كۇچا ناھىيەسىدە 20 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە : uy.ts.cn      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-08 21:08:59

 

 

   

 ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «تەڭرىتاغدا مۇھەببەت، كۈسەندە ئارزۇ»تېمىسىدىكى 20 جۈپ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى 6- يانۋار كۇچادا ئۆتكۈزۈلدى.
 مۇراسىمدا، كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابدۇقادىر مونىياز ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن 20 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا بەخت تىلىدى.
ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، مائارىپ ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى قىز-يىگىتلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلدى، پائالىيەتتە يەنە مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، قىز–يىگىتلەرنىڭ تويى تەبرىكلەندى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/01/08/035069080.shtml


تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۆلەت بايرىمى مۇبارەك: ۋەتىنىم جۇڭگو، تەشەككۈر ساڭا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رەناگۈل 19 يىل كۆرۈشمىگەن چېڭدۇلۇق دادىسى بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ 2000 نېنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كېرىيەلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015