ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئاتالغان مۇھەببەت ھېكايىلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-09 15:23:49

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،:

قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇھەببەت ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا سىلەرگە بىر يۈرۈش مۇھەببەت ھېكايىسىنى سۇنىمىز، بىز ھەقىقىي مۇھەببەت ئىچىدە شادلىق ۋە غەملەرنى تەڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ساپ مۇھەببىتىدىن ئۈلگە ئالساق بولغۇدەك دېگەن ھېسسىياتقا كېلىمىز.

شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيە لوندون، تولا ئايرىلىپ، تولا يارىشىپ يۈرگەن تۇرمۇشىدىن زېرىككەن 31 ياشلىق لوندونلۇق «ئايپاتەم» Grace Gelder ئۆزى بىلەن توي قىلدى. «توي تەكلىپى قويۇش»، ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدى «ئايپاتەم» ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى. رەسىمدە Grace Gelder كەينىدىكىلەرگە گۈلىنى ئاتماقتا.

بۇ ئادەمنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزىدىغان ھېكايە. بىر كېلىنچەك تەقدىرنىڭ رەھىمسىزلىكى سەۋەبلىك مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئاخىرىدا يەنىلا توي كۆينىكىنى كىيدى. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تىرىستىن ۋۇدس تويىغا بىر ئاي قالغاندا ماشىنا ھادىسىسگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، بىر يىلدىن كېيىن Lauren Reynolds ئۇنىڭ بولغۇسى ئايالى Lauren Reynolds توي كۆينىكىنى كىيىپ، دوستلىرى ۋە ئائىلىدىكىلىرى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەرھۇمغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

90 ياشلىق Harold Coleman بىلەن 89 ياشلىق Ruby ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىن بولۇپ، ئۇلار 65 يىلىنى بىللە ئۆتكۈزگەن. يېقىندا بۇ قەدىناسلار توي خاتىرە كۈنى ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئىللىق رەسىمگە چۈشكەن. Harold بىلەن Ruby بىللە 5 بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان. ئۇلار Marty، Rhonda، Tim، Cindy، Sandy لار بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ 7 نەۋرىسى، 14 ئەۋرىسى، بىر چەۋرىسى بار ئىكەن. ئۇلاردەك مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەر-ئايال ھەم ئۇلارنىڭ چوڭ ئائىلىسى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.

Emmajane Love بولسا ئاۋستىرالىيەدىن، ئۇنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىسى بەك ئەگرى-توقاي بولۇپ، ئۇ ئاخىرى ساغلام بولمىغان مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن. ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۆزىگە توي تەكلىپى قويغان، 4-ئايدا ئاۋستىرالىيە ئالتۇن دېڭىز ساھىلىدا ئۆزى ئۈچۈن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

34 ياشلىق Huyla Durmaz گېرمانىيە ستۇتگارتتىن، Huyla Durmaz تۇغۇلغاندا پۇتى غەيرىي يېتىلىپ قالغان بولغاچقا، 18 يېشىدا يالغان پۇت سەپلىگەن. Huyla Durmaz ئىزچىل ئۆزىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكى سەۋەبلىك كۆڭلى بەك يېرىم بولغان، ئۆزىنى كەمسىتكەن، گەپ قىلىشنىمۇ خالىماس بولۇپ قالغان، تاكى 2014-يىلى Huyla Durmaz ئۆزىدىن بىر ياش كىچىك سۆيگىنى دېننىسنى ئۇچراتقۇچە شۇ خىل ھالدا ياشاپ كەلگەن. دېننىس ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بەدىئىي سۈرەت قىلىپ تارتقان، Huyla Durmaz ئۆزىنى كامېرادىن قاچۇرىدىغان ئەھۋالىدىن ئۆزگىرىپ، ئېچىلىپ كۈلىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن، ئۆزىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ گۈزەللەشكەن.

ھېكايىنىڭ باش پېرسوناژى روب بىلەن جولى، روب ئامېرىكىلىق، ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا، جولى فىلىپپىننىڭ مانىلادا تۇرىدۇ. يەر شارىنىڭ ئىككى تەرىپىدە نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر ئايرىپ تۇرغان ئىككى ناتونۇش ياش. ئىككى جايدىكى مۇھەببەت نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ جاپالىق تۇيۇلىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قەلبىدىكى نادامەت بولۇپ قالىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق سەپەر جەريانىدا تونۇشۇپ قالىدۇ، گەرچە ئىككى قىتئەدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىككى جايدا تۇرۇپ ئۇزۇن يىل مۇھەببەتلىشىپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىللە بولىدۇ.

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دەي گوخوڭ بۇ يىل 27 ياش، سىچۈەن بېيچۈەنلىك. 9 يىل بۇرۇن يەر تەۋرىگەندە بېيچۈەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولۇپ، ئەينى ۋاقتتا تولۇق 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەي گوخوڭ تامنىڭ ئاستىدا قېلىپ پۇتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى دەي گوخوڭ بىلەن سۇ سىمياۋ بەختلىك تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەنگلىيە، 27 ياشلىق Lauren Baker ئەنگلىيە بېدفورد ۋىلايىتىدىن، 2014-يىلى 7-ئايدا ئۇنىڭغا سۈت بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە راك كېسىلى قايتا قوزغىلىپ، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ. Lauren بىلەن 26 ياشلىق Ben Green تۆت ھەپتە ئىچىدە توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ 4 ھەپتىدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ داۋالانمىسا بولمايتتى، چاچلىرىنىمۇ چۈشۈرۈۋەتمىسە بولمايتتى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى
  • ئېلىمىزدىكى قاتناش ئەڭ قىستاڭ شەھەر
  • بىر ئورۇق قىز ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كولباسا تۈرمىلىنى بىر قېتىمدىلا يەۋەتتى
  • چەتئەللىك بىر جۈپلەر جۇڭگودىكى ئىجارە ئۆيدىن «گۆھەر» سېلىنغان ساندۇق تېپىۋالدى
  • ۋۇخەندىكى 8800 توننىلىق كۆۋرۈك 10 سائەتتىلا ئايلاندۇرۇلۇپ چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى
  • كۈنمىڭ ۋۇخۇا سوت مەھكىمىسىدە تارقىتىلغان دېلو ئىجرا پۇللىرى ئۈستەلگە دۆۋىلىنىپ كەتتى
  • كىتابىم -بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى
  • قىز-ئاياللار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى توي قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى؟
  • بىر يىل ئاۋۋال ئۇرۇشۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىككى ئەر مۇشتلىشىپ، يەڭگۈچى 520 مىڭغا ئېرىشتى
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • 140 نەچچە پارچە پويىز بېلىتىنىڭ كەينىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «ئوت يۈرەك بوۋاي» يالاڭئۇچا، يالاڭئاياغ ھالەتتە ئۇسسۇل ئوينىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيەلىك مودېل: جۇڭگودا خىزمەت قىلىش جاپالىق، لېكىن ئەرزىيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋىي داڭلىق ماركا Armani ھەققىدە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ ساھىبجاماللارغا قاراشنى ياقتۇرۇشى شەھۋەتپەرەسلىك ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • غەيرىي چاچ پاسونلۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوللاندىيەلىك ساھىبجاماللار چاغانلىق يولۇچى توشۇش كەيپىياتىنى ھېس قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھورۇن ئىستۇدېنت ھېكايە يېزىش ئۈچۈن مېھمانخانا ياتىقىنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015