پۈتۈن دۇنيادىكى %83 تۇرۇبا سۈيى سۇلياۋدىن بۇلغانغان سۇكەن

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-12 20:49:02

تېڭشۈن تورى خەۋىرى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدىكى %83 تۇرۇبا سۈيىنىڭ تەركىبىدە سۇلياۋ دانچىلىرى باركەن. بۇ، بىر مىليارد ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ سۇلياۋدىن بۇلغانغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات «مەرۋايىت تاراتقۇسى» ئالىملارغا 10 دىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ تۇرۇبا سۈيىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، %83 ئەۋرىشكە سۇلياۋ تالاسىدىن بۇلغانغانىكەن. 

شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 8 ياشلىق بىر قىزچاقنىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرغان، شۇنداقلا مىچگان ئىشتاتىنىڭ فىلىنتشىر شەھەرىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئالدىدا سۈزۈلگەن سۇنى ئىچكەن ھەمدە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق ھەققىدىكى قارالمىسىنى قوللىغان. 

ئەۋرىشكە ئېلىنغان سۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى تۇرۇبا سۈيىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ %94 كە يېتىدىكەن. ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى، ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى ۋە تىرامپ سارىيى قاتارلىق جايلاردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ ھەممىسىدە سۇلياۋ تالاسى باركەن. ئۇنىڭدىن باشقا، لىۋان بىلەن ھىندىستاندىكى تۇرۇبا سۈيىنىڭ سۇلياۋدىن بۇلغىنىش ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ئېغىركەن. 

ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما %74 كە يېتىدىكەن. 

ئىرېلاندىيە گالۋاي مايو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىن ما خوڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، سۇلياۋنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، بۇنىڭدا مۇنۇ ئىككى ئىش ئادەمنى غەمگە سالىدۇ، بۇنىڭ بىرىنچىسى ئۇششاق سۇلياۋ پارچىلىرىدىكى مولېكۇلالار، يەنە بىرسى زەررىچىسىمان سۇلياۋ پارچىلىرىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر ۋە كېسەل پەيدا قىلغۇچى ماددىلار». 

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نانومېتىر كېلىدىغان تالالار ھۈجەيرىلەردىن ئۆتەلەيدۇ، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىمۇ كېسىپ ئۆتەلەيدۇ، بۇ ئەھۋالى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەررىچىسىمان سۇلياۋلار خىمىيەلىك ماددىلارنى ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە سۈمۈرۈۋالىدۇ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېنىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىمۇ زەررىچىسىمان سۇلياۋ باركەن». 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئەگەر ئىنسانلار 150 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرسە دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟
  • ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە
  • سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزمۇ مۇشۇنداقمۇ؟
  • ھاياتىڭىزنى يەنە قانچىلىك ئىشلىتەلەيسىز؟
  • ئالداپ كېتىلگىنىگە 27 يىل بولغان بالا مىليونېرغا ئايلىنىپ قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولدى
  • ھۈنىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان تۆمۈرچى بوۋاي-مومايلار
  • خاتا كىملىك نومۇرى بىلەن توي خېتى ئالغان ئەرنىڭ 23 يىللىق ئايالى «باشقىلار»نىڭ بولۇپ چىقتى
  • 12 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا شىئەندىكى 429 شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسى بىتچىت قىلىندى
  • شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنى تۇتۇش شۇنچە مۈشكۈلمۇ؟
  • شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ غورىگۈل تۇرمۇشى: يەردا ياتىدۇ، تاماقلىرىدا قۇۋەتتىن ئەسەر يوق
  • يەر تەۋرىگەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
  • شەندوڭدا شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىلىپ قالغان ئەر ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ قازا قىلدى
  • شۇنچە ئىسسىق ئافرىقىدىن كەلگەن كىشىلەر نېمىشقا جۇڭگونىڭ ئىسسقىغا چىدىمايدۇ؟
  • قىزلارغا يەنە بىر تۈركۈم زامانىۋى باش سۈرەتلەر كەلدى
  • قەرزنى قايتۇرمايدىغانلار مۇنداق 4 خىل تىلخەت يېزىشقا ئەڭ ئامراق
  • ياشاش ئاسان ئەمەس، جاپاكەشلەرنىڭ ھەممىسى ئىللىق مۇئامىلىگە تەشنا
  • تويلۇقنى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان ئايال ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى
  • «ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق رەسىملىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • پۈتۈن دۇنيادىكى %83 تۇرۇبا سۈيى سۇلياۋدىن بۇلغانغان سۇكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يېرىم ئايدا بىر كۆرۈشىدىغان ئەڭ قاملاشقان بىر جۈپلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دادا، ئېسىل ماشىنا ئالمىساڭ، مەكتەپكە مېنى ئالغىلى كەلمە!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پۇلدار خېنىملار نېمە ئۈچۈن ھەمىشە «يالاڭتۆش»لەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەيۋەنلىك قىز ئوقۇغۇچى ئۆزىدىن 13 ياش چوڭ ئاپتۇبۇس شوپۇرىغا ياتلىق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىدە ھامىلە مېڭى بار گۈزەل قىز ئىزچىل باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلېكتىر چىراغ ۋە نۇر بىزگە پايدا ئېلىپ كەلدىمۇ-زىيانمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شەرقىي شىماللىق يىگىت رۇسىيەلىك قىزنى ئەمرىگە ئالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۇيغۇرلارنىڭ باققاللىق مەدەنىيىتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015