تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-13 11:21:17

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە پۈتۈن شەھەردىكى تارقىلىشچان زۇكام ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا %81.44 ئۆرلىگەن. شۇنداقلا B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، Aتىپلىق H3N2 كەنجى تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ۋە Aتىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئورتاق تارقىلىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن. يېقىنقى مەزگىلدە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئاساسلىق بولغان. 2017-يىلىنىڭ 51-ھەپتىسى (12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە) بېيجىڭدىكى 144 ئىككىنچى دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەھىيە تارماقلىرى كۈزىتىش ئىشىكى ۋە جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە تارقىلىشچان زۇكام خاراكتېردىكى كېسەللىكلەرنى كۆرسەتكىلى كەلگەنلەرنىڭ %3نى ئىگەللەپ، 50-ھەپتىدىكىدىن %2.35، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.54 يۇقىرىلىقىنى سىتاتىسكىلاپ چىققان. 12-ئاي كىرگەندىن بۇيان، سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆرلىشىنىڭ بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى، جىددىي يۇمۇقلۇق كېسەللىكلەر تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆپ قىسمى باشلانغۇچ 1-،2- يىللىق ۋە يەسلىلەردە كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان.

بۇ يىلقى تارقىلىشچان زۇكام SARS بولمىسىمۇ، بىراق شىددەت بىلەن ئېقىپ كەلدى! بۇ قېتىمقى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىكى بار:

* تارقىلىشى تېز، قىزىتما ئاسانلىقچە قايتماسلىق، قىزىتما يانغاندىن كېيىن قايتا قىزىش.

* قىزىغاندىن كېيىن يۆتىلىش مەزگىلىگە ئايلىنىش، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزىراش.

*بالىلار كۆپ ساننى ئىگەللەش.

*قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۇتقۇنچاق قىسىمىدىكى كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلاش. باش ئاغرىش ۋە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش.

* تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش.

*دائىملىق قان تەكشۈرتۈشتە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەن، دانچە ھۈجەيرىنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، سۈرئەتلىك CRP  يۇقىرى ۋە نورمال ئىپادىلىنىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن، بەلغەم كۆپىيىدۇ.

*يېرىمىدىن كۆپرەكىدە قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش بىرلىكتە يۈز بېرىدۇ.

* يۈرەك مۇسكۇلى ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ.

Aتىپلىق ۋە Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ پەرقى نېمە؟

بىز ئېيتىۋاتقان تارقىلىشچان زۇكام Aتىپلىق، Bتىپلىق ۋە Cتىپلىقتىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلىنىدۇ. Cتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كىشىگە بولغان تەسىرى ئاساسىي جەھەتتىن بەك چوڭ بولمىغاچقا تىلغا ئېلىنمايدۇ. Aتىپلىق ۋە Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېلىش دەرىجىسى ئادەتتىكى زۇكامدىن شىددەتلىك، سۈرئىتى تېز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنداقتا Aتىپلىق ۋە Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ پەرقى نېمە؟

ئوخشىماسلىقى:

Aتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش نىسبىتى تېخىمۇ تېز، تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭمۇ تارقىلىش دائىرىسى بولىدۇ، بىراق ئۇنچە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ئۇ يېقىن ئارىلىق  (مەسىلەن دەرسخانا دېگەندەك)تا كۆرىلىدۇ. يېقىندا مەكتەپلەردە پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبلىك دەم ئېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

ئوخشاشلىقى:

ئادەتتە بۇ ئىككى خىل كېسەللىكنىڭ قىزىتما دەرىجسى ئوخشاشلا يۇقىرى بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك 39 ھەتتا 40 گرادۇستىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسكۇللار ئاغرىيدۇ، بەزى كىچىك بالىلاردا كۆزى، قورسىقى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، يەنە بەزىلەرنى گېلى قۇرۇش، ئاغرىش، بىر قىسىم بالىلاردا كىچىك پاقالچاق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. (كىچىك پاقالچاق ۋە قورساقنىڭ ئاغرىشى Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامىتىدۇر)

مەيلى Aتىپلىق ياكى Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بولسۇن، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنىڭ ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈلمەيدۇ. يەنىلا داۋاملىق قىزىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. (غەرب تېبابىتىدە قىزىشقا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بىر كۈندىكى ئاساسىي قىزىتما بىر گرادۇسمۇ پەرقلەنمەسلىكتىن ئىبارەت) قىزتما ياندۇرۇش دورىسى يەپمۇ تەرلىمەسلىق، قىزىتما قايتماسلىق نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى تەمتىرىتىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامىتىدۇر.

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ ئەسكەرتمىسى:

1)بالىلارنى تارقىلىشچان زۇكام خاراكتېردىكى كېسەللىك ئالامىتى بولغان بىمارلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇچراشتۇرماسلىق، ئۇچرىشىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، ماسكا تاقاپ، يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 

 

2) بالا تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىك ئالامىتى بولغان بىمارغا ئۇچراشقاندا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆز، ئېغىز ۋە بۇرۇننىڭ قول بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، شۇنىڭدەك ئەتىر سوپۇن بىلەن قولنى دەرھال يۇيۇش، قولنى يۇيغاندا ئۇۋۇلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە سۇ بىلەن پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك.

3)ھاۋا ياخشى شارائىتتا، ھەر كۈنى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك.

4) بالىنى ئادەم زىچ، مۇھىتى بۇلغانغان سورۇنلارغا ئاپارماسلىق، دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندىمۇ ماسكا تاقىغۇزۇپ ئاپىرىش كېرەك.

5) تىمپۇراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، بالىنىڭ كىيم-كېچىكىنى ھاۋاغا ماسلاشتۇرۇش، يېمەك-ئىچمىكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چېنىقىشنى كۈچەيتىش، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

6) ئەگەر بالىدا تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى كۆرۈلسە، يېتەرلىك ئارام ئېلىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، يېمەك-ئىچمەكتە مايسىز، ئاسان ھەزىم بولۇش ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بالىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش كېرەك. مۇبادا ئىزچىل يۇقىرى قىزىتما ياكى يۆتەل قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاشسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ماسكا تاقاپ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

7) كېسەلنى سۆرەپ مەكتەپكە، يەسلىگە ۋە دەرستىن سىرتقى سىنىپلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالىغا يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە قولياغلىق ياكى قەغەز بىلەن ياكى جەينىكى بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى توسۇۋېلىش تەربىيەسىنى بېرىش كېرەك. ئامال بار قول بىلەن بىۋاستە ئېغىز بۇرنىنى توسۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق قول بىلەن نەپەسلىنىش يولىدىكى ئاجرالما ماددىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

Bتىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ھەققىدىكى سوئال-جاۋابلار:

سوئال: سۇنى كۆپ ئىچىش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

جاۋاب: ياق. تەتقىقاتلاردا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ سوغۇق، قۇرغاق ھاۋادا ئاسانلا تارقىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىراق بۇ يەردىكى قۇرغاقلىق بولسا مۇھىتنىڭ نەملىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ ئېغىز-بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ قۇرغاق ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. گەرچە ئېغىز-بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ قۇرغاقلىقى بىئارامسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، بىراق بۇ ۋىروسنىڭ تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، يالغۇز سۇ ئىچىش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

سوئال: ئوسما يىلتىزى، ۋىروسقا قارشى دورىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياردىمى بارمۇ يوق؟

جاۋاب: يوق. ھازىرچە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتلار بۇ دورىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىدى. تارقىلىشچان زۇكامغا ئۇچراشقان بىمار ئوۋسىتاۋېي (奥司他韦)نى ئىچىش ئارقىلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن بولۇشى كېرەك.

سوئال: تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن كېيىن پەرھىز تۇتۇش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: نېمە يېگۈسى كەلسە شۇنى يېسە بولىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ يېمەكلىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، ھەتتا مۇچمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

سوئال: ھازىر بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىگەندە ئۈلگۈرگىلى بولامدۇ؟

جاۋاب: ئانتېتىلانىڭ پەيدا بولۇشىغا ئادەتتە بىر ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش مەزگىلى ياكى ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئۇنىڭ قوغداش كۈچى بولمايدۇ. چۈنكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يۇشۇرۇن مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا، يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى قىسقا مەزگىل ئىچىدىلا كېسەللىك قوزغىلىدۇ. ۋاكسىنىنىڭ ئانتېتىلا ئىشلەپچىقىرىشىغا بىر ئاي ۋاقىت كېتىدۇ،بولمىسا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ.

سوئال: ئەگەر ئائىلىدە ئىككى بالا بولۇپ، بىرى تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولسا، يەنە بىرىنى قانچىلىك ۋاقىت ئايرىپ تۇرغۇزۇش كېرەك؟

جاۋاب: ئىككى پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن تەس. ئەگەر شارائىت يەر بەرسە ئايرىپ تۇرغۇزۇش كېرەك. ئادەتتە بەدەن تېمپۇراتۇرىسى نورماللىشىپ، يۆتەل، بۇرۇن ئېقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقاپ 48 سائەتتىن كېيىن بىرگە تۇرسا بولىدۇ.

سوئال: قانداق قىلغاندا تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلىقنى تېزلىكتە تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قەغىزى بارمۇ؟

جاۋاب: تارقىلىشچان زۇكامنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش بولسا نەپەسلىنىش يولى ئەۋرىشكىسى (يۇتقۇنچاق پەلكۈچى؛ بۇرۇن پەلكۈچى؛ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق ياكى كانايدىن ئېلىنغان شىللىق پەردە ھۈجەيرىسى) ئارقىلىق تارقىلىشچان زۇكامنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەجرىبە ئۇسۇلى نۆۋەتتە پەقەت قىسمەن دوختۇرخانىلاردىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ. سىناق قەغىزى ئارقىلىق ئۆزى تەكشۈرۈشمۇ تېخى ئەمەلىيلەشكىنى يوق.

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ گەرچە تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت توغرا يۈزلەنگەندىلا، سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا، ئالدىنى ئالغىلى، كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • بۇ داڭلىق شەخس​لەر 2017-يىلىدا نېمىلەرنى دېدى؟
  • يولدىن تېپىۋالغان 10 يۈەن پۇل 21 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى
  • ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقانلار جازالاندى
  • بىر ئەر 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن توخۇ پوقىنى يالىدى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر
  • جىنەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى
  • ۋەنلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى
  • ۋۇخەندىكى بىر كاۋاپخانىدا تىمساھ گۆشى قورۇمىسى چىقىرىلدى
  • ھەجۋىي رەسىم: قىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئادەم تىللاپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامېرىكىلىق قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «قىسقا يەڭ ئاكا» بىراقلا چولپانغا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇخەندىكى يېڭىدىن توي قىلغان بىر جۈپلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈكلۈك قىز توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 80 ياشلىق موماينى ياشلىقىغا قايتۇرالايدىغان گىرىمچىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى ئاددىي شىنجاڭلىقلار سىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى...

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015