نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-08-29 22:23:00

شىنخۇا تورى ئۇچۇرى: 

جۇڭگولۇقلار ئىلگىرى ناھايىتى نامرات ئىدى. تامغا بىر تۇزلىغان بېلىقنى ئېسىپ قويۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر تەخسە تۇزلىغان كۆكتات ۋە قۇرۇق ئاشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بېشىنى ئېگىپ ئاشتىن بىر كاپام يېسە، بېشىنى كۆتۈرۈپ تامدىكى بېلىققا بىر قاراپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن گۆشلۈك تاماق يېگەن بولاتتى. بالىلار ئۆزىنى تۇتالماي بىرەر قېتىم ئارتۇق قاراپ قويسا، دادىسى ئۇنى ئاچكۆز دەپ تىللايتتى. ئاق ئاش، چىلىغان كۆكتات ھەمدە تامدا بېلىق بولسا يامان ئەمەس ھېسابلىناتتى.

ئۇزۇن مۇددەت دېھقانچىلىق جەمئىيىتىدە ياشىغاچقا، تۇيۇقسىزلا تەبئىي ئاپەت ۋە بالا-قازا كېلىپ قالارمۇ-دەپ، ھاۋارايىغا قاراپ ئىش تۇتاتتى. پۇقرالار ھەم نامرات، ھەم كۈتۈلمىگەن بالا-قازاغا ھەر ۋاقىت تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك ئىدى، شۇڭا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىقتىسادچان، تېجەشچان بولۇش ياشاش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش دەستۇرى بولۇپ كەلگەنىدى. ھازىر جۇڭگولۇقلار بېيىدى، ئەمما بەخت كۆرسەتكۈچى بۇنىڭغا يېتىشىپ بولالمىدى.

لو موماي بىر قانچە جىڭ بانان سېتىۋالدى، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى تال باناننىڭ قارىداپ قالغانلىقىنى، قىسمەن يېرىنىڭ سېسىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى- دە، دەرھال يەۋەتتى، قالغانلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېيىشكە كۆزى قىيماي، قويۇپ قويۇشنى قارار قىلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنە ئىككى تال باناننىڭ سېسىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان لو موماي تېزدىن ئۇلارنى يەۋەتتى...شۇ پەدىدە باناننىڭ ھەممىسىنى يەپ بولدى، ئەمما ساق باناندىن بىرنىمۇ يېيەلمىدى. بۇنداق قىلىشقا ئامراقلار پەقەت لو مومايلا بولماسلىقى مۇمكىن.

شياۋ ئانىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا نەچچە مىڭ يۈەنلىك بىر كىيىم ئېلىپ بەردى. ھەر قېتىم دوستلىرى كەلگەندە ئۇ كىيىمنى كىيىپ بىر قېتىم كۆز-كۆز قىلاتتى، ئەمما كىيىپ چىقىشقا كۆزى قىيمايتتى. پەقەت ھەر يىلى چاغاننىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە بىر قانچە سائەت كىيىپ قوياتتى، كېيىن دەرھال سېلىۋېتىپ قاتلاپ قوياتتى. كېيىن كىيىمنى يەنە بىر قېتىم ئالغاندا، چاچقان غاجاپ قويغانلىقىنى بايقىدى.

يېيىشكە تېگىشلىكنى يېمەيدۇ، كېيىشكە تېگىشلىكنى كىيمەيدۇ، ئىشلىتىشكە تېگىشلىكنى ئىشلەتمەيدۇ...نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار ھېلىھەم غورىگۈل كۈن كەچۈرمەكتە. بۇ پەقەت باياشات تۇرمۇشقا ماسلىشالماسلىقلا ئەمەس، بۇ بىر خىل ئادەت، بىر خىل تەپەككۇر، بىر خىل كۆز قاراش، بىر خىل ئەندىزە.

 

نېمىگە شۇنچە ۋاي دېسىڭىز، شۇ نەرسە شۇنچە كەم بولىدۇ

ئۆيىمىز كىچىك بازاردىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا پىيادە بىر سائەتتە بارىمىز، دادام ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغان بەش يۈەنگە قىيالماي، بازارغا ئەزەلدىن پىيادە باراتتى. قىش ۋە ئەتىياز پەسلى بولسىغۇ مەيلى، 40 گرادۇسلۇق تومۇز ياز پەسلىدىمۇ پىژغىرىم ئاپتاپقا قارىماي بىر چامدام، بىر چامدامدىن مېڭىپ بازارغا باراتتى، بازاردىن يەنە پىيادە قايتىپ كېلەتتى، ئۇنىڭغا ئاپتوموبىلغا ئولتۇر دەپ نەسىھەت قىلساق، ئەكسىچە دەشنام يەيتتۇق. ئاخىرى بىر كۈنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا داۋالانغان پۇلى ئىككى يىللىق ئاپتوموبىل ھەققىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ئۆزگىرىپ قالار دەپ ئويلىغانىدۇق. كىم بىلسۇن، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ پۇل خەجلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەر جاھىللىشىپ كەتتى، ھەتتا يېنىدا قىممەت نەرسە ئېلىپ يۈرگەن چاغدىمۇ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرمىدى.

