ئاپتونوم رايونىمىزدىن 149 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 21:02:56

مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 149 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 81.45كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 80 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس)قا 68 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 183 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار 5 قېتىم ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانلارغا توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرغان. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسى، رەت تەرتىپى، نومۇر چېكىنى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىن باشقا، قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئارزۇنى ئۆزگەرتىش)ىغا يول قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان.
ئۇقۇشىمچە، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 9-ئاينىڭ 27-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 8 دىن سائەت 20 گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. بۇ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدىكەن. 9-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: قەلبىنۇر

مەنبە: 

http://uyghur.xjdaily.com/47/42733.html

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • رەناگۈل 19 يىل كۆرۈشمىگەن چېڭدۇلۇق دادىسى بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ 2000 نېنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كېرىيەلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015