قىز-ئاياللار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى توي قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 15:54:32

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،:

تاماشا ساھەسىدىكى يىلنىڭ بېشىدىلا ئاشكارىلانغان كىشىنى چۆچۈتكۈدەك خەۋەر تا بۈگۈنگە قەدەر ئاخىرلاشقىنى يوق.

قارىماققا، ئىنتايىن بەختلىك ۋە بەشتە ياخشى چولپان ئائىلىسىنىڭ ئارقىسىغا گاھىدا ئايرىلىش، گاھىدا بىرىكىش، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش دېگەندەك ئىشلار شۇنداقلا نىكاھتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار، ئۈمىدسىزلىنىشلەر ۋە ئۇھسىنىشلارنى پەقەت ۋە پەقەت شۇ «قەلئە»دىكى كىشىلەرلا ھېس قىلالايدۇ.

ئىككى كۈن ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر سوئالنى كۆرۈپ قالدىم: ئەگەر قايتا تاللاش پۇرسىتى بولسا، سىز يەنىلا ھازىرقى يولدىشىڭىزغا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟

ئىنكاس رايونىدىكى سۆزلەر مانا مۇنداق:

ئىزھار: قايتا تاللاش پۇرسىتى بولسا، مەن ھېچقانداق تونۇشمىغان ھالەتتە يولدىشىمغا ئۇچراپ، ئاندىن كېسەك بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىرنى قويۇپ، ئۆي تۇتالمايدىغان، ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان ئەبلەخنى تازا ئەدەپلەپ، ئارقامغىمۇ قاراپ سالماي كېتىپ قالاتتىم. ئەلۋەتتە، بۇلارنى كۆزەتكۈ يوق جايدا قىلىشىم كېرەك.

نامسىز: ئىلگىرى ئۇنى مەن ئۈچۈن بوران-چاپقۇنلارنى توسۇيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. نەدىكىنى... ئاقىۋەتتە تۇرمۇشۇمدىكى بوران-چاپقۇنلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئېلىپ كەلدى.

نامسىز: ھازىر نۇرغۇن ئايال ياتلىق بولۇپ نېمە ئىش قىلىدۇ، پۇلنى ئۆزىمىز تاپىمىز، ئائىلە ئىشىنى ئۆزىمىز قىلىمىز، بالىنى يەنە ئۆزىمىز باقىمىز، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە نېمىشقا بىر مەيدىسىدە تۈكى بار ئەرنى كۈتكۈدەكمىز؟ تاماقنى يەپ بولۇپلا، قاچىنى جايىغا قويىدىغان، ئورنىدىن قوپقاندا كىرىسلونىڭ ئاستىغا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسىمۇ يىغىشتۇرۇشنى بىلمەيدىغان چوپچوڭلا بولۇپ قالغان بىر ئەرنى بېقىپمۇ بىر ئىشمۇ، ياتلىق بولۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ دېيىشدىغان بولدى.

نامسىز: مەن ئۆلگەندە، سەنمۇ قەبرەمنىڭ ئالدىدا تۇرما، قايتىش يولۇمنى مەينەت قىلىسەن.

قىزىل زەھەر: ئەر دېگەن قانداق نەرسە، مەن پەقەت ھېچنېمىنى بىلمەيلا توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆيدە يەنە بىر غايەت زور بوۋاق كۆپەيدى، قەنت ئانام (قېيىنئانىسىنى كۆرسىتىدۇ) ئوغلىنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ بىر ئانا، مەن بولسام ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ خوتۇنى، بىراق ھازىر مېنىڭ ئورنۇم ئۇنىڭ بىلەن تەڭلەشتى.

نامسىز: نىكاھ ئاياللارغا زادى نېمىلەرنى ئاتا قىلدى؟ ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ، ۋاقتى ئىگەللەندى، بەدەن شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ، ياشلىق باھارىمۇ تۈگىدى. ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىدە مېھمانغا ئايلىنىپ، ئېرىنىڭ ئۆيىدە يات ئادەمگە ئايلاندى. ھەربىر ئايال يۆلەنگۈدەك ئەركەكنى ئىزدەيدۇ، بىراق ئاقىۋەتتە شۇ ئەركەكنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. توڭلاپ كەتسەك چاپان كىيىمىز، قورسىقىمىز ئاچسا بولكا يەيمىز. نېمىلا ئىشقا يولۇقساق ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز. ئاغرىپ قالساق ئۆزىمىز قەيسەر بولىمىز، ئاياللار پالۋاندەك ياشىشىمىز كېرەك.

