توخۇ ئەسلىدە دىنوزاۋردىن تەرەققى قىلىپ پەيدا بولغان ئىكەن

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-10 22:40:37

تېخنىكا تورى 10-فېۋرال خەۋىرى،

سىز توخۇ بىلەن تۇخۇمنىڭ قايسىسىنىڭ بۇرۇن پەيدا بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ قەدىمكى پەلسەپىۋىي سوئال نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئەپلاتوندىن باشلاپ خاۋكىڭغا قەدەر ھەر بىر كىشى ئۆز مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. يېقىندا، «توخۇنىڭ ئەسلى ئەجدادى دىنوزاۋر» ناملىق ماقالە تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، بەزى تورداشلار قىزىقچىلىق قىلىپ: «ئەتىگەن تۇخۇم پەمىدۇر قورۇمىسى يېگەن ۋاقتىمدا دىنوزاۋرنىڭ تەمى باردەك ھېس قىلغان ئىدىم» دېيىشتى. ئەگەر بۇ ئىش راست بولۇپ قالسا، بىز ئىزچىل كاللا قاتۇرۇپ كەلگەن «توخۇ» بىلەن «تۇخۇم»نىڭ ماجىراسى ئەمدىلىكتە «دىنوزاۋر ئالدى بىلەن بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟» دېگەن تالاش-تارتىشقا ئۆزگىرىدۇ. ئۇنداقتا توخۇ ھەقىقەتەنمۇ دىنوزاۋردىن تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولغانمۇ؟

ئەمدى قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ ئەجدادى ئۈستىدە توختىلايلى. ئىلگىرى بىر نەپەر تارىخ مۇزىيىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېگەن ئىدى: «دىنوزاۋرنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرى يېشىپ چېقىلىپ، نەسلى قۇرۇپ كەتكەن جانلىقلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى دەرۋازىسى ئېچىلدى!». ئۇ نېمە ئۇچۇن بۇنداق دەيدۇ؟

چۈنكى دىنوزاۋرنىڭ تېنىدىن ئېرىشكەن يېڭى بايقاشقا ئاساسلانغاندا، دىنوزاۋر بىلەن ھازىرقى دەۋردىكى نۇرغۇنلىغان قۇش تۈرىنىڭ ئالاقىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قۇش تۈرى دىنوزاۋردىن تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولغان ئىكەن. بۇ خىل پەرەز پۈتۈنلەي دىنوزاۋر بىلەن قۇشلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دىنوزاۋر بىلەن قۇشلارنىڭ DNA تەرتىپى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ھەتتا ئەمەلىيەتتە ماسلىشىش دەرىجىسى %80 كە يېتىدىكەن. 19-ئەسىردە، ئالىملار توخۇنىڭ بىر خىل قۇشلار سىنىپىدىكى جانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىر خىل ئىپتىدائىي قۇش تۈرىگە تەۋە ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، توخۇ بىلەن دىنوزاۋرنى يېقىن تۇغقانلار دېيىشكە بولىدۇ.

لېكىن نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ئېقىمدىكى ئالىملار قۇشلارنىڭ ئەجدادىنى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار كىچىك تىپتىكى گۆشخور دىنوزاۋر بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن توخۇنى دىنوزاۋردىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن دېگەن قاراشنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. دىنوزاۋر بىلەن توخۇ، بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ ئىنسانلار ئېڭىدىكى ئوبرازى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلاشقاندا، ئۇلارنىڭ بىر تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كاللىڭىزغا قەتئىي سىغدۇرالمايسىز. ئەمەلىيەتتە، تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنىڭ جاۋابى دەل ئەنە شۇنداق كىشىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى
  • ئېلىمىزدىكى قاتناش ئەڭ قىستاڭ شەھەر
  • بىر ئورۇق قىز ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كولباسا تۈرمىلىنى بىر قېتىمدىلا يەۋەتتى
  • چەتئەللىك بىر جۈپلەر جۇڭگودىكى ئىجارە ئۆيدىن «گۆھەر» سېلىنغان ساندۇق تېپىۋالدى
  • ۋۇخەندىكى 8800 توننىلىق كۆۋرۈك 10 سائەتتىلا ئايلاندۇرۇلۇپ چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى
  • كۈنمىڭ ۋۇخۇا سوت مەھكىمىسىدە تارقىتىلغان دېلو ئىجرا پۇللىرى ئۈستەلگە دۆۋىلىنىپ كەتتى
  • كىتابىم -بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى
  • قىز-ئاياللار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى توي قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى؟
  • بىر يىل ئاۋۋال ئۇرۇشۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىككى ئەر مۇشتلىشىپ، يەڭگۈچى 520 مىڭغا ئېرىشتى
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «ئوت يۈرەك بوۋاي» يالاڭئۇچا، يالاڭئاياغ ھالەتتە ئۇسسۇل ئوينىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيەلىك مودېل: جۇڭگودا خىزمەت قىلىش جاپالىق، لېكىن ئەرزىيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋىي داڭلىق ماركا Armani ھەققىدە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ ساھىبجاماللارغا قاراشنى ياقتۇرۇشى شەھۋەتپەرەسلىك ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • غەيرىي چاچ پاسونلۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوللاندىيەلىك ساھىبجاماللار چاغانلىق يولۇچى توشۇش كەيپىياتىنى ھېس قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھورۇن ئىستۇدېنت ھېكايە يېزىش ئۈچۈن مېھمانخانا ياتىقىنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015