خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە : uy.ts.cn      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-05 22:29:33

 ـــ ئۈرۈمچى شەھىرى كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى

 سۇ لۇپىڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرى  ئۈرۈمچى شەھىرى يۆجىن كوچىسى ‹‹ياڭگۇاڭ فۇجۈ›› ئولتۇراق رايونىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تارتىلغان، ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىنشىڭ كوچىسىدىن ئۆيى چېقىلىپ كۆچۈرۈلگەن جاڭ شۆليەن 1–ئاينىڭ 22–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كۆچۈرۈش–چېقىش تاماملىنىپ، تەكشى تۈزلەنگەن يەرگە قاراپ خۇشاللىققا چۆمدى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن جاڭ شۆليەن زور ئارزۇغا تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار مۇھىت ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى 2017–يىلى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، بۇلتۇر 11–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 171 مىڭ 578 ئۆينى ئېلىپ، نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلىدىغان 29 تەۋەلىك رايوندىكى ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بولغان رازى بولۇش دەرىجىسى قانداق؟ يېڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ 1–ئاينىڭ 21–كۈنىدىن 1–ئاينىڭ 22–كۈنىگىچە سايباغ رايونى، تەڭرىتاغ رايونىدىكى قىسمەن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلدىم.

 

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم»

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چىڭفېڭ يولى خۇيمىن مەھەللىسىدىكى ھاجىرەم زاكىر قايتا–قايتا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، ئۆمۈر بويى بۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالمايتتىم، مەن ئىنتايىن رازى بولدۇم.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ھاجىرەم زاكىر ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى نۇرلۇق مەھەللىسىدىكى كەپە ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. ھېچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى، يامغۇر ياغقاندا ياكى ئەتىيازدا قار ئېرىگەندە ئۆيىدىن تامچە ئۆتەتتى، قىشتا ئىسسىنىشتىن، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىقلاردىن بەك قىينىلاتتى، بۇلتۇر 11–ئاينىڭ 9–كۈنى موماي ئۆي ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئۇنىڭغا خۇيمىن مەھەللىسىدىن 73 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي تەقسىم قىلىندى. كېيىن سايباغ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە نۇرلۇق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاددىيلا بېزەپ بەردى ھەم بۇستارتقۇ، گاز ئوچاق قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ بەردى، شۇنداقلا موماينىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈشىگە ياردەملەشتى.

يېڭى ئۆي تىلغا ئېلىنسىلا ھاجىرەم زاكىر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: ھېچقانداق نەرسىنىڭ غېمىنى  قىلمايلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈۋالدىم، يېشىم شۇنچە چوڭ تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق بەختكە ئېرىشتىم، بەكلا خۇشالمەن.

 

كونا ئۆيدىن ئايرىلىپ قەھرىتان قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن باھارگۈل 1– ئاينىڭ 21–كۈنى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ ئىللىق ئۆيگە ئىگە بولدۇم.

باھارگۈل بۇلتۇر 4–ئايدىن ئىلگىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭچىڭ كوچىسى تيەنخې ئولتۇراق رايونىدا تۇراتتى، بۇ ئولتۇراق رايون باشقۇرۇقسىز قورۇ ئىدى. مەھەللە بۇ ئولتۇراق رايونىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مۇھىتىنى ياخشىلىغان بولسىمۇ، تۇرۇبا تورى كونىراپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى نەچچە يىل قىيىنچىلىقتا ئۆتكەنىدى، باھارگۈل مۇنداق دېدى: پار تۇرۇبىسى كونىراپ كەتكەچكە، كۆپ ساندىكى ئاھالىلەر يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇشنى خالىمايتتى. قىش كەلسىلا، سۇنىڭ بېسىمى ئېشىپ، پار تۇرۇبىسى ئاسانلا  يېرىلىپ كېتەتتى، سۇ بېسىمى تۆۋەن بولسا، ئۆي ئىسسىمايتتى.

باھارگۈلدىن ئىلگىرى كۆچۈپ كېتىشنى ئويلاپ باقمىغانمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ مۇنداق دېدى: ئويلىغان، ئەمما ياشىنىپ قالغاچقا، دوختۇرخانىغا يېقىن، كۆكتات، نەرسە–كېرەك سېتىۋېلىشقا قولايلىق جايلاردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى بەك قىممەت ئىكەن، بىزدە نەدە ئۇنچىلىك كۆپ پۇل بولسۇن. بۇلتۇر 4–ئايدا باھارگۈل تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنشى يولى 2 – قارارلىق كۆچۈرۈش–چېقىش تۈرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قوشنىسى بىلەن بىللە دەرھال تۆلەم پۇل كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

ئىگىلىشىمچە، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي ئېلىش خىزمىتىدىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋە قىيىن ھالقىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويۇش چارىسى»، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆي ئېلىشقا تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يېتەكچى پىرىنسىپى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك سىياسەت، ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ ئېلان قىلغان ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆي ئېلىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆيى ئېلىنغان ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرگەن.

