8 ئوقۇغۇچى 34 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئويناپ كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇتۇۋەتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-13 11:18:07

«بېيجىڭ ۋاقىت» تورى خەۋىرى، :

جەنۇپ ئەتىگەنلىك گېزىتى ئاممىۋى ئۈندىدارىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، نەننىڭ شەھىرىدىكى 8 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا 34 قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىنا ئۆگزىسىدە سەكرەپ-تاقلاپ ئوينىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى بىنا ئۆگزىسىدىكى چاقماق قايتۇرۇش خادىسىنى لىڭشىتىپ ئويناشقا باشلىغان... بۇ بالىلارنىڭ بىنا ئۆگزىسىدە ئوينىغان سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن كىشىنىڭمۇ قورقۇنچتىن پۇت-قولىدا ماغدۇر قالمايتتى.

1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچقۇرۇن، نەننىڭ شەھىرى خەنلىن شەنشۇييۇەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر ئۈندىدار توپىدا بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 34 قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنا ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئويناۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىلىشقا باشلىغان.

https://v.qq.com/x/page/q0532nayf9m.html

سىن كۆرۈنۈشىدە ئۈستىگە مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان بىر بالىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە يامىشىپ چىقىپ قولىدا بىنا ئۆگزىسىدىكى چاقماق قايتۇرۇش خادىسىنى لىڭشىتىپ ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى. يەنە بىر كىچىك بالا بولسا بىنا ئۆگزىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە يامىشىپ چىققاندىن كېيىن پەسكە ئېگىلگەن ھالدا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن بىنا ئۆگزىسنىڭ گىرۋىكىگە يېقىنلاپ بارغانىدى.

يەنە بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشىدە، يۇقارقى ئىككى بالىدىن باشقا بىر نەچچە كىچىك بالىنىڭمۇ بىنا ئۆگزىسىنىڭ كاھىشلىق گىرۋىكىگە يامىشىپ چىقىپ يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ قورقۇنچتىن يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپلا قالاتتى.

مۇخبىر 11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىش يۈز بەرگەن خەنلىن شەنشۇييۇەن ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللىگەن. مەزكۇر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شىيې مۇدىر ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ تاكى 11-چېسلا ئەتىگەن سائەت 4 تە ئاران ئۇخلىيالىدىم». شىيې مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىش 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىملاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ بىر توپ بالا مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى 7-كورپۇس بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئوينىغانىدى.

بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىيې مۇدىر ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، لېكىن ئولتۇراق رايون ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ بىنا ئۆگزىسىگە تەكشۈرگىلى چىققاندا، بۇ بىر توپ بالا ئاللىقاچان غايىپ بولغانىدى. ئۇلار بىنادىكى كۆزىتىش كامېراسى ئارقىلىق بۇ بىر توپ بالىنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك بالىنىڭ مەزكۇر بىنانىڭ 14-قەۋىتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئىگەللىنىلىشىچە، مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى ھەر بىر كورپۇس بىناغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان لېفىتلارنى ئۆي ئىگىلىرى كارتىسىنى سۈركەش ئارقىلىقلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئاھالىلەر كارتىسىنى سۈركىگەندىن كېيىن  پەقەت ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق قەۋەتكىچە لېفىتقا ئولتۇرۇپ چىقالايدىكەن، باشقا قەۋەتلەردە لېفىت توختىماي ئۆتۈپ كېتىدىكەن. مەزكۇر ئولتۇراق بىنالارنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى پەقەت يەككە يۆنىلىش بويىچە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق قەۋەتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىكەن، لېكىن ھەرگىزمۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق باشقا قەۋەتلەرگە چۈشۈپ چىقالمايدىكەن. شۇڭلاشقا ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەر بۇ بالىنىڭ زادى قايسى قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا تەكشۈرۈپ چىقالىغان. شىيې مۇدىر مۇنداق دېدى: «بىز بۇ بالىنىڭ ئۆيىگە بارغان چېغىمىزدا، بالىنىڭ كۆز جىيەكلىرى ياش يۇقى تۇرغان بولۇپ، بۇ بالىنى ئاتا-ئانىسى خېلى ئۇرۇپ تىللىغان چېغى».

بۇ بالىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقا 7 كىچىك بالا شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى كەلگەن، بالىلار ئۆي ئىچىدە بىر مەھەل ئوينىغاندىن كېيىن زېرىكىشكە باشلىغان، بالىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىنا ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ ئويناش تەكلىپىنى بەرگەن، بالىلار دەرھال 14-قەۋەتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق 34-قەۋەتكە يامىشىپ چىققان ھەم بىنا ئۆگزىسىدىكى سۇپىغا چىققان.

