتە نومۇر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشقا ئاساسەن تارتىلىدۇ، نومۇر تارقىتىش بىلەن تەڭ جەرىمانە قويۇلىدۇ، ناۋادا نومۇر تارتىلغان قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش ئىككىدىن ئاشسا، ئايرىم-ئايرىم ھېسابلىنىپ، نومۇر قىممىتى جۇغلىنىدۇ. ناۋادا بىر نومۇر پەسلىدە تارقىتىدىغان نومۇر 12 نومۇرغا يەتسە:

① پىراۋا تۇتۇپ قېلىنىدۇ؛

② 15 كۈن ئىچىدە پىراۋا بەرگەن ئورۇن ياكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان جايدىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزام، نەزەرىيە ساۋاتلىرى بويىچە يەتتە كۈن تەربىيەلىنىدۇ، 20 كۈن ئىچىدە شۇ ھەقتىكى ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ؛

③ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنىڭ نومۇرى ئەسلىگە كېلىپ پىراۋا تارقىتىلىدۇ؛

④ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر داۋاملىق تەربىيەلىنىپ، داۋاملىق ئىمتىھان بېرىدۇ.

⑤ تەربىيەلىنىش ھەم ئىمتىھان بېرىشنى رەت قىلغانلارنىڭ پىراۋىسى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ؛

ھەربىر نومۇر پەسلىدە پىراۋىدىن تولۇق نومۇر تارتىلغان قېتىم سانى ئىككىدىن ئاشسا ياكى تارقىتىلغان نومۇرى 24 تىن ئاشسا:

① يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزام ۋە نەزەرىيە ساۋاتلىرى بويىچە يەتتە كۈن تەربىيەلىنىدۇ ھەمدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

② شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 3-تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ، ئىمتىھان شۇ كىشىنىڭ پىراۋىسىدىكى ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل تىپى بويىچە ئېلىنىدۇ.

B2 ،B1 ،A3 ،A2 ،A1 پىراۋىلىرى يېڭى نومۇر پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدا تەكشۈرۈلىدۇ، ئەمما بىر نومۇر پەسلىدە پىراۋىدىن نومۇر تارتىلمىغان بولسا، شۇ نومۇر پەسلىدىكى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت نومۇر تاختىسى 120 مىليون يۈەنگە سېتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 700 مىليون قىممىتىدىكى 300 سپورت ئاپتوموبىلى جەم بولۇپ ئىئانە توپلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى سۈرئەت چەكلىمىسى يوق تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ پارات ئاپتوموبىلى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 17-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل قىلمىشتىن بىۋاستە 12 نومۇر تارتىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015