قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-12 13:49:39

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى،:

قىشنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، سىزنىڭ كىيىم ماسلاشتۇرۇشىڭىز بىر تەرزدە كېتىۋاتامدۇ؟ بۇ ۋاقتتا سىز كونا ئىشكابىڭىزنى ئاقتۇرۇپ بېقىڭ، بەزى كىيىملەرنىڭ پەسلى ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە يەنىلا كىيگىلى بولىدۇ، ھەتتا ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا كىيگىلى بولىدۇ. پەسلى ئۆتكەن كىيىملەرنى چوقۇم تاشلىۋېتەمدۇق؟ قانداق ماسلاشتۇرغاندا يېڭىچە پۇراق چىقىدۇ؟

قىشلىق كىيىملەر ئەرزان باھادا سېتىلشقا باشلىدى، ھەر قايسى داڭلىق ماركىلارنىڭ ئەتىيازلىق كىيىملىرى بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، بۇ چاغدا سىز بەك ئالدىراپ يېڭى كىيىم ئېلىشقا تۇتۇنماڭ. ھېچبولمىغاندا يېڭى كىيىم ئېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ كونا ئىشكابىڭىزغا قاراپ بېقىڭ.

نۇرغۇن ئادەم كۈز ۋە قىشتا كىيىدىغان كىيىمنى پەلتو، پوپايكا، مامۇق چاپان دەپلا ئويلايدۇ، لېكىن كوچا رەسىملىرىگە قاراپ باقساق ئۇنداق ئاددى ئىش يوق. بىز ھەمىشە قاتلاملىق ماسلاشتۇرۇشماقچى بولىمىز، بۇنداق چاغدا بىز نېپىزرەك بىر قىسىم كىيىملەرگە ئېھتىياجلىق بولىمىز.

نۇرغۇن پەسلى ئۆتۈپ كەتكەن كىيىملەرنى يەنىلا كىيگىلى بولىدۇ، مەسىلەن: T شەكىللىك مايكا، كۆينەك، قېلىن تەگلىك مايكا، تور يوپكا، ئاسما كۆينەك. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سىز ئەتىياز، ياز، كۈزدە كىيىسىڭىزمۇ لېكىن كىيىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالسىڭىز مودىدىن قالمىغان ھالدا ھەر پەسىلدە ئۆزگىچە قاتلاملىق تۇيغۇ پەيدا قىلىپ كىيىۋېرىسىز.

1.ھەممىگە ماس كېلىدىغان T شەكىللىك مايكا ئەمەلىيەتتە قىشتىمۇ ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە بولىدۇ.

T شەكىللىك مايكا پەقەت مودىدىن قالمايدىغان ئاساسلىق پاسون، ئىچىگە كىيىشتە بىر يىلنىڭ ھەر قايسى پەسلىدە كىيىۋەرسىڭىز بولىدۇ. قىشتا Camille Hurel دەك بىر ئىچى تىۋىتلىك چاپان ئىچىگە كىيۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنداق كىيىش ئۇسۇلى دائىم ئۆيدە ئولتۇرىدىغان قىزلارغا ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەيدىغان جايلاردىكى قىزلارغا ماس كېلىدۇ.

2017-يىلى ئالدىغا خەت يېزىلغان T مايكا مودا بولدى، 2018-يىلى بۇ ئېقىم يەنە داۋاملىق داۋاملىشىدۇ، بۇنداق مايكىغا يوغان نومۇرلۇق پەلتو ماسلاشتۇرۋالسىڭىز يەنىلا مودا كۆرۈنەلەيسىز.

كېندال جېننىرنىڭ ماۋۇ ماسلاشتۇرۇشى ناھايىتى ئاخسا كۆرۈنگەن.

تېخىمۇ سوغۇق بولغاندا ئىچىگە قىسقا چاپان كىيىپ، تېشىغا يەنە بىر ئۇزۇن پەلتو ماسلاشتۇرساق بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم ئىسسىق ھەم قاتلاملىق تۇيغۇسى بەرگىلى بولىدۇ.

ئىچىگە قارا ياكى ئاق مايكا كىيىۋالسىڭىز ماسلاشتۇرۇش ئەڭ ئاسان.

سىدام رەڭلىك T مايكىلارنى ماسلاشتۇرۇش ئوڭاي، كىيىنىشىڭىز قالايمىقان تۇيغۇ بەرمەيدۇ.