نامسىز: ئەگەر كېيىنكى تاللاش پۇرستى بولسا، مەن ياخشى ئوقۇپ ئاتا-ئانامغا ۋاپادار بولۇپ، پۇلنى جىق تاپىمەن، مۇھەببەتلەشسەم بولىدۇ، بىراق ھەرگىز توي قىلمايمەن. بۇ ئۆمرۈمدە يەتكۈچە جاپا چەكتىم، بالامنى، ئائىلەمنى دەپ كۆپ دەرت تارتتىم، ھەممە كىشىگە يۈز كېلەلىدىم-يۇ، بىردىنبىر ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمىدىم، ئەگەر قايتا تاللاش پۇرسىتى بولسا، ھېچنېمىنى ئويلىماي ئۆزۈم ئۈچۈن ياشىسام دەيمەن.

بايۆمۇشى: قايتا تاللاش پۇرسىتى بولسا، مەن چوقۇم چىرايلىق، ئەقىللىق، پۇل تاپالايدىغان قىز بولۇپ، ھەرگىز توي قىلمايمەن.

ۋېن ۋېن: ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا مەن چوقۇم بىر پەرىزات بولىمەن.

مۇلايىم: قايتا تاللاش پۇرسىتى بولسا، ھازىرقى يولدىشىمنى ئۇچراتقان ھامان ئارقىمغىمۇ قارىماستىن كېتىپ قالىمەن.

چۈش: قايتا تاللاش پۇرستىدە يەنىلا ئۇ بولسا، مەن بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈشكە رازى.

بۇ ئاياللارنىڭ كۈلكە ئىچىدىكى كىنايىلىرىدىن كۆپچىلىك بەلكىم نىكاھنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى شېرىن تۇرمۇش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

كونىلار دەپتىكەن، بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى دەپ، ئۇنداقتا، نىكاھ تىياتىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئىلگىرىكى توي مۇراسىمىدا قىزىرىپ، يۈزىنى تۆۋەن قىلغىنىچە: «مەن رازى» دېگەن، قىزچاق، نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى يېنىدا تۇرغان ئەردىن قىلچىلىك رازى بولالمايدۇ؟

1. نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بوران-چاپقۇنلارنى توسۇپ قالالايدۇ، دەپ قاتتىق ئىشىنىدۇ. بىراق بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، تۇرمۇشتىكى بوران-چاپقۇنلارنىڭ ھەمىسىنىڭ ئۇنىڭ بېرىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدۇ.

تويدىن بۇرۇن ئالقاندىكى گۆھەر تويدىن كېيىن زارلىنىش، قاقشاشقا ئايلىنىدۇ. تۇرمۇش سىزگە توڭلىسىڭىز ئىسسىنىشىڭىزنى، ھەرقانداق ئىشتا مۇستەقىل بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاياللارنى مۇشۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ قويغان ئەرلەرگە: «ساڭا تەگكىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولدى؟»، دېگەن سوئال قويۇلىدۇ.

مەن تاماق قىلسام ئۇ يانفون ئوينايدۇ؛ مەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيسام ئۇ يانفون ئوينايدۇ؛ مەن ئۆيلەرنى تازىلىسام ئۇ يانفون ئوينايدۇ؛ مەن كىر-قات يۇيسام ئۇ يانفون ئوينايدۇ؛ بالامنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەتكۈزسەم ئۇ يانفون ئوينايدۇ.... ئۇ بەئەينى ئۆينىڭ كۆرۈنۈشچان ئادىمىگىلا ئوخشايدۇ... دەل مۇشۇنداق ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىدا: «ئەر= ئەخلەت»، دېگەن، قاراش شەكىللىنىدۇ.

تېخى يېڭىدىن ئانا بولغاندا، بالام تولا ئاغرىپ قالغاچقا، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي، يولدىشىمغا قاقشاپ بەرسەممۇ ئۇنىڭ كارى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇنىڭغا بىر ئانىنىڭ بىنادىن سەكرىگەنلىك خەۋىرىنى كۆرسىتىپ ئۇنى چۆچۈتۈپ: «بەزىدە مەنمۇ بىراقلا ھەممىنى تۈگەشتۈرسەم دەيمەن»، دېگىنىمدە، ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن: «مۇشۇ كۆرۈمسىز تۇرقۇڭ بىلەن سەكرەپ نېمە بولاي دېمەكچى؟» دېمەسمۇ، شۇ چاغدا ئۇنى بىر كۆتۈرۈپلا تاشلىۋەتكۈم كەلدى.

