چاغاندا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدىغان ئاۋات شەھەر

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-10 12:34:39

مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،

چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇش، يۇرتىغا قايتىش قاتارلىق تېمىلار قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى سەپتىكى بىر شەھەر بەك ئالاھىدە، ھەر يىلى چاغاندا ئادەتتە قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بەلكىم نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ دەپ قىزىقىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، چاغان مەزگىلى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، قىزغىن پوجاڭزا ئاتىدىغان بولۇشى كېرەكقۇ، زادى قايسى شەھەر ئۇ؟ باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئادەتتە قاينام- تاشقىنلىققا تولغان، ئادەم قىستا-قىستاڭ مېترو بېكەتلىرىدىمۇ ئاساسەن ئۇنداق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سايىسىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ.

بۇ شەھەر دەل ئىگىلىك جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان گۇاڭجۇ، ئۇ بىر داڭلىق ساياھەت شەھىرى. ھەر يىلى چاغاندىن بۇرۇن، گۇاڭجۇغا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا كەلگەن باشقا شەھەر ئاھالىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ، گۇاڭجۇ پۇقرالىرىمۇ بۇ ئىشلارغا ئانچە ھەيران قالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا مېترو قىستاڭچىلىققا ئايلىنىدۇ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر چوڭ-كىچىك يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ، مېترو ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا لىققىدە ئولتۇرۇشىدۇ، ھارپا كېچىسىدىن بۇرۇن ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشىدۇ.

ھارپا كېچىسى گۇاڭجۇدا تۇرغانلارنىڭ كۆپ قىسمى گۇاڭجۇنىڭ يەرلىك پۇقرالىرى بولۇپ. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا سىز

گۇاڭجۇ بەئەينى قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز، مېترو قۇپقۇرۇق، كوچىدا دۇكانلارنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسى ھىم تاقالغان، ئەسلىدە بىر قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، ئاۋات شەھەرنىڭ تۇيۇقسىز بىردىنلا شۇنچە جىمجىت ھالەتكە ئۆزگىرىشى ئادەمگە سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ گۇاڭجۇنىڭ يەرلىك پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ گۇاڭجۇدا ساياھەت قىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھىسابلىنىدۇ.

ئادەتتە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ %80تى گۇاڭجۇدىن ئايرىلىدۇ، پۈتۈن شەھەردە پەقەت گۇاڭجۇنىڭ يەرلىك پۇقرالىرىلا قالىدۇ، بۇمۇ ساياھەتنىڭ ھەقىقىي ھوزۇرىنى سۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھىسابلىنىدۇ.

ئالاھىدە ئەتىگەنلىك چاي

ساياھەتچىلەر ئالاھىدە ئەتىگەنلىك چاينى قېنىپ ئىچىش بىلەن بىرگە گۇاڭجۇنىڭ داڭلىق يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن پىچىنە، راك بەنشىرىسى، «سۇمۇرۇغ پۇتى» قاتارلىقلارنىمۇ كەم قالدۇرماي تېتىپ بېقىشى كېرەك.

كىچىك ئايلانما ساياھەت ماشىنىسى

كىچىك ئايلانما ساياھەت ماشىنىسى گۇاڭجۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قاتناش قورالى ھىسابلىنىدۇ، كىچىك ئايلانما ساياھەت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ گۈل شەھىرى گۇاڭجۇنى بىر ساياھەت قىلىپ چىقىڭ، گۇاڭجۇنىڭ كۈندۈزى بىلەن كېچىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، گۇاڭجۇنىڭ گۈزەللىككە تولغان كېچە مەنزىرىسىنى چوقۇم تاماشا قىلىش كېرەك، ئۈستى ئوچۇق سۇپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «پەلەك چاقى» بىلەن بىنادىن سەكرەش ماشىنىسى نۇرغۇن ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئىنتايىن قالتىس بىر ئىش بولۇپ، گۇاڭجۇنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشتىكى ئەپلىك قورال ھىساپلىنىدۇ.

تارىخىي ئىمارەت، لىڭنەن مەدەنىيىتى

لىڭنەن مەدەنىيىتى گۇاڭجۇ خەلقىنىڭ بىر ئەۋلاد خاس مەدەنىيىتى. شىگۇەن  ۋە چېن جيا ئىبادەتخانىسى ياكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق باغچىنىڭ بىرى يۈيىن باغچىسىمۇ لىڭنەن بىناكارلىقىنىڭ جەۋھىرى ھىسابلىنىدۇ، ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ئوخشاش بولمىغان باغ گۈزەللىكى، گۇاڭجۇ لىڭنەن ئىمارەت گۈزەللىكى سىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرالامدۇ يوق بىر كۆرۈپ كېلىڭ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى
  • ئېلىمىزدىكى قاتناش ئەڭ قىستاڭ شەھەر
  • بىر ئورۇق قىز ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كولباسا تۈرمىلىنى بىر قېتىمدىلا يەۋەتتى
  • چەتئەللىك بىر جۈپلەر جۇڭگودىكى ئىجارە ئۆيدىن «گۆھەر» سېلىنغان ساندۇق تېپىۋالدى
  • ۋۇخەندىكى 8800 توننىلىق كۆۋرۈك 10 سائەتتىلا ئايلاندۇرۇلۇپ چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى
  • كۈنمىڭ ۋۇخۇا سوت مەھكىمىسىدە تارقىتىلغان دېلو ئىجرا پۇللىرى ئۈستەلگە دۆۋىلىنىپ كەتتى
  • كىتابىم -بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى
  • قىز-ئاياللار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى توي قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى؟
  • بىر يىل ئاۋۋال ئۇرۇشۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىككى ئەر مۇشتلىشىپ، يەڭگۈچى 520 مىڭغا ئېرىشتى
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «ئوت يۈرەك بوۋاي» يالاڭئۇچا، يالاڭئاياغ ھالەتتە ئۇسسۇل ئوينىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيەلىك مودېل: جۇڭگودا خىزمەت قىلىش جاپالىق، لېكىن ئەرزىيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋىي داڭلىق ماركا Armani ھەققىدە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ ساھىبجاماللارغا قاراشنى ياقتۇرۇشى شەھۋەتپەرەسلىك ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • غەيرىي چاچ پاسونلۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوللاندىيەلىك ساھىبجاماللار چاغانلىق يولۇچى توشۇش كەيپىياتىنى ھېس قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھورۇن ئىستۇدېنت ھېكايە يېزىش ئۈچۈن مېھمانخانا ياتىقىنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015