دۆلىتىمىزدىكى بىر باي فىجىدىكى يۈرەك شەكىللىك ئارالنى بەش مىليونغا سېتىۋالدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-13 17:01:29

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-فېۋرال خەۋىرى:

ساياھەتنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ ھوزۇرلۇق ئىش خۇسۇسىي ئارىلىنىڭ قۇملۇق ساھىلىدا يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانغاچ ئېسىل ھاراق ئىچىش. بۇنداق تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغانلار ئاز بولمىسا كېرەك. دۆلىتىمىز بايلىرى ھازىر چەتئەللەردىن كىچىك ئاراللارنى سېتىۋېلىپ كىشىلەر ئارزۇ قىلغاندەك ياشىماقتا.

سۈرەتتىكى يۈرەك شەكىللىك ئارال بەك چىرايلىق، شۇنداقمۇ؟ خاتىرجەم بولۇڭ. بۇ ئارالغا سىزمۇ بارالايسىز. چۈنكى ئۇنى دۆلىتىمىزدىكى بىر باي سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ ئارال فىجىدىكى 2-چوڭ ئارال بولۇپ، «دېڭىز-ئوكياننىڭ يۈرىكى» دېگەن چىرايلىق نامى بار.

فىجىدىكى «دېڭىز-ئوكيان»نىڭ يۈرىكىنىڭ ئەسلى ئىسمى توۋېر لۇئا ئارىلى بولۇپ، كۆلىمى 120 مىڭ كىۋادرات مېتىر. ئۇ مارجان خادا تاشلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، كىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھەرخىل تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق. ئاشىق-مەشۇقلار بۇ جايغا كېلىپ توي تەكلىپى قويۇش، ھەتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۈچ يىل ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ مەلۇم بىر تور بېكىتىدە توۋېر لۇئا ئارىلى، گىرېتسىيەدىكى لائېسو ئارىلى، كانادادىكى دەدمېن ئارىلى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى، باشلىنىش باھاسى بىر يۈەن قىلىندى. ئاخىرىدا يۈرەك شەكىللىك ئارالنى دۆلىتىمىزدىكى بىر باي بەش مىليون يۈەنگە سېتىۋالدى. 

بەش مىليون يۈەنگە بۇنداق گۈزەل ئارالنىڭ 99 يىللىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ھەرگىز قىممەت ھېسابلانمايدۇ. بىر تورداش بۇ باھاغا بېيجىڭدا بىر ھاجەتخانا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئاراللارنىڭ باھاسى ئارانلا 100 نەچچە مىڭ يۈەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ پەقەتلا ئىشلىتىش ھوقۇقى سېتىلىدۇ، يىل چەكلىمىسى پەرقلىنىدۇ.

ئارالنىڭ باھاسى قىممەت بولمىسىمۇ، ئەمما كېيىنكى مەزگىللىك ئېچىش خىزمىتىگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنغاندا ئاندىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. بەزى بايلار يەنە چەتئەللەردىن ئارال سېتىۋېلىپ باھاسى ئۆسۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاۋاتىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • 2018-يىلى شىنجاڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى سىستېمىسى جەمئىيەتتىن خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ
  • داچىدا تۇرۇپ ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان بىۋاستە تارقاتقۇچىلار
  • 25 ياشلىق قىز بىلەن 87 ياشلىق بوۋاينىڭ توي سۈرىتى تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى
  • ئاران %15 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالىم بولۇشنى ئويلايدىكەن
  • گۇڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ باقامدۇق؟
  • دۆلىتىمىزدە ئۆيى بار ئاياللار ئۆيى بار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ ئىكەن
  • ئىككى ئەۋلاد ئۈچ تۇغقان 19 يىل باققان قىز
  • 200 مىڭ يۈەن تويلۇق ئالغان كېلىنچەك ئۈچ كۈندە ئاجرىشىش غەلۋىسى قىلدى
  • جۇڭگودىكى ئەڭ باي ناھىيە: كىشى بېشى كىرىمى بېيجىڭ، شاڭخەيدىنمۇ كۆپ
  • چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ
  • 50، 60، 70، 80-يىللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەن سۈرەتلىرى
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھېكمەتلىرى
  • ئېلىمىزدىكى قاتناش ئەڭ قىستاڭ شەھەر
  • بىر ئورۇق قىز ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كولباسا تۈرمىلىنى بىر قېتىمدىلا يەۋەتتى
  • چەتئەللىك بىر جۈپلەر جۇڭگودىكى ئىجارە ئۆيدىن «گۆھەر» سېلىنغان ساندۇق تېپىۋالدى
  • ۋۇخەندىكى 8800 توننىلىق كۆۋرۈك 10 سائەتتىلا ئايلاندۇرۇلۇپ چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇردى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بۇ بەش ئالاھىدىلىكنىڭ ئىككىسى بولسا ئۆزىڭىزنى چىرايلىقكەنمەن دېسىڭىز بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زەھەر سودىگىرى بىلەن ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن قىزغا 15 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قىزلار ئۈچ قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، يەتتە خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پۇل تاپىدىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 50 مېتىر كەلسىمۇ 12 كاتتا ماشىنىدا كۆچۈرۈلگەن توي مۇراسىمى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوڭلاردەك گىرىم قىلىۋېلىشىغا قانداق قارايسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل تۆت دېڭىز ساھىلى: سىز قايسىلىرىغا بېرىپ باققان؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگودىكى ئەڭ «غەلىتە» كەنت: 1000 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي تۇتىشىپ كەتكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قىز-ئاياللارنىڭ كۆينەكلىرى ئەمدى ھەريان ئۇچمايدىغان بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015