زۇكامداپ  تاماق يېگۈم كەلمىگەندە، يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز قورسىقىم ئېچىپ ئويغىنىپ يولدىشىمغا: «قورسىقىم ئاچتى»، دېدىم. يولدىشىم: «بۇنچە كەچ بولغاندا، سىرتتىن تاماق بۇيرۇتقىلى بولمايدۇ، مېنىڭ نېمە ئامالىم بولسۇن، ئۇخلىغىنە، ئۇخلسىاڭ قورسىقىڭ ئاچمايدۇ»، دېدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئاچ قورساق ئۇخلىمايدىغانلىقى يادىمدىن كەچتى.

ئىلگىرى بىر قانچە دوستلىرىمدىن توي قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سورىغىنىمدا، ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇشۇم ئىللىقلاشتى، سىرتتىن تاماق زاكاز قىلمايمەن، تۇرمۇشۇممۇ شۇنچىلىك تەرتىپلىك، دېدى؛ بىراق ئاياللار بولسا، مەن بىر قېرى ئانىغا ئوخشاش تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيۇپ، يەنە بالىغا قاراپ يۈرۈپتىمەن، دېدى.

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نىكاھتىن ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ بىر سەۋەبى بولسا، «مەن سېنى ئېرىم دېسەم، سەن مېنى ئائىلە خىزمەتكارى دەپ قارىدىڭ» دېگەندىن بولسا كېرەك.

ئەگەر تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ئاياللارنى كوت-كوت قىلىپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا، ئاياللارنى بۇ نىكاھتىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزدۈردىغىنى يەنىلا مۇھەببەتتىكى باراۋەرسىزلىكتۇر.

بىر كۈنى كەچ، دوستۇم شياۋچىڭ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ تېلېفون قىلىپ، ئۆي تۇتقۇچىلىقى قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەسلىدە، ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن جېدەللىشىپ قالغان بولۇپ، يولدىشى ئۇنىڭغا تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشنى ئېيتقان.

ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: بالىنىڭ يۈزىگە ھۆل تەمرەتكە چىققاندا، قېيىنئانىسى ھەمىشە قولى بىلەنلا سۈرتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ كۈنى ئاخىرى چىداپ بولالماستىن قېيىنئانىسىغا: «چوڭلارنىڭ قولىدا مىكروبلار جىق، مەينەت كېلىدۇ ھەمىشە قول بىلەن ئېيتىۋەرسە ھۆل تەمرەتكە تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ»، دېگەندە، ئايال يىغلاپ-جاقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيىپ، ئوغلىغا «ئەرز» قىلىپ، كېلىنىم مېنى مەينەت دېدى، دەپتۇ.

شياۋچىڭ قانداقلا كەچۈرۈم سورىسا پەقەتلا ئۇنىماي تۇرۇۋالغان ئايال ئۇنى تىزلىنىپ كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇپتۇ، ئۇ ئەلۋەتتە خالىمايدۇ-دە، بىراق نەتىجىدە يولدىشى ئۇنىڭغا: «ئۇ مېنىڭ ئاپام، ئۇنىڭغا يول قويساڭ نېمە بولىدۇ، تىزلانغىنىڭغا بىرەر يېرىڭ كاملاپ قالامتى»، دەپتۇ.

شياۋچىڭ: «ئۇنىڭ يا ئۆيى، يا پۇلى يوق. تويدىن كېيىن ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئازىراقمۇ كارى بولمىسا، مەن يەنىلا چىداپ، ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ كېتەمدىكىن دەپتىمەن. بۇ قېتىم ھېس قىلدىم، ئۇ مېنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيدىكەن، مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ھەر قېتىم مەن يول قويىمەن، ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمىسا، مەن ئۇۋالچىلىققا قالسام بولامدىكەن»، دېدى.

بەلكىم سىز شياۋچىڭنىڭ يولدىشىنى قائىدە ئۇقمايدىكەن، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇ دوستلار چەمبىرىكىمىزدە نامى چىققان ياخشى مىجەزلىك ئەر، ئۆزىمۇ خېلىلا مەرت. بىراق ھېچكىممۇ مۇشۇنداق بىر يۇۋاش، سىپايە ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدا مۇنداق ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.

ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا تاماق پىشمىسا خاپا بولىدۇ.

بالىنىڭ قىزىتمىسى چۈشمىسە خاپا بولىدۇ.

ھەر يىلى بايرام ئۆتكۈزگەندە، سوۋغاتلارنى ۋاقىتىدا تەييارلىمىسا يەنە خاپا بولىدۇ.

