ئۈچ مىليونلۇق ھەشەمەتلىك ئۆيدە تۇرىدىغان ئايال سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-10 22:47:36

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :

خېنەن جېڭجۇدىكى 50 نەچچە ياشلىق لى يەڭگىنىڭ گەرچە تۇراقلىق پېنسىيە مائاشى، يەنە 120 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئۈچ مىليونلۇق ھەشەمەتلىك ئۆيى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەر كۈنى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ قاتراپ يۈرىدۇ. ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىدا، بىر كۈندە بەش يەردە تازىلىق قىلىدۇ. بۇ سۈرەت 8-فېۋرال تارتىلغان.

لى يەڭگە ئىلگىرى مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىناتتى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئىشلەپ كۆنۈپ قالغان لى يەڭگە ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالدى ۋە ئىش تېپىپ ئىشلىمەكچى بولدى. «تازىلىق قىلىدىغان ئىش ئادەم تاللىمايدۇ، پەقەت سىز جاپادىن قورقمايدىغان ۋە ئىشچان بولسىڭىزلا كۇپايە.» شۇنىڭ بىلەن لى يەڭگە ئۆيىگە يېقىن يەردىكى بىر ئىدارىدىن تازىلىق قىلىدىغان ئىش تاپتى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن كۆلىمى كېڭىيىپ كەتتى، ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىدا، بىر كۈندە بەش يەردە تازىلىق قىلىدۇ، پېنسىيە مائاشى قوشقاندا، لى يەڭگىنىڭ ھازىرقى ھەر ئايلىق تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ.

لى يەڭگىنىڭ ئائىلە شارائىتى ئەزەلدىنلا ياخشى ئىدى، يولدىشى پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى چەتئەلدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى، 2012-يىلى لى يەڭگە يولدىشى بىلەن ئورنى ياخشىراق يەردىن ھازىرقى ئۆيىنى سېتىۋالغان. «ئۇ چاغدا ئۆي ئەرزان ئىدى، ھازىر ئاڭلىسام قىممەت بولۇپ كېتىپتۇ.» لى يەڭگىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ھازىرقى باھاسى ئۈچ مىليوندىن ئاشىدىكەن.

لى يەڭگىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن خىزمەت بىنالىرى بار، شۇڭا يىراققىمۇ بارمىدى. بۇنداق بولغاندا ئىشتىن چۈشۈپ يەنە يولدىشىغا تاماق ئېتىپ بېرەلەيدۇ.

لى يەڭگە خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ، بەگىلا بارسا تازىلىقنى بەك ياخشى قىلىدۇ، شۇڭا كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ ماختىشى ۋە تەۋسىيە قىلىشىغا ئېرىشتى.

لى يەڭگە خىزمەت ۋاقتىغا ئاساسەن ھەق ئالىدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئېيىغا 800 يۈەن، كۆپ بولغاندا 2700 يۈەن ئەتراپىدا. تازىلىق قىلىش خىزمىتى بىر قەدەر ئەركىن بولغاچقا، ئادەتتە بەلگىلەنگەن دائىرىنى تازىلاپ بولۇپلا ئىشتىن چۈشسە بولىدۇ. شۇڭا لى يەڭگە ھەركۈنى بىر قانچە شىركەتلەر ئارىسىدا قاتراپ يۈرىدۇ.

گەرچە لى يەڭگە ھەركۈنى ئالدىراشلا يۈرسىمۇ، لېكىن خىزمەت ۋاقتى بىر قەدەر تۇراقلىق، ئادەتتىكى خىزمەت ۋاقتى ئەتىگەن 7:00دىن چۈشتىن كېيىن 5:00كىچە.

گەرچە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن لى يەڭگە ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە پەقەت ئەمگەك قىلىشلا كىشىنى خۇشال قىلالايدىكەن.

8-يانۋار چۈشتە لى يەڭگە نەۋرىسىگە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سېتىۋالدى. ئۇ ئۆزى ئەمگەك قىلىپ تاپقان پۇلنى ئۆيىدىكىلەرگە خەجلەپ بەرسە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلىدۇ.

ھەر كۈنى ئالدىراشلا يۈرىدىغان لى يەڭگىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى
  • ئېلىمىزدىكى قاتناش ئەڭ قىستاڭ شەھەر
  • بىر ئورۇق قىز ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كولباسا تۈرمىلىنى بىر قېتىمدىلا يەۋەتتى
  • چەتئەللىك بىر جۈپلەر جۇڭگودىكى ئىجارە ئۆيدىن «گۆھەر» سېلىنغان ساندۇق تېپىۋالدى
  • ۋۇخەندىكى 8800 توننىلىق كۆۋرۈك 10 سائەتتىلا ئايلاندۇرۇلۇپ چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى
  • كۈنمىڭ ۋۇخۇا سوت مەھكىمىسىدە تارقىتىلغان دېلو ئىجرا پۇللىرى ئۈستەلگە دۆۋىلىنىپ كەتتى
  • كىتابىم -بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى
  • قىز-ئاياللار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى توي قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى؟
  • بىر يىل ئاۋۋال ئۇرۇشۇشقا ۋەدىلەشكەن ئىككى ئەر مۇشتلىشىپ، يەڭگۈچى 520 مىڭغا ئېرىشتى
  • قىشتىمۇ كىيگىلى بولىدىغان يازلىق كىيىملەر ھەققىدە
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى
  • يىلدا 500 يۈەن خەجلەپ دۇنيانى ساياھەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەر-ئايال
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئاجرىشىش توي قىلىشتىنمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ
  • كورېيەلىك بودەك قىز 10 يىلدىن كېيىن «پەرىزات»قا ئايلىنىپ يىگىتلەرنى پۇشايماندا قويدى
  • دۆلىتىمىز كۈچىنىڭ بارىچە يېزا قاتنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بوغما ھالەتنى تۈگەتمەكتە
  • «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 40 يىل بولدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «ئوت يۈرەك بوۋاي» يالاڭئۇچا، يالاڭئاياغ ھالەتتە ئۇسسۇل ئوينىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيەلىك مودېل: جۇڭگودا خىزمەت قىلىش جاپالىق، لېكىن ئەرزىيدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋىي داڭلىق ماركا Armani ھەققىدە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەرلەرنىڭ ساھىبجاماللارغا قاراشنى ياقتۇرۇشى شەھۋەتپەرەسلىك ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • غەيرىي چاچ پاسونلۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوللاندىيەلىك ساھىبجاماللار چاغانلىق يولۇچى توشۇش كەيپىياتىنى ھېس قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھورۇن ئىستۇدېنت ھېكايە يېزىش ئۈچۈن مېھمانخانا ياتىقىنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ تائاملاردىن قايسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى قاتتىق سوغۇقتىمۇ يالىڭاچ مەشق قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015