جەنۇبىي شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قومۇل سەپىرى كۆڭۈللۈك بولدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-06 23:07:25

بالىلار قومۇل مۇزېيى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  ئۆز خەۋىرىمىز: 3-يانۋار كەچ قومۇلدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ يۇرتلىرىغا قايتقان بالىلار بۇ قېتىملىق قومۇل سەپىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بەس-بەستە سۆزلىشىۋاتاتتى. بۇ بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇپ سىرتتىكى رەڭدار دۇنيانى كۆرۈش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، قومۇل شەھەرلىك ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 13-شىسى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ گۈيلوڭ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، قومۇل لوڭجيۈەن يىپەك يولى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى لەنگەر كەنتىدىكى 11 بالا قومۇلغا بېرىپ، بەش كۈنلۈك ساياھەت ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتىدە بولدى.

  لەنگەر كەنتى شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى. بۇ كەنتتىكى بالىلارغا نىسبەتەن سىرتلارغا چىقىش، پويىزدا ئولتۇرۇش، مېھمانخانىلاردا يېتىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ بەش كۈن ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتتىن كەلگەن بۇ بالىلار كۆرۈش، سېزىش، ھېس قىلىش ئارقىلىق ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان «تۇنجى قېتىم» لارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.

  «بۈگۈن 30-يانۋار، سەيشەنبە. بىز ئەتىگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، بۇ يەردىكى مەكتەپلەرنى كۆردۇق، بۇ يەردىكى مەكتەپلەر بەك چىرايلىق ئىكەن ...» بۇ چودا يېزىسى لەنگەر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىرئادىل نۇرئەخمەتنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغانلىرى. ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ھەر كۈنى كۆرگەنلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭغان ئىدى.

  12 ياشلىق مىرئادىل نۇرئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىشىم. مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىلەرنى كۆردۈم، نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بىزگە ھەمراھ بولغان تاغا-ھەدىلىرىمىزمۇ بىزگە بەك كۆيۈندى. مەن تىرىشىپ ئوقۇپ، كېيىن شەھەردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇيمەن.

  بالىلار ئۆگىنىش ۋە ئويۇنلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى، ياخشى ماسلاشتى. ئۇلار خوشاللىق ئىچىدە دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. قومۇل لوڭجىيۈەن مەدەنىيەت-سەنئەت تەربىيەلەش مەكتىپى لاتىنچە ئۇسسۇل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭ چېڭلىن رىزۋانگۈلگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقىنى سوۋغا قىلدى. رىزۋانگۈل كىچىك دوسكىغا يۈرەك سىزىپ ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن ياڭ چېڭلىننىڭ ئىسمىنى يازدى.

  بۇ قېتىملىق سەپەرگە 13 ياشلىق رىزۋانگۈل قوشكېزەك ھەدىسى رەيھانگۈل بىلەن بىللە كەلگەن بولۇپ، قىسقىغىنە ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بۇ ئۈچ بالىنىڭ دوستلۇق گۈللىرى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.

  ياڭ چېڭلىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن ماڭا شۇنداق تاتلىق كۈلۈمسىرىدى. مەن شۇنداق ئىللىق ھېس قىلدىم. مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ھەم ئۇلار بىلەن دوست بولغۇم كەلدى. بۈگۈن ئارزۇيۇمغا يەتتىم. بىز بىرلىكتە ئېغىز تىلى دەرسى ۋە لاتىنچە ئۇسسۇل دەرسىگە قاتناشتۇق. دوستلۇقىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  «ياڭ چىڭلىننىڭ مېجەزى بەك ئوچۇقكەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ كېيىن پۇرسەت بولسا ئۆيىمىزگە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ سوۋغىتىنى ياخشى ساقلايمەن» ،-دېدى رىزۋانگۈل خوشال بولغان ھالدا.

  ئۆگىنىش ۋە ساياھەت جەريانىدا لەڭگەرلىك بالىلار قومۇل مۇزېيى، قومۇل 12 مۇقامغا ۋارسلىق قىلىش مەركىزى، قومۇل ۋاڭ ئوردىسى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، شەرقىي بەخت كەنتى، خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىرچىلىقى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. يەرلىكنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە مۇھىتى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك زىچ گىرەلەشكەن جەلپكار قومۇلنى كۆرۈپ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • جەنۇبىي شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قومۇل سەپىرى كۆڭۈللۈك بولدى
  • خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى
  • شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈسى قىزىلتاغ ئېغىزى چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە بايراملىق بۇيۇملارنى يەتكۈزدى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (6)
  • ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىمۇ بۇرچىنى ئادا قىلدى
  • ئۈرۈمچى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃27قا چۈشتى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (2)
  • 2018-يىللىق ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىگە چۈشەنچە
  • «كۆپچىلىكنى گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلەيمەن»
  • ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەش ئۈچۈن قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
  • پولاتتەك سادىقلىق بىلەن تەنتەنىلىك قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن
  • ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى ئۈچ كۈندە تېمپېراتۇرا يۇقىرىلايدۇ
  • كۇچا ناھىيەسىدە 20 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
  • «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دە چوڭقۇرلاشقان قېرىنداشلىق مېھرى
  • دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
  • قېلىن قاردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى 1-دەرىجىلىك «ئەلا» بولدى
  • قەشقەردىكى تۆت ئائىلە «ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۆلەت بايرىمى مۇبارەك: ۋەتىنىم جۇڭگو، تەشەككۈر ساڭا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رەناگۈل 19 يىل كۆرۈشمىگەن چېڭدۇلۇق دادىسى بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ 2000 نېنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كېرىيەلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015