ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-10 11:40:25

«شەرق باش بەت خەۋەرلىرى» تورى خەۋىرى،:

يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن چاغان يېتىپ كېلىدۇ. كۆپ ساندىكى ئىشلەمچىلەر چاغاندا قانداق ئۆيگە قايتىپ جەم بولۇشنىڭ غېمىگە چۈشتى، 27 ياشلىق ئەنخۇيلۇق يىگىت چېڭ رۈيرۈي نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئافرىقىنىڭ ئېفىئوپىيەگە مۇساپىر بولۇپ ماڭدى. چېڭ رۈيرۈينىڭ ئافرىقىدىكى بىر ئايلىق مائاشى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، يەرلىكتىكى 40 قارا تەنلىكنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا تەڭ، كۆپ ساندىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ نەزىرىدە جۇڭگولۇقلار «يەرلىك زومىگەر» ھېسابلىنىدۇ، چېڭ رۈيرۈيمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

چېڭ رۈيرۈي شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلان كۈتۈپ تۇرماقتا

 چېڭ رۈيرۈي ئەنخۇينىڭ خاۋجوۋلۇق، 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنخۇي قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى بەلگىلەش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى 7-ئايدا جۇڭگو تۆمۈر يول 4-ئىدارىسى 1-شىركىتىگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن. 2017-يىلى چاغاندىن كېيىن شىركەت ئۇنى ئېفىئوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. چېڭ رۈيرۈي بۇ نۇرغۇن خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئىش دەيدۇ.

چېڭ رۈيرۈي كېچە سائەت 10:00 دا ئايروپىلانغا چىقتى

 خېفېيدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كېلىپ، ئاندىن ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ET685-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بىۋاسىتە ئەددىس-ئەبېبەگە ئۇچىدۇ، 20 سائەتكە يېقىن يول ئازابى تارتىدۇ. 2017-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو تۆمۈر يول 4-ئىدارىسى ئەددىس-ئەبېبەدىكى 1 مىليارد 679 مىليون خەلق پۇلىلىق تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئاران بىر يىل بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى بويىچە پەقەت ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنلا قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ۋەزىپە ئىنتايىن جىددىي بولغاچ، كۆپ ساندىكى ئىشچىلار بۇ چاغاننى ئافرىقىدا ئۆتكۈزىدۇ. چېڭ رۈيرۈي ۋەتەنگە قايتىپ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قىسقىغىنا جەم بولغاندىن كېيىن ئالدىراپ-تېنەپ يولغا چىقتى.

چاغان يېقىنلاپ قالغاچقا، ET685-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئافرىقىغا بارىدىغان ئادەم ئانچە كۆپ بولمىغاچ، چېڭ رۈيرۈي ئۆزى يالغۇز ئۈچ كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، يېتىپ ئۇخلاپ، ۋاقىت پەرقىنى تەڭشىۋالدى. ئېفىيوپىيە ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگوغا ئوخشاش غەربىي يېرىم شارغا تەۋە، ھازىر قۇرغاقچىلىق پەسلىدە تۇرماقتا.

شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت 6:00 دىن ئاشقاندا، چېڭ رۈيرۈي ئەددىس-ئەبېبەگە يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئافرىقا سەپىرىنى باشلىدى.

چېڭ رۈيرۈينىڭ ئېفىئوپىيەدىكى ئاساسلىق خىزمىتى شىركەتتىكى جۇڭگولۇق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ماشىنىلارنى باشقۇرۇش دېگەندەك ئىشلار بولۇپ، خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. چېڭ رۈيرۈي مۇنداق دېدى: ئەددىس-ئەبېبەنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى بىر قەدەر ياخشى، ئەمما ئەتراپتىكى رايونلار بىر قەدەر قالايمىقان. 2016-يىلى 10-ئايدا ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىيەت ئەنسىز بولغانلىقى ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، تاكى 2017-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە، ئاندىن جىددىي ھالەتنى بىكار قىلدى.

