«مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (6)

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-01 00:32:32

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى: «سۆيگۈ تىلىكى»

2017-يىل فېۋرال، توخۇ يىللىق چاغان ھارپىسىدا، باقتۇ  چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش زالىنى چاغانلىق بېزىدى ھەمدە كەڭ يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش . بىرلىكتە چاغاننى تەبرىكلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يولۇچىلارغا مەسنەۋى، جۇڭگو تۈگۈچى ۋە باشقا چاغانلىق بېزەكلەرنى سوۋغا قىلىپ، چېگرا ئېغىزىدا قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ، يولۇچىلارغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. باقتۇ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پۇنكىتىنىڭ خادىمى قازاق بالىغا جۇڭگو تۈگۈچى سوۋغا قىلدى.

( ۋاڭ چۈنلى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى باقتۇ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن )

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى: «ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋېلىش»

2017-يىل 2-يانۋار، شىخو شەھىرى نەنيۈەن كوچا ئىش باشقارمىسى چۆچەك يولى ئاھالىلەر رايونىدىكى كۈتۈنۈش مەركىزىدە، ھەر مىللەتتىن بولغان ياشانغانلار دېرىزىلەرگە چاغانلىق قىيما نەقىش چاپلىماقتا. ئۇ كۈنى، بۇ ئاھالىلەر رايونى « قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ چاغاننى كۈتۈۋېلىش. شەپەقتىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى سۆزلەش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە قىيما نەقىش چاپلاپ، تۈگۈر تۈگۈپ، تېپىشماق تېپىشىپ خوشال-خورام ھالدا چاغاننى كۈتۈۋالدى.

(گاۋ بو، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىن)

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى : «خوشال تومۇز كۈنلىرى»

كۈيتۈن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پويىز ئىستانسىسى كوچا ئىش باشقارمىسى كاڭتەييۈەن ئاھالىلەر رايونىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، ئولتۇراق رايون خوجىلىق باشقۇرۇشىدا يېتەرسىزلىك بارلىقى، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىزچىل تولۇق سەپلەنمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خىزمەت ئەترىتى ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، مەبلەغ جۇغلاپ كاڭتەييۈەن رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى سەپلەپ بېرىپ، ئولتۇراق رايون مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

2017-يىل 19-ئىيۇن، كاڭتەييۈەن ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق سالاھىدىن خىزمەت ئەترىتى ئورنىتىپ بەرگەن ئورۇندۇق-ئۈستەللەرنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا ئايالىغا چاي دەملىتىپ، ئۆزى يوغان تاۋۇزدىن بىرنى ئەكىلىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە ئاھالىلەر رايونىدىكى كادىرلارغا ئۇسسۇزلۇق سۇنۇپ، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

(چېن شۆفېڭ، كۈيتۈن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كاڭتەييۈەن ئاھالىلەر رايونىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن)

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى: «تەڭكەش»

2015-يىل ئىيۇل، تۇرپان قىزىل مىڭئۆي سەيلىگاھى ئالدىدا، بىر ئۇيغۇر ئەلنەغمىچى مۇزىكا چېلىۋاتاتتى. گەنسۇدىن ياردەمگە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن ئىستۇدېنت بوۋاينىڭ مۇزىكىسىغا مەستخۇش بولدى ھەمدە بوۋايدىن تەلىم ئېلىپ، ئىككىسى بىرلىكتە تەڭكەش قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى كۈيىنى ياڭراتتى.

(ياڭ باۋگو، سانجى ئوبلاستى جىمسار ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى : «مول ھوسۇل يىغقۇچى»

2016-يىل 6-ئۆكتەبىر، ئونسۇ ناھىيە توخلا يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كادىرىنىڭ دۈەن لىخۇڭ تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى . ئۇلار بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

(يەن شولىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى)

2017-يىل 17-ماي، سانجى ئوبلاستى قۇتۇبىي ناھىيەسى.  «ئالتۇنخان» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ھەر مىللەت پىدائىيلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ۋاڭ گۈيجېن موماينىڭ 77 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ پىدائىيلار  مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ گۈيجېن موماي  بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ قوشۇنى زورىيىپ، ئەڭ دەسلىپىدىكى نەچچە ئادەمدىن 5000دىن ئارتۇق ئادەمگە تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قۇتۇبىيدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ماكاننى ئىللىقلىققا تولدۇردى.

(تاۋ ۋېيمىڭ، سانجى ئوبلاستى قۇتۇبىي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن)

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى: «سىز ماڭا ئايتوقاچ پىشۇرۇشنى ئۆگىتىڭ، مەن سىزگە ساڭزا سېلىشنى ئۆگىتىپ قوياي»

2015-يىل 23-سېنتەبىر، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، سانجى شەھىرى يەنئەن شىمالىي يولى كوچا ئىش باشقارمىسى جىنلىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ « «سىز ماڭا ئايتوقاچ پىشۇرۇشنى ئۆگىتىڭ، مەن سىزگە ساڭزا سېلىشنى ئۆگىتىپ قوياي»  مىللەتلەر مەززىلىك تائام تەييارلاشنى ئۆزئارا ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى بەس-بەستە سۆزلەش بىلەن بىرگە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

(گو يۈخۈەن، سانجى شەھەرلىك يەنئەن شىمالىي يولى كوچا ئىش باشقارمىسى جىن لىڭ ئاھالىلەر رايونىدىن )

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى: «تۇغقانلار بىرلىكتە جەم بولۇش تۈگرىسى يېيىش»

2016-يىل چىللىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ليۇ شۇجۇاڭ كەنتى لوڭخې يېزا ئىگىلىك، تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنمىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ياسىن ھېيتەم بىلەن بىرلىكتە تۈگۈر يەپ، چىللە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

(ما چاۋ، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن)

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/01/30/035083510.shtml



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ‏‏«دەل جايىدا تۈزەيدۇ»‏
  • ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 10 چوڭ ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ
  • ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېيىغا 1620 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى
  • شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھەپتە ئاخىرىدا قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ
  • ئۈرۈمچىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئەترەتلىرى ھەرىكەتكە كەلدى
  • قوشنىلىرىغا قىزغىن غەمخورلۇق قىلغان زاھىدە
  • چاغان مەزگىلىدە كورلا ئاھالىسى ئاق قۇلارنى تاماشا قىلدى
  • ھەرمىللەت ئاھالىلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ چاغاننى خوشال-خۇرام ئۆتكۈزدى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (1)
  • ئاپتونوم رايون 2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى، بىر نىيەت، بىر ئارزۇدا يېڭى يىلنى ئۆتكۈزەيلى
  • «خەلق گېزىتى» ئوبزورى: ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ
  • چېن چۈەنگو چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
  • چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو يىلىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش
  • شىنجاڭلىق ياشلار چاغانلىق يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە پويىز كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  • شىنخۇا تورىنىڭ ھەپتىلىك دۆلەت ئىچى نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى
  • چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ
  • جەنۇبىي شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قومۇل سەپىرى كۆڭۈللۈك بولدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • شىنجاڭدىكى تۇنجى «يۈرەك ئالماشتۇرغۇچى» «يۈرەك» ىنىڭ 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىئەن 9-مەركىزىي شەھەر بولدى: دۆلىتىمىزدە يەنە قايسى مەركىزىي شەھەرلەر بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلەت بايرىمى مۇبارەك: ۋەتىنىم جۇڭگو، تەشەككۈر ساڭا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015