ئۆزىنىڭ ئاپىسى يولسىزلىق قىلسا ئۇ كەچۈرۈم سوراشنى خالىمىسا يەنە خاپا بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش تۇرمۇشتا شياۋچىڭ قانداقمۇ توي قىلغانغا تويماي قالمىسۇن؟

ئەمەلىيەتتە، ئاياللارغا نىسبەتەن نىكاھ مەڭگۈ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئۆي ئىشى، دائىم قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەيلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر جەرياندۇر. ئەسلىدە ئۆزىگە ھەمدەمدە بولۇپ، بۇ ئىشلارغا تاقابىل تۇرىدۇ، دەپ ئويلىغان ئەر ئاقىۋەتتە ئۇنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەس قىلىشى، ھەر قېتىم ئۇنى ئۇۋالچىلىققا قويۇشىدۇر.

ھەر قانداق بىر كىشىگە كەڭ قورساق بولۇپ، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ ئايالىغا قاتتىق قول، رەھىمسىز بولىدىغان، ياخشى خۇيىنى سىرتتىكىلەرگە بېرىپ، سۆرۈن تەلەتىنى ئايالغا كۆرسىتىدىغان بۇنداق ئەرلەر شەك-شۈبىھىسىزكى نىكاھتىكى ئەڭ ناچار ئادەمدۇر.

نىكاھتا، ئاياللار جاپا چېكىشتىن قورقمايدۇ. قورقىدىغىنى بىر تەرەپتىن ئاچچىق يۇتۇپ يەنە بىر تەرەپتىن جاپا چېكىش، بىر تەرەپتىن بەدەل تۆلەپ يەنە بىر تەرەپتىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىكتۇر.

چەتئەل تور بېكىتىدىكى «خوتۇنۇم ئىشلىمەيدۇ» ناملىق ماقالە ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بىر كۈنگە يەتمىگەن ئەھۋالدا 650 مىڭ ماختاشقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىكى ئائىلە ئايالى راشېلنىڭ يولدىشىنىڭ قارىشىچە، ئايالى خىزمەت قىلمىغاچقا، ئۇ نېمىلا قىلسا ھەقلىقكەن.

راشېلنىڭ يولدىشى ۋە پىسخك دوختۇرىنىڭ دىيالوگى تۆۋەندىكىچە:

دوختۇر: كىم سىلەرگە ناشتلىق تەييارلايدۇ؟

ئەر: خوتۇنۇم، چۈنكى ئۇنىڭ خىزمىتى يوق.

دوختۇر: بالىلىرىڭىز مەكتەپكە قانداق بارىدۇ؟

ئەر: خوتۇنۇم ئۇلارنى ئاپىرىدۇ، چۈنكى ئۇ خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

دوختۇر: بالىلىرىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

ئەر: ئادەتتە ئۆزىنىڭ نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ، ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن ئىشلارنى بېجىرىدۇ ياكى تاللا بازىرىغا بېرىپ نەرسە سېتىۋالىدۇ. ئەگەر بىر ئىشنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا يەنە سىرتقا چىقىدۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ سۈت بېرىدۇ. بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئاشخانىلارنى يىغىشتۇرۇپ، كىر-قات يۇيىدۇ، ئۆي تازىلايدۇ، سىز بىلىسىز، ئۇنىڭ خىزمىتى يوق.

دوختۇر: ئۇنداقتا كەچتە نېمە ئىش قىلىدۇ، سىز ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئادەتتە نېمە ئىش قىلىسىز؟

ئەر: ئەلۋەتتە ئارام ئالىمەن-دە، بانكىدا بىر كۈن ئىشلەپ بەكلا چارچاپ كېتىمەن.

دوختۇر: ئۇنداقتا ئايالىڭىز كەچلىكى نېمە ئىش قىلىدۇ؟

ئەر: ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە كەچلىك تاماق تەييارلاپ، قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ، ئۆيلەرنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىتىپ، يەنە ئۇلارنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇخلىتىدۇ، بوۋاقنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ سۈت بېرىدۇ. يېرىم كېچىدە قوپۇپ يەنە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، بەرىبىر ئۇ ئىشلىمىگەندىكىن سەھەر ئورنىدىن قوپمىسىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش ئايالىنىڭ تۈرلۈك بەدەل تۆلەشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان ئەرلەر ئەتراپىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس. ئەرلەر بەزىدە ئاياللار نېمىشقا شۇنچىۋالا كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئاھ ئۇرىدىغاندۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بەدەل تۆلىگىنىگە چۇشلۇق ئېرىشكىنى شۇنچىلىكلا بولسا، ئاھ ئۇرماي نېمە ئىش قىلسۇن؟

ھەممەيلەن دەيدىكەن، ئايال كىشىنىڭ ئەردىن تەلىي كەلمىسە بىكار دەپ، دېمىسىمۇ، نىكاھ تۇرمۇشى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا بەك زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تويدىن كېيىن، ئەرنىڭ يېنىدا ئۇنى سۆيىدىغان بىر ئادەم كۆپەيسە، ئايالنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بىر ئائىلە ھازىر بولىدۇ.  بۇ چاغدا ئاپىسىنىڭ ئۆيى ئۆزىنىڭ ئەمەس، قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيى تېخىمۇ شۇنداق، ئۇۋۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئاچچىقى كەلگەندە، بارىدىغان يېرىمۇ چىقماي قالىدۇ...