باھارگۈل مۇنداق دېدى: ئۆي ئېلىش چارىسى ئىنتايىن ئادىل بولۇپ، تۆلەم پۇلى ئۆز ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈلدى. ئېلىنغان ئۆيۈمنىڭ ئۆي–مۈلۈك گۇۋاھنامىسىدىكى كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىر ئىدى، ئەمما تەڭرىتاغ رايونى ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن يېتەرلىك ياردەم پۇلى بەردى. باھارگۈل كېلىشىم تۈزۈپ ئۇزاق ئۆتمەي تۆلەم پۇلىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

 

مۇھىت ئۆزگەردى، ئىدىيەمۇ ئۆزگەردى

1–ئاينىڭ 22–كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچى شەھىرى گۇچۇڭ يولى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ما جېنجياڭنى خوتۇنى ئالدىرىتىپ: تېز بولۇڭ، ئىشقا كېچىكىپ قالماڭ، دېدى. بۇلتۇر 5–ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىنشىڭ كوچىسىدىكى ئۆزى سېلىۋالغان ئادەتتىكى ئۆيدىن گۇچۇڭ يولىغا جايلاشقان بىر ئولتۇراق رايوندىكى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ بارغان ما جېنجياڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى بىراقلا ئۆزگەردى.

ما جېنجياڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن بىز ئولتۇرغان شىنشىڭ كوچىسىنىڭ يوللىرى ئەگرى–بۈگرى ھەم تار ئىدى. بۇ يەردىكى ئۆيلەر ئائىلىلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆي بولغاچقا، پىلانسىز سېلىنىپلا قالماي، زىچ، ئېگىز–پەس، رەتسىز ئىدى، توك سىمى ھەممە يەردە ساڭگىلاپ تۇراتتى. يامغۇر، قار ياغقان كۈنلەردە ياكى ئەتىيازدا كوچىلار پاتقاقلىشىپ كېتەتتى. يەر ئاستى تۇرۇبا يولى توسۇلۇپ قالسا، پۈتۈن كوچىنى سېسىق پۇراق قاپلاپ كېتەتتى.

ما جېنجياڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ھاسىل بولغان ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: مۇھىت جەھەتتىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىدىيە ئۆزگەردى. بۇرۇن مەن ئۆي  ئىجارە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتىم، پو ئېتىش، قارتا ئويناش، تېلېۋىزور كۆرۈش... بىكارچىلىق كىشىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىدىكەن.

يېڭى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ما جېنجياڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچى–خىزمەتچىلەردىن باشقا، ھەممە كىشىنىڭ خىزمىتى بارلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قاتتىق ئويغا چۆمدى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش رىتىمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، خوتۇنىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدا جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئېرىشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، قىلالايدىغان ئىشىمنىڭ كۆپلۈكىنى بايقىدىم.

ما جېنجياڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆچۈرۈش–چېقىش پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، يېڭى ئۆي، دۇكان سېتىۋېلىپ تىجارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ قېتىمقى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى بىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن ئارزۇيىمىز ئىدى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە مىڭ تەشەككۈر، ھازىر تۇرمۇش مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/02/05/035089965.shtml


 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ‏‏«دەل جايىدا تۈزەيدۇ»‏
  • ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 10 چوڭ ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ
  • ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېيىغا 1620 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى
  • شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھەپتە ئاخىرىدا قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ
  • ئۈرۈمچىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئەترەتلىرى ھەرىكەتكە كەلدى
  • قوشنىلىرىغا قىزغىن غەمخورلۇق قىلغان زاھىدە
  • چاغان مەزگىلىدە كورلا ئاھالىسى ئاق قۇلارنى تاماشا قىلدى
  • ھەرمىللەت ئاھالىلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ چاغاننى خوشال-خۇرام ئۆتكۈزدى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (1)
  • ئاپتونوم رايون 2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى، بىر نىيەت، بىر ئارزۇدا يېڭى يىلنى ئۆتكۈزەيلى
  • «خەلق گېزىتى» ئوبزورى: ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ
  • چېن چۈەنگو چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
  • چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو يىلىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش
  • شىنجاڭلىق ياشلار چاغانلىق يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە پويىز كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  • شىنخۇا تورىنىڭ ھەپتىلىك دۆلەت ئىچى نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى
  • چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ
  • جەنۇبىي شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قومۇل سەپىرى كۆڭۈللۈك بولدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • شىنجاڭدىكى تۇنجى «يۈرەك ئالماشتۇرغۇچى» «يۈرەك» ىنىڭ 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىئەن 9-مەركىزىي شەھەر بولدى: دۆلىتىمىزدە يەنە قايسى مەركىزىي شەھەرلەر بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلەت بايرىمى مۇبارەك: ۋەتىنىم جۇڭگو، تەشەككۈر ساڭا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015