مايكىڭىزنى نوركا بىلەن ماسلاشتۇرسىڭىزمۇ قىشتىكى يامان ئەمەس تاللاش بولىدۇ، قېلىن، نېپىزنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىز ئۇسلۇبىڭىزنى گەۋدىلەندۈرەلەيسىز، تېخىمۇ سوغۇق بولۇپ قالسا نوركا ئىچىگە يەنە بىر چاپان جۈپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

 

ئەگەر بۇنداق T مايكىدىن زېرىككەن بولسىڭىز، ياكى بۇنداق مايكا ئىسسىق تۇرمايدىكەن دەپ ئويلىسىڭىز ئۆرە ياقىلىق توقۇلما مايكىنى ئىچىگە كىيىپ، تېشىغا يەنىلا T مايكىنى كىيىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(قىزىل نو خېتى بولمايدۇ دېگەننى ئىپادىلەيدۇ)

ئەلۋەتتە ھەرقانداق T مايكىنىڭ قىشتا كىيىشكە ماس كېلىشى ناتايىن. رەسىمدىكىدەك كەڭرى T مايكىغا قېلىن چاپاننى ماسلاشتۇرۋالسىڭىز تېخىمۇ سېمىز كۆرۈنۈپ قېلىشىڭىزدا گەپ يوق، ئەگەر ئىشتان ئىچىگە تىقىۋەتسىڭىز تېخىمۇ قاملاشمايدۇ.

يەنە جىجى خادىدنىڭ ماۋۇ تار T مايكىسىنىمۇ ئويلىشىپ تاللاش كېرەك، بۇنى كىيگەندە ئۈستى تەرىپىڭىز سېمىز كۆرۈنۈپ قالغاندىن باشقا يەنە ئەمدىلا چېنىقىش ئۆيىدىن قايتىپ كەلگەندەك كۆرۈنۈپ قالىسىز، قورساقنى ئېچىپ قويسا توڭلاپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى دېمەيلا قويايلى.

2.پەسلى ئۆتۈپ كەتكەن كوپتا

كوپتىنى قىشتا كىيىۋالسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن T مايكا بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، كوپتىنىڭ بىر قىسمىنى يوشۇرۇن كىيىمىز. كۆينەكنىڭ ياقىسىنىلا چىقىرىپ قويۇپ كىيىۋالسىڭىز، باشقىلار سىز كىيگىنىڭىز كونا كوپتىمۇ يېڭىمۇ بۇنى بىلەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگىچە ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتەلەيسىز.

مەسىلەن ماۋۇ كۆك بالداقلىق كوپتىنىڭ تېشىغا تۆگىرەڭ شامال چاپان ۋە پەلتو ماسلاشتۇرسىڭىز بەك ماس كېلىدۇ، سوغۇقتىن قورقسىڭىز كوپتىنىڭ تېشىغا بىر تال پوپايكا كىيىۋالسىڭىز بولىدۇ.

Mica Arganaraz غا ئوخشاش كوپتىنىڭ سىرتىغا بىر تال پوپايكا كىيىپ، كوپتىنىڭ ياقىسى ۋە ئىككى پېشىنى چىقىرىپ قويسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىدەك ياكى ئەركىن-ئازادە ھالدا كۆرۈنىسىز. بۇنداق كىيگەندە قىسقىراق پوپايكا تاللاشنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنسىز.

سىدام رەڭلىك پەلتونىڭ ياقىسى ۋە يېڭى تەرىپىگە كوپتىنى چىقىرىپ كىيسىڭىزمۇ شۇ زامان مودا كۆرۈنىسىز.

T مايكىنىڭ ئىچىگە ئۆرە ياقىلىق توقۇلما مايكا كىيىۋېلىڭ دېگىنىمىزدەك، پەسلى ئۆتكەن كوپتىنىڭ ئىچىگىمۇ شۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ، Alexa Chung دەل مۇشۇنداق كىيگەن، ئۇ بالداقلىق كوپتىسىنىڭ ئالدىنى V شەكىلدە ئېچىپ قويغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا يۈزنى تېخىمۇ كىچىك كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھاسىل بولىدۇ.

كوپتىنىڭ تېشىغا ئاسما تار جىلىتكە ماسلاشتۇرسىڭىز ھەم ئىسسىق ھەم بەل سىزىقلىرىڭىز نامايەن بولىدۇ.

ئۆرە ياقىلىق مايكىنى كوپتىنىڭ ئىچىگە كىيىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەمما رەسىمدىكىدەك بېلىڭىزنى بەك چىڭ، بەك يۇقىرى باغلىۋالماڭ، سېمىز كۆرۈنۈپ قالىسىز.

