جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا ئىچىدە نېمىشقا ئەلى بابا ۋە تېڭشۈن يوق؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-08-26 11:32:08

techweb تورى خەۋىرى،:

مەملىكەتلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 2017-يىللىق جۇڭگو پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 24-ئاۋغۇست ئېچىلدى، يىغىندا جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئەڭ يېڭى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

تىزىملىكتە خۇاۋېي، سۇنىڭ، ۋېيچياۋ، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، جېڭۋېي، ليەنشياڭ، خۇاشىن، جىڭدوڭ، ۋەندا، خېڭلى قاتارلىقلار ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىردى.

سەپسالىدىغان بولساق، تېڭشۈن بىلەن ئەلى بابانىڭ بۇ تىزىملىككە كىرەلمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەگەر بۇ ئىككى شىركەتنىڭ سېتىش كىرىمى مۇشۇ تىزىملىككە كىرگۈدەك دەرىجىگە يەتمىگەن دېسە ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟

جۇڭگو كارخانىچىلار ژورنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنى باھالاش شەرتلىرىنىڭ ئىچىدە «2016-يىللىق سېتىش كىرىمى 500 مىليون يۈەن (500 مىليون يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن يۇقىرى بولغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار، غەيرىي ئومۇمىي ئىگىلىكتىكى ئىقتىسادىي تەركىبىنى پاي كونترول قىلىدىغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» دېگەن تەلەپ بار.

مەيلى ئەلى بابا ياكى تېڭشۈن بولسۇن، بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى يۇقىرىقى شەرتكە چۈشمەيدۇ، چۈنكى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئىككى شىركەت چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە ئەلى بابانىڭ 1-چوڭ پايچىكى ياپونىيەدىكى SoftBank گۇرۇھى، ئۇنىڭ قولىدا ئەلى بابانىڭ %29.2 پېيى بار؛ 2-چوڭ پايچىكى ياخۇ (Yahoo) شىركىتى بولۇپ، ياخۇنىڭ قولىدا ئەلى بابانىڭ %15 پېيى بار؛ ئەلى بابا باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ پاي ئۈلۈشى %10.6، بۇنىڭ ئىچىدە مايۈەننىڭ قولىدىكى پاي %7 بولۇپ، ئۇ ئەلى بابادىكى 3-چوڭ پايچىك ھېسابلىنىدۇ.

تېڭشۈنگە كەلسەك، نۆۋەتتە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى MIH گوروھى تېڭشۈننىڭ %33.93 پاي ھوقوقىغا ئىگىدارلىق قىلىدۇ، بۇ گوروھ تېڭشۈننىڭ 1-چوڭ پايچكى ھېسابلىنىدۇ. ماخۇاتېڭنىڭ قولىدا تېڭشۈننىڭ %10.22 پېيى بار، بۇ ھەتتا MIHنىڭ 1/3 ىگىمۇ يەتمەيدۇ.

بۇندىن باشقا، تېڭشۈن بىلەن ئەلى بابا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان دۆلەت جۇڭگو ئەمەس، بەلكى كارب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى كايمان تاقىم ئارىلى، بۇ سەۋەبتىن ئالغاندىمۇ بۇ ئىككى شىركەتنى ئېلىمىزنىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى دېيىشكە بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى قانچىلىك ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ؟
  • نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز؟
  • شەھەرلەردىكى بېسىلىپ قالغان ئۆينى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى
  • ئېلىمىز يانفونلىرى دۇنيا بازىرىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
  • دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو 2-ئورۇندا تۇردى
  • 2017-يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەھەرلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • ئېلىمىزدىكى كىشى بېشى GDPسى 500 مىڭدىن كۆپ بىردىنبىر شەھەرگە نەزەر
  • يېڭىدىن تۈزۈلگەن تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش چارىسى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
  • دۇنيادىكى يېزا ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان 10 دۆلەت
  • كارتىسىدىن 770 مىڭ يۈەن ئوغرىلانغان ئايال تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا تولۇق تۆلەمگە ئېرىشتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالمىدىن ئۈچ ھەسسە باي دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار شىركەت پاي بازىرىغا ئاتلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارىدىكى مىليونېرلار نېمىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇقلار نېمىشقا باففېتنى ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015