ئۈرۈمچى مۇشۇ ھەپتىدە كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-12 18:22:02

   ئۆز خەۋىرىمىز: بەرىكەتلىك ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىسى كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

    مۇخبىرنىڭ 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا℃11~℃26 ئارلىقىدا بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى كۈز پەسلىگە قەدەم قويىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولغاچقا كىشىلەردە ياز پەسلىدەكلا تۇيغۇ بولغان. مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃20تىن تۆۋەن بولۇپ، مېتېئورولوگىيە نۇقتىسىدىكى كۈز ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن.

 

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/12/content_618981.htm

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • رەناگۈل 19 يىل كۆرۈشمىگەن چېڭدۇلۇق دادىسى بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ 2000 نېنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كېرىيەلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015