شىنخۇا تورىنىڭ ھەپتىلىك دۆلەت ئىچى نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > مەملىكەت >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-10 13:46:14

شىنخۇا تورى 10-فېۋرال خەۋىرى،

5-فېۋرال، موخې ناھىيەسى شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرى چارلاش ئارىلىقىدا مەشىق قىلماقتا.

چاغان ھارپىسىدا موخې ناھىيەسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇس ئەتراپىدا بولدى، تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەر قار-شىۋىرغانغا قارىماي چارلاشقا چىقتى.

6-فېۋرال، مۇز چاققۇچىلار تونېلدا مۇز چاقماقتا.

زېمىستان قىشتىكى چىنلىڭ تېغى رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، باۋچېڭ تۆمۈر يولى چىنلىڭ ئېگىزلىكى بۆلىكىدىكى تونېللارنىڭ ئۈستى ئاسانلا مۇز تۇتۇپ تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى قىشتا بۇ ئورۇندا تونېل مۇزلىرى چېقىلىپ تۆمۈر يولغا توك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

21-يانۋار، سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشيەن ناھىيەسى فاڭدوڭ بازىرى، ساقچىلار ئەي شيۇپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ياڭ روڭغا «ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۇقتۇرۇشى»نى ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ.

50 يىلدىن بۇيان سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشيەن ناھىيەسى فاڭدوڭ بازىرىدا  تۇرىدىدىغان ئەي شيۇپىڭ ئۈچ ئوغلىنى تېپىشنىلا ئويلاپ كېلىۋاتاتتى. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ كېچە-كۈندۈز تېپىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئوغلى ئاخىرى تېپىلدى. ئەي شيۇپىڭ ئانا-بالىنىڭ 50 يىلدىن كېيىن قايتا جەم بولۇشى سىچۈەن ج خ تارماقلىرىنىڭ ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى تېپىش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىنغان دېلو بولۇپ قالدى.

1-فېۋرال موخېنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇس بولدى. ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن جۇڭگو خاربىن تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جاگداچى ئوچاستىكىسى موخې لىنىيەسى سېخىنىڭ ئىشچىسى بىڭ يۈيوڭ خىزمەت ئارىلىقىدا قولىنى ئىسسىتماقتا.

30-يانۋار لى يۈبىن كۆۋرۈكنىڭ پىيادىلەر يولىدىكى پولات قۇرۇلمىلىق جازىسىنى رېمونت قىلماقتا.

38 ياشلىق لى يۈبىن جۇڭگو جېڭجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى لوياڭ ئوچاستىكىسى ياڭليەندى كۆۋرۈكى تونېل خىزمىتى رايونىنىڭ ئوچاستىكا باشلىقى. ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمىتى 40 نەچچە مېتىر ئېگىزلىككە ئېسىلىپ تۇرۇپ كۆۋرۈكلەرنىڭ پولات قۇرۇلمىلىق جازىسىنى رېمونت قىلىش.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • شىنخۇا تورىنىڭ ھەپتىلىك دۆلەت ئىچى نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى
  • چاغان مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتنىغاندا دىققەت قىلىڭ
  • جەنۇبىي شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ قومۇل سەپىرى كۆڭۈللۈك بولدى
  • خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى
  • شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈسى قىزىلتاغ ئېغىزى چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە بايراملىق بۇيۇملارنى يەتكۈزدى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (6)
  • ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىمۇ بۇرچىنى ئادا قىلدى
  • ئۈرۈمچى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃27قا چۈشتى
  • «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (2)
  • 2018-يىللىق ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىگە چۈشەنچە
  • «كۆپچىلىكنى گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلەيمەن»
  • ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكەش ئۈچۈن قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
  • پولاتتەك سادىقلىق بىلەن تەنتەنىلىك قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن
  • ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى ئۈچ كۈندە تېمپېراتۇرا يۇقىرىلايدۇ
  • كۇچا ناھىيەسىدە 20 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
  • «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دە چوڭقۇرلاشقان قېرىنداشلىق مېھرى
  • دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۆلەت بايرىمى مۇبارەك: ۋەتىنىم جۇڭگو، تەشەككۈر ساڭا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رەناگۈل 19 يىل كۆرۈشمىگەن چېڭدۇلۇق دادىسى بىلەن ئاخىرى دىدارلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ناۋاينىڭ 2000 نېنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كېرىيەلىكلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015