ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-08-25 11:07:57

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

ما يۈننىڭ سۆزلىرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا، تور بېكەتلەردىن سالونلارغا كۆچۈپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى، يېقىندا ما يۈن ئۆي ھەققىدە بىر گەپ قىلىپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بىلىش كېرەككى، ئۆي ئىنسان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە، ھازىر ئەگەر بىرى «سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر شاپاق نەرقى بولۇپ كېتىدۇ، ئۆي ئالمىغىن» دېسە، «بۇ ئادەم ئازراق... ئىكەن» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇ گەپ ما يۈننىڭ ئاغزىدىن چىقسا خېلى ئويلىنىپ قالىسىز.

 

ما يۈننىڭ تۇرالغۇ ئۆي ھەققىدىكى قاراشلىرى ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە

ما يۈن 2014-يىلى خىزمەتچىلىرىگە يازغان خېتىدە: 1992-يىلى ئۆي ئالدىم، سىلەر قەرز قىلىپ بولسىمۇ 70-100 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆي ئالدىڭلار، ئەمما يادىڭلاردا بولسۇن، كەلگۈسىدە ئۆي، ماشىنا، نەق پۇل دېگەنلەر ئەڭ ئەرزان نەرسىگە ئايلىنىپ، ساپ ھاۋا، پاكىز سۇ، بىخەتەر يېمەكلىك، دوختۇرخانىنىڭ كارىۋىتى ئەڭ قىممەت بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى بىر كاتتىلار ئۇچرىشىشىدا ما يۈن «سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيدىنمۇ ئەرزان نەرسە بولمايدۇ، ئۆي شاپاق نەرقى بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.

يېقىنقى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچرىشىشىدا ما يۈن يەنە: «كاپالەت بېرىمەن، 30 يىلدىن كېيىن بالىلار ئىشسىز قالىدۇ» دېدى، ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئىشسىز قالىدىغىنى ئەنئەنىۋى مائارىپ تەربىيەسىدىكى دەرس يادلاپلا ئۆتىدىغان بالىلاردۇر. 

 

كىشىلەر ما يۈننىڭ بۇ گەپلىرىدىن غەم يەپ ئولتۇرغاندا، ئۇ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا يۈرۈش قىلدى، بۇ بەزى ئىشلارغا دەلىل بولۇپ قالدى، ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر زاكالەت پۇلى تۆلىمەيلا ئىشەنچ دەرىجىسى ئارقىلىق ئۆي ئىجارە ئالغان كىشىلەر 6 مىليونغا يەتكەن.

يېقىندا ما يۈنگە قاراشلىق شىركەت ۋە 12 ئىجارە ئۆي سىناق نۇقتىسى ئاچقان خاڭجۇ شەھىرى ھەمكارلىشىپ «ئىدراكلىق تۇرالغۇ ئىجارە مۇلازىمەت سۇپىسى»نى بەرپا قىلدى، ما يۈن 2014-يىلى خىزمەتچىلىرىگە: «كەلگۈسىدىكى ياشلار ئۆي ئىجارە ئېلىشنى بىلىشى كېرەك» دېگەن تېمىدا خەت يازدى، قارىغاندا ما يۈن خېلى بۇرۇنلا ئۆي ئىجارە بازىرىغا كۆز تىككەن ئوخشايدۇ. 

قارىساق، ئۆيلەردە ئۆزگىرىش بولدى، تۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللاشقاچ، تاللاش ئوبيېكتلىرىمۇ كۆپ خىللاشتى، ھازىرچە ئۆي ئالالمايدىغانلار ئىجارە ئېلىشقا بەكرەك مايىل بولدى، بولۇپمۇ ئۆي ئىجارە ئېلىش ئىلھاملاندۇرۇلغان، ئورتاق مۈلۈكلۈك تۇرالغۇ ئۆي ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىتتا، ئۆينىڭ سېتىلىش مىقدارى ۋە باھاسى تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭدى، بۇلارغا قارىساق ما يۈننىڭ «ئۆي شاپاق نەرقى بولىدۇ» دېگىنىنىڭ مەلۇم ئاساسى باردەك قىلىدۇ.

كەلگۈسىدە ئۆي ئەرزان بولۇپ كېتىدۇ دېگەن بۇ سۆزنى مەيلى ما يۈن دېسۇن ياكى لى جياچېڭ دېسۇن، ۋاڭ جيەنلىن ئۆي مۈلۈك ساھەسىدىن چېكىنسۇن ياكى پەن شىيى ھازىر ئۆي ئوشۇقچە دېسۇن، كەلگۈسىدە ئۆينىڭ نەرقى چوقۇم چۈشىدۇ، ئاددىي پۇقرالار بولمىش بىزلەر بۇ مەسىلىگە ئۆزىمىزنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۆي ئالمىقىمىز ئاسان ئەمەس، بەزى ئائىلىلەر بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ غېمىدە يۈرىدۇ، ئەگەر سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆينىڭ باھاسىنىڭ راستىنلا چۈشۈشىنى ھەممە ئادەم خالايدۇ، ئەمما ئۆي ئالار ياكى ئۆي ساتارلارنىڭ سەككىز يىلغا تاقىتى بارمۇ؟ 

 

ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆي ئېلىشقا قۇربىڭىز يەتسە ھېچكىم سىزنى ئالما دېمەيدۇ، بالدۇر ئالسىڭىزمۇ، كېيىن ئالسىڭىزمۇ بەرىبىر ئالىسىز، بولۇپمۇ ئۆزى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆي ئالغانلار ئۈچۈن شۇنداق. ئەمما ئۆيگە مەبلەغ سېلىپ باھاسى ئۆسكەندە ساتىمەن دېگۈچىلەر بەكرەك ئويلىنىپ بېقىڭلار، ئالدىنقى ئايدا يەنجىياۋدا ئاران سەككىز يۈرۈش ئۆي سېتىلدى، شۇ ئۆينى باھاسى ئۆسكەندە ساتىمەن ئالغانلارنىڭ بېشىغا پىت چۈشتى. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۆلىتىمىزدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەم
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت يوق تەرەققىي قىلغان دۆلەت - ئىسرائىلىيە
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • فوربېس باھالىغان ئامېرىكىلىق ئەڭ باي 10 ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015