تەپەككۇر قانچە پۇلغا يارايدۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-08-30 22:27:12

بىر داڭلىق مېھمانساراي باشقۇرغۇچى دېرىكتور تەكلىپ قىلىش ئېلانى چىقارغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم كېلىپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپتۇ، خوجايىن ئۇلارغا مۇنداق سوئال چىقىرىپتۇ.

«سىزنى مېھمانخانىمىزغا قوبۇل قىلىنىدى دەپ پەرەز قىلايلى، بىر كۈنى سىز خىزمەت ئۈستىدە بىر خېرىدارنىڭ ياتىقىغا كىردىڭىز، بۇ چاغدا بىر ئايال خېرىدار يۇيۇنىۋاتقانىدى، بۇ چاغدا قانداق قىلىسىلەر؟»

نۇرغۇنلىرى: «كەچۈرۈڭ، خانقىز، مەن قەستەن قىلمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى، بەزىلىرى بولسا: «خانقىز، مەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. خوجايىن ھەممىسىگە بېشىنى چايقىدى، بۇ چاغدا بىر ياش يىگىتنىڭ بەرگەن جاۋابى خوجايىننى قايىل قىلدى.

ئۇ يىگىت: «كەچۈرۈڭ، ئەپەندىم، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

تەھلىل: بۇ يىگىت خېرىدارنىڭ پىسكىسىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، خېرىدار ناھايىتى ئېنىق ئايال كىشى تۇرسا، باشقۇرغۇچى دېرىكتور «ئەپەندىم» دەپ چاقىردى، بۇ چاغدا خېرىدار كۆڭلىدە مېنى ئېنىق كۆرەلمەپتۇ دەپ ئويلايدۇ، كۆڭلىدە يوشۇرۇن خۇشال بولىدۇ، چۈنكى يالىڭاچ ھالىتىنى باشقىلار كۆرمىدى دە! خوجايىنغا لازىم بولغىنى دەل خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان، پىسخىكىسىنى چۈشىنەلەيدىغان ئادەم، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن ياخشى نەتىجە يارىتالايدۇ.

 بىر نامرات ئادەم بولۇپ، كۈنى ئاچ-يالىڭاچلىقتا ئۆتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ تەڭرىگە يىغلاپ زارلاپتۇ: «ئاھ، تەڭرىم ! نېمىشقا مەن بۇنداق جاپادا قالىمەن!؟ بۇ جەمئيەت بەك ئادالەتسىز ئىكەن، نېمىشقا بايلار كۈندە بىكار يۈرۈيدۇ، بىز نامراتلار كۈندە جاپالىق ئەمگەك قىلىمىز؟ نېمىشقا ئۇلار كۈندە نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، ئېسىل ئۆيلەردە راھەت كۆرىدۇ، بىز بولساق سىرتتا سەرسان بولۇپ، ئاچ-يالىڭاچ يۈرۈيمىز؟»

تەڭرى ئۇنىڭغا: «سېنىڭچە قانداق بولسا ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ؟»

نامرات ئادەم دەرھال: «باينى ماڭا ئوخشاش نامرات قىلىپ قويغىن، ماڭا ئوخشاش ئىشنى قىلسۇن، ئەگەر باي يەنىلا باي بولسا، مەن ئاھ ئۇرمايمەن.»

تەڭرى ماقۇل بوپتۇ ھەمدە باي ئادەمدىن بىرنى نامرات ھالىتىگە ئەكىلىپ نامرات بىلەن بىللە ئىككى تاغنىڭ يېنىغا تاشلاپتۇ. ئۇلارغا مۇشۇ تاغدىن كۆمۈر كولاپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشنى، مۆھلەتنىڭ پەقەت بىر ئاي ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.

 

 

شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى كۆمۈر كولاش خىزمىتىنى باشلاپتۇ، نامرات بۇرۇندىن قاتتىق ئىشلارنى قىلىپ كۆنگەچكە، بۇ ئىش ئۇنىڭغا قىلچە قىيىن تۇيۇلماپتۇ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىر ھارۋا كۆمۈرنى قېزىپ بوپتۇ. كۆمۈرنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، پۇلنىڭ ھەممىسىگە يەيدىغان ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوساق تويغۇزۇپتۇ، خۇشال ئارام ئاپتۇ.

باي بولسا ئادەتتە ئېغىر ئىش قىلمىغاچقا، كۆمۈر قېزىش ئىشى ئۇنىڭغا ناھايىتى تەس كەپتۇ بىر كۈن كەچكىچە ئاران بىر ھارۋا كۆمۈر قېزىپتۇ ھەمدە بازارغا ئاپىرىپ ساتقاندىن كېيىن بىر نەچچە ناننى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، قالغان پۇللارنى ساقلاپ قويۇپتۇ.

نامرات ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ يەنە كۆمۈر قېزىشقا باشلاپتۇ، باي بولسا بازارغا بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ؛ بىردەمدىلا مەدىكاردىن ئىككىنى باشلاپ كېلىپ ئۇلارغا تاغنى كۆرسىتىپ كۆمۈر قېزىشنى بويرۇپتۇ، ئىككى مەدىكار كۈچەپ ئىشلەپ كەچكىچە بەش ھارۋا كۆمۈر قېزىپتۇ، باي ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بەرگەندىن كېيىن يېنىدا يەنە نۇرغۇن پۇل ئېشىپ قاپتۇ.

باي ئەتسى يەنە بىرمۇنچە مەدىكارلارنى باشلاپ كېلىپ كۆمۈر قازدۇرۇپتۇ، ئۆزى بولسا ئىشچىلارغا قوماندانلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ. نامرات كۈندە ئۆزى يالغۇز كۆمۈر قېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

بىر ئاي ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ، باي بولسا كۈندىن-كۈنگە كۆپلىگەن مەدىكارلارنى باشلاپ كېلىپ ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىپ تاغنى قېزىپ تۈگىتىپتۇ ھەمدە تاپقان پۇللىرىنى باشقا ئىشلارغا مەبلەغ سېلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك باي بولۇپ كىتىپتۇ.

نامرات بولسا كۈندە تاپقان پۇلىنى خەجلەپ بولۇپتۇ، ئازراقمۇ پۇل يىغالماپتۇ، تاغنىڭ بىر بۇلۇڭ قىسمىنىمۇ قېزىپ بولالماپتۇ.

مېنىڭچە بۇ ھېكايىنىڭ تەھلىلى ياكى خۇلاسىسىنى يېزىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق، شۇنداق بولسىمۇ بىر جۈملە قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىزنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىمىزگە ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكى پايدىلانغىلى بولىدىغان بايلىقتىن قانچىلىك پايدىلانغانلىقىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى قانچىلىك ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ؟
  • نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز؟
  • شەھەرلەردىكى بېسىلىپ قالغان ئۆينى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى
  • ئېلىمىز يانفونلىرى دۇنيا بازىرىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
  • دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو 2-ئورۇندا تۇردى
  • 2017-يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەھەرلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • ئېلىمىزدىكى كىشى بېشى GDPسى 500 مىڭدىن كۆپ بىردىنبىر شەھەرگە نەزەر
  • يېڭىدىن تۈزۈلگەن تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش چارىسى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
  • دۇنيادىكى يېزا ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان 10 دۆلەت
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالمىدىن ئۈچ ھەسسە باي دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار شىركەت پاي بازىرىغا ئاتلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارىدىكى مىليونېرلار نېمىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگولۇقلار نېمىشقا باففېتنى ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015