كۆپىنچە ۋاقىتتا چېڭ رۈيرۈي ئافرىقىدىكى خىزمىتىنى ئىشخانىسىدا تۈگىتىدۇ، پايتەختتىن باشقا جايلارغا ناھايىتى ئاز بارىدۇ. بىخەتەرلىك ئۈچۈن، سىرتقا چىققاندا ماشىنىنى ئېلىۋالىدۇ، يەرلىك شوپۇرلارنى ياللاپ ئىشلىتىدۇ.

چېڭ رۈيرۈي ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يېقىن ئەتراپتىكى رۋاندا بازىرىغا بارىدۇ، بۇ جۇڭگولۇقلار ئايلىنىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆكتات بازىرى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، نۇرغۇن كۆكتات ساتىدىغان سودىگەرلەر ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تونۇشلاردىن بولۇپ كەتتى، ئۇلار خەنزۇ تىلىدا ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىدۇ.

2004-يىلدىن 2015-يىلغىچە، ئېفىئوپىيەنىڭ GDP سى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %10.8 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى، بۇ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ GDP سىنىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر. ئەمما ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان نىسبەتەن تۆۋەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يەنىلا ئېفىئوپىيەنى چۈشەپ تۇرماقتا. چېڭ رۈيرۈي ئېفىئوپىيەدە ئىشلىسە، ئايلىق ئىش ھەققى تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما يەرلىك ئادەتتىكى ئىشچىلار ھەر ئايدا ئاران 500 يۈەن خەلق پۇلىغا ئىشلەيدۇ. دېمەك چېڭ رۈيرۈينىڭ ئىش ھەققى 40 يەرلىك قارا تەنلىك ئىشچىنىڭ مائاشىغا تەڭ كېلىدۇ. يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى «يەرلىك زومىگەر» بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئافرىقىدىكى كىرىمى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىستېمالىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بىر ۋاق جۇڭگوچە تاماق يېيىشكە 10-20 مىڭ بىل كېتىدۇ، بۇ نەچچە مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ كېلىدۇ. بىر تال تۇخۇم 6 يۈەن، بىر جىڭ يېسسىۋېلەك 10 يۈەن، بۇنداق ئىستېمال بۇ يەردە كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭا چېڭ رۈيرۈي بىلەن خىزمەتداشلىرى تاماق ئېتىشكە بىر ئاشپەز ياللىغان.

ئۇندىن باشقا، ئۇلار ئۆيىنى بەكلا سېغىنىدۇ. چېڭ رۈيرۈي ئۆزى ئافرىقىدا ئىشلەيدۇ، ئايالى بىلەن تۆت ياشلىق ئوغلى دۆلەت ئىچىدە ياشايدۇ، خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا، ئادەتتە يانفوندا پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆيىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى پەسەيتىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • بۇ داڭلىق شەخس​لەر 2017-يىلىدا نېمىلەرنى دېدى؟
  • يولدىن تېپىۋالغان 10 يۈەن پۇل 21 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى
  • ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقانلار جازالاندى
  • بىر ئەر 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن توخۇ پوقىنى يالىدى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر
  • جىنەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى
  • ۋەنلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى
  • ۋۇخەندىكى بىر كاۋاپخانىدا تىمساھ گۆشى قورۇمىسى چىقىرىلدى
  • ھەجۋىي رەسىم: قىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى
  • نەۋرە ئۈچۈن كېلىنىنى باشقىلارغا سولاپ بەرگەن ئاتىنى ئوغلى ج خ ئىدارىسىغا ئاپىرىپ بەردى
  • «ئايرىلىپ كېتىشكە خۇمار» قىز دوستىڭىز بولسا قانداق قىلىسىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئادەم تىللاپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامېرىكىلىق قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «قىسقا يەڭ ئاكا» بىراقلا چولپانغا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇخەندىكى يېڭىدىن توي قىلغان بىر جۈپلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈكلۈك قىز توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 80 ياشلىق موماينى ياشلىقىغا قايتۇرالايدىغان گىرىمچىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى ئاددىي شىنجاڭلىقلار سىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى...

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • توردا پاراكەنچىلىككە ئۇچرىغان ساھىبجامال مۇخبىر ساقچىغا مەلۇم قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەمەلىيەتتە بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015