ناتونۇش بىرى كارتىڭىزغا 310 مىڭ يۈەن ئۇرۇپ خاتىرجەم خەجلەڭ دېسە قانداق قىلىسىز؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-12 22:08:23

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، :

ئەتراپىمىزدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان غەلىتە ئىشلار ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. يېقىندا، بىر ئايالنىڭ بانكا كارتىسىغا سەۋەبسىزلا 310 مىڭ يۈەن كىرىپ قالدى. بۇنداق ئىشقا ئۇچرىغان ئادەم ئېھتىمال ھەيران قېلىپ ئۇچۇپ كەلگەن ئامەتكە يولۇققانلىقىدىن خۇش بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئايال يولۇققان ئىشنىڭ ئاخىرى تېخىمۇ غەلىتە.

بۇ ئايال دەسلەپتە بانكا كارتىسىدا كۆرسىتىلگەن ساندا خاتالىق بار ئوخشايدۇ دەپ كارتىدىكى پۇلدىن 10 مىڭ يۈەننى ئەلى چىقىمدانىغا يۆتكىگەنىدى، پۇل دەرھال يۆتكىلىپ ئايالنى كارتىسىغا ھەقىقەتەن شۇنچە كۆپ پۇل كىرىپ قالغانلىقىغا ئىشەندۈردى.

ئارقىدىن، بۇ ئايال ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئۆزىنىڭ كارتىسىغا پۇل يۆتكىگەن-يۆتكىمىگەنلىكىنى سورىدى. بىراق، ئۇنىڭ تونۇشلىرىدىن ھېچقايسىسى ئۇنداق قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئەنسىرەپ قېلىپ چىقىمداندىكى 10 مىڭ يۈەننى يەنە بانكا كارتىسىغا قايتۇرغاندىن كېيىن بانكىغا كېلىپ ئاقما نومۇرىنى باستۇرۇپ چىقاردى ھەم كارتىسىغا پۇل يۆتكەلگىنىگە 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىدىن ھەيران قالدى، بۇ پۇلنى باشقىلار جىددىي كېرەك قىلىشى ياكى كېسەل داۋالىتىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ تىت-تىت بولدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال بانكا خادىملىرىغا بولغان ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى ھەم بانكىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە پۇل ئەۋەتكۈچى بىلەن ئالاقىلەشتى. بىراق، بۇ ۋاقىتتا پۇل ئەۋەتكۈچى بەرگەن جاۋاب ئايالنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئادەم بانكىدىكىلەرگە: «پۇل خاتا كەتمىگەن، ئۇ ئاشۇ ئايالغا بېرىلىدىغان پۇل، خاتىرجەم خەجلىسۇن» دېدى. بىراق، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئايال پۇللارنى يىراقتىكى تۇغقىنى سېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئايال بانكىغا بىر مۇخبىر بىلەن بىللە بارغان، مۇخبىر بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سىنغا ئېلىۋېلىپ تور سۇپىسىغا يوللىۋەتكەنىدى. تورداشلار سىننى كۆرگەندىن كېيىن ئايالنى پارا بىلەن ئۆزىگە قارىتىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

تۆۋەندە تورداشلارنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

1-تورداش: بۇ ئېنىقلا ئالدامچىلىق، چوقۇم ئالدىن كېلىشىۋېلىنغان، ئۇنداق ياخشى تۇغقىنىم بولسا دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ يوقلاپ بارىمەن.

2-تورداش: بۇنداق ياخشى يىراق تۇغقاننى كۈندۈزدە چىراغ يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. پۇل كارتىڭىزغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم خەجلەڭ. خەجلەپ بولالمىغىنىڭىزغا مەن ياردەم قىلاي.

3-تورداش: پۇل يۆتكىگەن ئادەمنى تونۇماي تۇرۇپ يىراق تۇغقىنىم دەۋالغىلى قىزىق. ھېچقانداق تونۇشلۇق يوق ئادەمنىڭ پۇل يۆتكەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.

4-تورداش: بۇ ئايال بەك ئاقكۆڭۈلكەن، ھېچبولمىسا كارتىسىدا پۇل كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئويلاپتۇ.

ئۇنداقتا، بۇ ئىشقا سىز قانداق قارايسىز؟ پۇل يۆتكەپ بەرگىنى ئۇ ئايالنىڭ تۇغقىنىمۇ ياكى باشقا بىرىمۇ؟

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • بۇ داڭلىق شەخس​لەر 2017-يىلىدا نېمىلەرنى دېدى؟
  • يولدىن تېپىۋالغان 10 يۈەن پۇل 21 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى
  • ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقانلار جازالاندى
  • بىر ئەر 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن توخۇ پوقىنى يالىدى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر
  • جىنەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى
  • ۋەنلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى
  • ۋۇخەندىكى بىر كاۋاپخانىدا تىمساھ گۆشى قورۇمىسى چىقىرىلدى
  • ھەجۋىي رەسىم: قىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئادەم تىللاپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامېرىكىلىق قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «قىسقا يەڭ ئاكا» بىراقلا چولپانغا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇخەندىكى يېڭىدىن توي قىلغان بىر جۈپلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈكلۈك قىز توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 80 ياشلىق موماينى ياشلىقىغا قايتۇرالايدىغان گىرىمچىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى ئاددىي شىنجاڭلىقلار سىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى...

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015