قىشتا بەك مۇرەككەپ لايىھەدىكى كوپتىنى ئىچىگە ماسلاشتۇرسىڭىز ئاسانلا بەك ۋەيرانە كۆرۈنۈپ قالىسىز، بۇنداق كوپتىڭىز بولسا قىشتا ماسلاشتۇرىمەن دېمەي ۋاز كېچىڭ، كېلەر يىلى كىيەرسىز.

ئەمما لەپلىمىلىك كوپتىلارنى يەنىلا كىيىۋالسىڭىز نازۇك كۆرۈنەلەيسىز.

3.قېلىن مايكىڭىزنى پەلتونىڭ ئىچىگە كىيسىڭىز بولىدۇ.

قېلىن مايكا(卫衣)( SWEATER) كۈزدە كىيىدىغان كىيىم، ئەمما ئۇنى قىشتا جۈپلەپ كىيىۋالسىمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ پوسمىلىق قېلىن مايكىنى، Linda Tol غا قاراڭ، ئۇ چوڭ سۈپەت كۆرۈنىدىغان پەلتونىڭ ئىچىگە پوسمىلىق قېلىن مايكا كىيىپ بىردەمدىلا ئەركىن-ئازادە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرگەن.

پەلتونىڭ ئىچىگە پوسمىلىق قېلىن مايكا تاللىغاندا رەڭگى ئوخشىمايدىغان پوسمىلىق مايكا تاللىسڭىز رەڭ تالاشتۇرۇپ كىيىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىسىز.

بۇنداق مايكىنى كىيىش دائىرىسى بەك كەڭ، كىيگەن ھامان سىزنى ئەركىن-ئازادە كۆرسىتىپ، يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئاستىغا يوپكا ماسلاشتۇرسىڭىز قىياپىتىڭىز تېخىمۇ موللىشىدۇ.

پەلتودىن سىرىت قېلىن مايكىنى ئىچى قېلىن چاپانغا ماسلاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياشلىقىڭىز بىلەن كونا پاسوندىكى چاپىنىڭىزغا يېڭىچە تۈس بېرەلەيسىز.

كوچا رەسىملىرىدە سىز داڭلىق چولپانلارنىڭ نوركا چاپانلىرىغا قېلىن مايكىلارنى ماسلاشتۇرۋالغىنىنى كۆپ ئۇچرىتالايسىز، بۇنداق بولغاندا ھەشەمەتلىك كىيىم بىلەن كوچا ئۇسلۇبىنى ئوڭۇشلۇق بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ.

يەنە تېخى ناھايىتى ئاخسا كۆرۈنىدىغان پارقىراق خۇرۇم پەلتو ئىچىگىمۇ ماسلاشتۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئومۇمەن قىشتا كىيىدىغان ھەممە كىيىم بىلەن بولىۋېرىدۇ.

ئەمما يوغان نومۇرلۇق چاپانغا ماسلاشتۇرماڭ، بولمىسا قىيمىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن سامىسىغا ئوخشاپ قالىسىز.

ئۇنىڭدىن سىرىت قېلىن مايكىنىڭ ئاستىغا كىيىۋالغىنىڭىز تۈز ياكى تار ئىشتان بولسۇن، يەنە تىزدىن ئاشىدىغان ئۇزۇن ئۆتۈك ماسلاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاستى تار، ئۈستى كەڭ نىسبەت ساقلىنىدۇ. بېللا خادىددەك ئاستىغا كەڭ كىيىۋالسىڭىز قاملاشمايدۇ.

4.كىم دەيدۇ، قىشتا يازلىق يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان كۆينەك كىيسە بولمايدۇ دەپ؟

قىش پەسلى ئۇنچىۋالا ھاياتىي كۈچىڭىزنى يوشۇرۇپ قويىدىغان پەسىل ئەمەس، قىش كۈنلىرىدە ئىسسىق ھەم قېلىن كىيىمگە نېپىز كىيىمنى ماسلاشتۇرۇپ شەكىل چىقارسا ئەلۋەتتە بولىۋېرىدۇ، ماتېرىيالىنىڭ پەرقى چوڭراق بولسا سىزنىڭ كىيىنىشىڭىزنى تېخىمۇ مول كۆرسىتىدۇ.

گىرىپ كۆينەكلىرىڭىزنى ئالدىراپ پۈرلەپ ساندۇق تېگىگە تىقىۋەتمەڭ، قېلىن پەلتو بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Aymeline Valade غا ئوخشاش تور كۆينەكلەرنى سىناپ بېقىشقا جۈرئىتىڭىز بولسىمۇ يەنە بولىدۇ، سوغۇقتىن قورقاتتىم دېسىڭىز ئۈستىگە پوپايكا قاپلىۋېلىڭ.