تويدىن كېيىن، يۇمران، ئاپئاق قوللىرىنى سۇغىمۇ تىقمايدىغان قىز، بۇس، چاڭ-توزان ئارىسىدا ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىغان ئايالغا ئايلىنىدۇ؛

تويدىن كېيىن، ئاجىز بىر قىزچاق بالىسىنىڭ تەرەت-سۈيدۈكى ئارىسىدا ئۆمىلەپ يۈرىدىغان ئايال جەڭچىگە ئايلىنىدۇ؛

تويدىن كېيىن، ئەتىۋارلىق مەلىكىدىن، قېيننئاتا، قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىر خوتۇنغا ئايلىنىدۇ؛

نىكاھ تۇرمۇشى ئاياللارغا نىسبەتەن چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان قىمارغا ئوخشايدۇ. ئەگەر يېنىدىكى ئەر ئۇنىڭغا كۆيۈنسە، ئۇنى چۈشەنسە، قەلبى ئىللىقلىققا تولۇپ، ھەرقانچە بەدەل تۆلىسەممۇ ئەرزىيىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ ئەگەر ئەسلىدىنلا قوغدىلىشقا، ئاسىراشقا تېگىشلىك ئايال بىلەن كارى بولماي، قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ھالىتى بىلەن ئايالىغا قارىسا، ئۇنداق بۇ ئايالنىڭ ۋايسىماسلىققا يەنە نېمە باھانسىى بولسۇن؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئاياللار توي قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ؟  نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قىزلار توي قىلىشنى خالىمايدۇ؟

بەلكىم ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئاياللار بەكلا كۆپ نەرسىلەرگە سۈكۈت قىلىپ، بەكلا كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەن، بەكلا كۆپ تەسلىم بولسىمۇ، بىراق ئاقىۋەتتە كۆڭۈلدىكىدەك بەختكە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك.

دەرەخ يوپۇرمىقى كۈندىن-كۈندە ساغىرىدۇ، ئادەم قەلبىمىمۇ ئاز-ئازدىن سوۋۇيدۇ. 

ئەي ئەر، سىز ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز غېمىڭىزنى يەپ، ئۈن-تۈنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ قويماڭ.

چۈنكى ھەقىقىي كەتكەن ۋاقىتتىكى ئىشكنىڭ يېپىلغان ئاۋازى تولىمۇ تۆۋەن، ھەقىقىي كۆڭلى ئۆلگەن بىر ئايالنىڭ سىزدىن ئايرىلغاندىكى تىۋىشىمۇ شۇنچىلىك يېنىك بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، دەل ئاشۇ چاغدا، ئۇ ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ...

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىز-ئاياللار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى توي قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى؟
  • بىر يىل ئاۋۋال ئۇرۇشۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىككى ئەر مۇشتلىشىپ، يەڭگۈچى 520 مىڭغا ئېرىشتى
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • بۇ داڭلىق شەخس​لەر 2017-يىلىدا نېمىلەرنى دېدى؟
  • يولدىن تېپىۋالغان 10 يۈەن پۇل 21 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى
  • ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقانلار جازالاندى
  • بىر ئەر 10 مىڭ يۈەن ئۈچۈن توخۇ پوقىنى يالىدى
  • 30 ياشلىق ئەر 100 مىڭ يۈەن خەجلەپ «قېيىنئانا»نى ئەمرىگە ئالدى
  • سىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ھېكىمەتلەر
  • جىنەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە قاتناش باشلاندى
  • ۋەنلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئافرىقىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ تۇرمۇشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئادەم تىللاپ يىلىغا بىر مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئامېرىكىلىق قىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «قىسقا يەڭ ئاكا» بىراقلا چولپانغا ئايلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ۋۇخەندىكى يېڭىدىن توي قىلغان بىر جۈپلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ تۈكلۈك قىز توي قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 80 ياشلىق موماينى ياشلىقىغا قايتۇرالايدىغان گىرىمچىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى ئاددىي شىنجاڭلىقلار سىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى...

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015