دادامنىڭ يەنە بىر ئادىتى بار، ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنمەستىن، ئالدى بىلەن چىداپ، «نەچچە كۈندىن كېيىن ياخشىلىنىپ قالارمەن» دېگەن ئۈمىدتە بولىدۇ. ئەگەر چىداپ بولالمىسا، ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە كىچىك دورىخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋالىدۇ، ھەتتا غەيرىي رەسمىي رېتسىپقا ئاساسەن دورا ئۆسۈملۈكى تەييارلايدۇ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىرلاشقاندىلا ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇنتىزىم دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ماقۇل بولىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەچكە، سەرپ بولغان چىقىم نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.

ئۆيدە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدىغان پۇل ياكى دورا پۇلىنىڭ كەملىكىدىن ئەمەس، ئۇ پەقەت «تېجەشچان بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق» قا ئادەتلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئادەت جاھىل ھەم كاج، تەۋرىتىشكە بولمايدۇ. بۇنداق دادىسى بارلار پەقەت مەنلا ئەمەسقۇ دەيمەن. تېجەشلىكتە چىڭ تۇرىدىغان ئادەم ھەر قانداق ئىشتا پۇل تېجەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. پسىخولوگىيە ساھەسىدە «كەملىك پسىخىكىسى» دەيدىغان بىر روھىي ھالەت بار، يەنى ئۆزىڭىزدە نېمىنى كەم ھېس قىلسىڭىز، شۇ نېمىگە شۇنچە ۋاي دەيدىغان بولۇپ قالىسىز، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا، سىز نېمىگە شۇنچە ۋاي دېسىڭىز، شۇ نەرسە شۇنچە كەم بولىدۇ.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىدىكى سۈن بوۋاي ياش چېغىدا ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، «پۇل كەملىك» ئۇنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانىدى. پەرزەنتلىرى قاتارغا قوشۇلغان، تۇرمۇشىدا ھېچقانداق بېسىم بولمىغان ھازىرقى كۈندىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ئىنتايىن نامرات ھېس قىلىدۇ ھەمدە كەلگۈسىدە يەنە نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. «مۇھتاجلىقنىڭ دەردىنى راسا تارتقان» بۇ بوۋاي ئىزچىل تۈردە ناھايىتى تېجەشچان بولۇپ كەلمەكتە: ئۇ سۇ پۇلىنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن كۆكتات ئاندا-ساندا يۇيۇپ قويىدۇ، ئەگەر پاكىزدەك كۆرۈنسە ھەتتا يۇمايلا قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سوغۇق سەيگە ئىنتايىن ئامراق بولغاچقا، دائىم پاكىز يۇيۇلمىغان كۆكتاتلارنى يەپ، ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، جېنىنى سېلىپ بەرگىلى تاس قالغان. ئاخىرىدا كېسەلخانىدا يېتىپ 70 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلەپ، جېنىنى ئاران ساقلاپ قالغان. 70 مىڭ يۈەن پۇل سۈن بوۋاينىڭ ئىككى ئۆمۈر سۇ ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ.

«كەملىك پسىخىكىسى» كىشىلەرنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنى بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇ بىر خىل تىپىك نامراتلار تەپەككۇرى بولۇپ، ھەمىشە «تېجەشلىك» تىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى قانچىلىك ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ؟
  • نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز؟
  • شەھەرلەردىكى بېسىلىپ قالغان ئۆينى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى
  • ئېلىمىز يانفونلىرى دۇنيا بازىرىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
  • دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو 2-ئورۇندا تۇردى
  • 2017-يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەھەرلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • ئېلىمىزدىكى كىشى بېشى GDPسى 500 مىڭدىن كۆپ بىردىنبىر شەھەرگە نەزەر
  • يېڭىدىن تۈزۈلگەن تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش چارىسى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
  • دۇنيادىكى يېزا ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان 10 دۆلەت
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالمىدىن ئۈچ ھەسسە باي دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار شىركەت پاي بازىرىغا ئاتلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارىدىكى مىليونېرلار نېمىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇقلار نېمىشقا باففېتنى ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015