چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-07 16:43:03

مۇخبىرىمىز گۈلرۇخ يالقۇن خەۋەر قىلىدۇ: 1-فېۋرالدىن باشلاپ شەھىرىمىز مەملىكەت بويىچە بىردەك چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ئوخشاشلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغان يېنىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىلىق تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ مەزگىلدە تاشيوللاردا قاتناش ئېقىمى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.

چاغان مەزگىلىدە يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى بولىدىغان بەش بېسىق مەزگىل تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:

 1. 1-فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلگە چىقىپ يۇرتلىرىغا قايتىدىغان بېسىق مەزگىلى؛ 

 2. 11-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە چاغاننىڭ ئالدىدىكى تۇغقان يوقلاش ۋە يۇرتىغا قايتىش بېسىق مەزگىلى؛

 3. 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە يېزا رايونلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاش بېسىق مەزگىلى؛

 4. 21-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە خىزمەتچىلەرنىڭ چاغاندىن كېيىنكى خىزمەت ئورنىغا قايتىش بېسىق مەزگىلى؛

 5. 3-مارتتىن 14-مارتقىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرتىدىن قايتىش بېسىق مەزگىلى ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن سىرت، قاتناش ساقچىلىرى ئىلگىرىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى قاتناش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شەھىرىمىزدە چاغان مەزگىلىدە قاتناش ھادىسىسى ئاسان يۈز بېرىدىغان 61 يول بۆلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ يول بۆلەكلىرى «تەڭرىتاغ» رايونىدىكى«نۇرلۇق» يولى، «شىنخۇا» جەنۇبىي يولى،«غالبىيەت» يولى، «خەلق» يولى، «ئىتتىپاق» يولى،«فۇكاڭ» كوچىسىنىڭ جەنۇبىي 1-كوچىسى،«يەنئەن» يولى،«داۋان» شىمالىي يولى؛ «سايباغ» رايونىدىكى «غەربىي شىمال» يولى، «تۆشۈكتام» يولى، «دوستلۇق» يولى، «قاراماي» غەربىي يولى، «ئالتاي» يولى،«جۇجياڭ» يولى، «يامالىق تېغى» ئوتتۇرا يولى، «يامالىق تېغى» شىمالىي يولى؛ يۇقىرى يېڭى تىخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دىكى«بېيجىڭ» جەنۇبىي ۋە شىمالىي يولى، «مەرھابا» يولى، «سۇجۇۋ» يولى، «يۇمىلاقتاغ» يولى، «قەشقەر» شەرقىي يولى، «خېنەن» شەرقىي يولى، «چاڭچۈن» يولى، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرىسىتېتى» يولى؛ «بۇلاقتاغ» رايونىدىكى «چىداۋان» يولى، «يېكەنكۆل» شەرقىي، غەربىي، شىمالىي، جەنۇبىي يوللىرى، «ئارشاڭ» يولى، «ليۇداۋان» يولى، «سۇجۇۋ» شەرقىي يولى؛ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) دىكى ئۆلكە تاشيولى 104-، 107-لىنىيەلىرى، «ئوتتۇرا ئاسىيا» چوڭ يولى، «تۇدۇڭخابا» تاشيولى؛ «داۋانچىڭ» رايونىدىكى دۆلەت تاشيولى 314-لىنىيەسى؛ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى «مىچۈەن-كۆكتاغ» جەنۇبىي يولى، «يۇڭشۈن» كوچىسى،«گۇمۇدى» ئوتتۇرا يولى؛ شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى شەرقىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ قوش يۆلىنىشى، غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ قوش يۆلىنىشى، ساي يولىنىڭ قوش يۆلىنىشى؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى «تەڭرىتاغ» چوڭ يولى، ئۆلكە تاش يولى 103-لىنىيەسى، دۆلەت تاشيولى 216-لىنىيەسىنىڭ ئارقا قىسلاڭ يولى بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ‏‏«دەل جايىدا تۈزەيدۇ»‏
  • ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 10 چوڭ ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ
  • ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېيىغا 1620 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى
  • شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھەپتە ئاخىرىدا قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ
  • ئۈرۈمچىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئەترەتلىرى ھەرىكەتكە كەلدى
  • قوشنىلىرىغا قىزغىن غەمخورلۇق قىلغان زاھىدە
  • چاغان مەزگىلىدە كورلا ئاھالىسى ئاق قۇلارنى تاماشا قىلدى
  • ھەرمىللەت ئاھالىلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ چاغاننى خوشال-خۇرام ئۆتكۈزدى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (1)
  • ئاپتونوم رايون 2018–يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى، بىر نىيەت، بىر ئارزۇدا يېڭى يىلنى ئۆتكۈزەيلى
  • «خەلق گېزىتى» ئوبزورى: ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ
  • چېن چۈەنگو چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
  • چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو يىلىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش
  • شىنجاڭلىق ياشلار چاغانلىق يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە پويىز كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  • شىنخۇا تورىنىڭ ھەپتىلىك دۆلەت ئىچى نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى
  • چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ
  • جەنۇبىي شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قومۇل سەپىرى كۆڭۈللۈك بولدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • شىنجاڭدىكى تۇنجى «يۈرەك ئالماشتۇرغۇچى» «يۈرەك» ىنىڭ 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىئەن 9-مەركىزىي شەھەر بولدى: دۆلىتىمىزدە يەنە قايسى مەركىزىي شەھەرلەر بار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلەت بايرىمى مۇبارەك: ۋەتىنىم جۇڭگو، تەشەككۈر ساڭا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015