يوپكا، كۆينەكلىرىڭىزنى كۈزلۈك ئىشتان، قىسقا ئۆتۈك، ئۇزۇن ئۆتۈك، راھەت ئاياغلارغا ماسلاشتۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

پۈتۈنلەي قارا ئۇسلۇبنى تاللىسىڭىزمۇ ھەم ئىسسىق ھەم ئاخسا كۆرۈنسىز.

2017-يىلى سېتىۋالغان پارقىراق بۇيۇملىرىڭىزنىڭ ۋاقتى تېخى ئۆتمىدى، كىيىمىڭىزدە پەقەت بىر يارقىن نۇقتا بولماي قالغاندا پارقىراق ئۇزۇن ئۆتۈكتىن بىرنى ماسلاشتۇرسىڭىز ۋاللىدە يورۇپ كېتىسىز، ھەم ئىسسىق ھەم مودا كۆرۈنەلەيسىز.

پەلتونى كۆينەك بىلەن ماسلاشتۇرماقچى بولغاندا ئاستى تەرەپكە بەك مۇرەككەپ كىينىمەڭ، ئەگەر ئاستىغا چوقۇم ئىشتان كىيمەكچى بولسىڭىز يوپكىنى چوقۇم ئۇزۇن، ئىشتاننى يۆگىگۈدەك كىيىڭ،يول ماڭغاندىلا كۆرۈنۈپ قالسا ھېچنېمە بولمايدۇ.

5.ئاسما كۆينەك، قىشتا ھەم چىرايلىق ھەم مودا كۆرۈنىدۇ.

ياز ۋە ئەتىيازدا بەك ئالقىشلىنىدىغان ئاسما كۆينەك ئادەمنى ئورۇق ھەم ئېگىز كۆرسىتىدۇ. قىشتىمۇ Veronika Heilbrunner گە ئوخشاش كىيىۋالسىڭىز سىرتىغا ئىچى تىۋىتلىق چاپان ماسلاشتۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

ياكى ئىچىگە ئۆرە ياقىلىق پوپايكا كىيىۋالسىڭىزمۇ ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان كۆرۈنىسىز.

تاسمىسى كەڭ ئاسما كۆينەك تاسمىسى ئىنچىكە ئاسما كۆينەكتەك نەپىس كۆرۈنمەيدۇ، شۇڭا تاسمىسى ئىنچىكىنى تاللسىڭىز نازۇك كۆرۈنىسىز.

 

ئىچىگە ماسلاشتۇرىدىغان مايكىغا سىدامنى تاللاڭ.

 

ئەمما ئاسما كۆينەك تاللىغاندا چوقۇم ئۇزۇنلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، تىزنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغان ئۇزۇنلۇقتىكىلىرىنى تاللىماڭ، سىزنى پاكار كۆرسىتىپ قويىدۇ، بۇنىڭغا ئۆتۈك قوشۇلۇپ سىزدىكى ئەۋرىشىملىكىنى يوقىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇزۇنراق كۆينەك بىلەن كىيسىڭىز ئاندىن چىرايلىق چىقىدۇ.

كۆپ سۆزلەپ كەتتۇق، كېيىنكى قېتىم بىر نەرسە سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزدىن ئۈچ سوئالنى سوراپ بېقىڭ: ھەممىگە ماس كېلەمدۇ؟ قانداق كىيسە كىيگىلى بولامدۇ؟ پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ كىيگىلى بولامدۇ؟ ئەگەر ھەممىسىگە ھەئە دەپ جاۋاب چىقسا، ئۇنداقتا بۇ كىيىمنى چەكلىمىسىز كىيەلەيسىز. يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ مودىراق كىيىنىپ يۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمىز.

 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • بۇ داڭلىق شەخس​لەر 2017-يىلىدا نېمىلەرنى دېدى؟
  • يولدىن تېپىۋالغان 10 يۈەن پۇل 21 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى
  • ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقانلار جازالاندى
  • بىر ئەر 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن توخۇ پوقىنى يالىدى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر
  • جىنەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى
  • ۋەنلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى
  • ۋۇخەندىكى بىر كاۋاپخانىدا تىمساھ گۆشى قورۇمىسى چىقىرىلدى
  • ھەجۋىي رەسىم: قىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئادەم تىللاپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامېرىكىلىق قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «قىسقا يەڭ ئاكا» بىراقلا چولپانغا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇخەندىكى يېڭىدىن توي قىلغان بىر جۈپلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈكلۈك قىز توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 80 ياشلىق موماينى ياشلىقىغا قايتۇرالايدىغان گىرىمچىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى ئاددىي شىنجاڭلىقلار سىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى...

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015