2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدا 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 21:03:25

شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى  <13-بەش يىل> لىق تەرەققىيات پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى. «پىلان» دا ئوتتۇرىدا قويۇلۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېتىپ، 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىدىكەن، زامانىۋى مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىپ، «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم مائارىپ مەركىزى بولۇپ قالىدىكەن.

«پىلان»دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئومۇملىشىپ، 3 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %98 گە يەتكۈزۈلىدىكەن. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ئەمەلىيلىشىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ پۇختىلىنىش نىسبىتى %95 كە يەتكۈزۈلىدىكەن، مەكتەپتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىلىدىكەن. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى %90 كە يەتكۈزۈلىدىكەن، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگەللەيدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدىكەن. ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسلارنىڭ ئوقۇش چېكى ئوتتۇرا ھېساب 11 يىلغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئوقۇش چېكى 13 يىلغا يەتكۈزۈلىدىكەن. 2020-يىلىغا بارغاندا 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەنبە: 

http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/08/content_618322.htm?lang=uy

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • رەناگۈل 19 يىل كۆرۈشمىگەن چېڭدۇلۇق دادىسى بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ 2000 نېنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كېرىيەلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015