بۇ كەپسىز بالىلار بىنا ئۆگزىسىدىكى چوڭ شامالدۇرغۇچ (يەنە بىنالاردا ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ) ئۈستىدە ئازراق ئوينىغاندىن كېيىن ئەينەك كاھىشلىق ئۆي ئۆگزىسىنىڭ ئالدى تەرەپنى توسۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ بىنا ئۆگزىسىدىكى ھاجەتخانا گاز قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى (يەنە بارلىق ئۆيلەردىكى ھاجەتخانىلارنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان تۇرۇبىنى كۆرسىتىدۇ) ئارقىلىق ئەينەك كاھىش ئۈستىگە يامىشىپ چىققان، ئۇلار ناھايىتى خەتەرلىك ئەينەك كاھىش ئۈستىدە نەچچە مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ پەسكە قايتىپ چۈشۈپ كەتكەن.

مۇخبىر 11-چېسلا ئەتىگەن سائەت 11 لاردا، شىيې مۇدىرغا ئەگىشىپ بۇ ئىش يۈز بەرگەن 7-كورپۇس بىنانىڭ 34-قەۋىتىگە چىققان، بۇ 34 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىدىن ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ ھەقىقەتەن پۇت-قولىدا جانمۇ قالمايتتى، ئەلۋەتتە.

مۇخبىر بىنا ئۆگزىسىگە چىقىدىغان ئىشىك ۋە سۇپىغا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى چاپلانغانلىقىنى بايقىغان. شىيې مۇدىر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى بۇ يەرگە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى چاپلاپ قويغان، لېكىن ئاگاھلاندۇرۇش خېتى شامال ۋە بوران-چاپقۇندا ئۇنچە ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىز 10-چېسلا كېچىلەپ قايتا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى بېسىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىگە قايتا چاپلاپ قويدۇق».

 

ئىگىلىنىشىچە، بالىلار يامىشىپ چىقىپ ئوينىغان ئەينەك كاھىشلىق سۇپىنىڭ گىرۋىكىگە ھېچقانداق قوغدىنىش رىشاتكىسى ئورنىتىلمىغان بولۇپ، ناۋادا رېمونت خادىملىرى ئۆگزىنى رېمونت قىلغىلى چىققان تەقدىردىمۇ بېلىگە بىخەتەرلىك ئارغامچىسى باغلاپ، پۇتىغا ئالاھىدە ياسالغان تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغى كىيىپ ئاندىن كاھىش ئۈستىگە چىقىپ مەشغۇلات قىلىدىكەن.

شىيې مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىنا ئۆگزىسىدىكى سۇپىغا چىققىلى بولىدىغان ئىشىككە ئاتايىتەن قۇلۇپ سېلىپ قويغانىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش ئۆتۈشمە يولى ئارقىلىق بىنا ئۆگزىسىدىكى سۇپىغا چىقىدىغان ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇشقا بولمايدىكەن. لېكىن ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمىدىكىلەر ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن ھەر تەرەپتىن ئويلىشىپ ئاخىرى بۇ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇشنى قارار قىلغان. «ناۋادا ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئىشىككە بۇنچە كىچىك قۇلۇپ سېلىپ قۇلۇپلاپ قويۇشقا قوشۇلمىسا، بىز ئىشىكتىكى قۇلۇپنى دەرھال ئېلىۋىتىمىز ئەلۋەتتە».

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • بۇ داڭلىق شەخس​لەر 2017-يىلىدا نېمىلەرنى دېدى؟
  • يولدىن تېپىۋالغان 10 يۈەن پۇل 21 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى
  • ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقانلار جازالاندى
  • بىر ئەر 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن توخۇ پوقىنى يالىدى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر
  • جىنەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى
  • ۋەنلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى
  • ۋۇخەندىكى بىر كاۋاپخانىدا تىمساھ گۆشى قورۇمىسى چىقىرىلدى
  • ھەجۋىي رەسىم: قىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئادەم تىللاپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامېرىكىلىق قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «قىسقا يەڭ ئاكا» بىراقلا چولپانغا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇخەندىكى يېڭىدىن توي قىلغان بىر جۈپلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈكلۈك قىز توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 80 ياشلىق موماينى ياشلىقىغا قايتۇرالايدىغان گىرىمچىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى ئاددىي شىنجاڭلىقلار سىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى...

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015