دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-04 17:57:03

شياڭگاڭ شەھىرى

 

تېڭشۈن تورى 3-سېنتەبىر خەۋىرى:

خۇرۈن تەتقىقات يۇرتىدىكىلەر 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان «خۇرۈن ئالدىنقى يېرىم يىللىق دۇنيا ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز بولۇپ، ئالدىنقى 10 ئورۇنغا تىزىلغان شەھەرلەر قاتارىغا جۇڭگونىڭ 6 شەھىرى كىرگەن، ئالدىنقى 50 ئورۇنغا تىزىلغان شەھەرلەر قاتارىغا 21 شەھىرى كىرگەن.

تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولغان 10 شەھەر قاتارىغا كىرگەن ئالتە شەھەر ۋۇشى، شياڭگاڭ، جېڭجۇ، چاڭشا، گۇاڭجۇ ۋە شىجياجۇاڭ قاتارلىقلار بولۇپ، يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.9، %20.8، %20.2، %18.5، %17.9، %16.1 بولغان. ۋۇشى مەملىكەت بويىچە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ تېز شەھەر بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا تىزىلغان، شياڭگاڭ 4-ئورۇنغا تىزىلغان، جېڭجۇ، چاڭشا، گۇاڭجۇ ۋە شىجياجۇاڭلار 5-، 7-، 8- ۋە 10-ئورۇنغا تىزىلغان.

گۇاڭجۇ شەھىرى

 

ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولغان شەھەرلەر ئىچىدىكى 42 شەھەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %10تىن يۇقىرى بولغان، 50-ئورۇنغا تىزىلغان شەھەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى %8.2 بولغان؛ كانادانىڭ تورونتو شەھىرى بىر سەكرەپلا دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ يۇقىرى شەھەرگە ئايلىنىپ، ئۆسۈش نىسبىتى %26.1كە يەتكەن.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرى

 

مەملىكەت مىقياسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىگە كىرگەن شەھەر 12 دۆلەتكە تەۋە شەھەرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ شەھەرلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 21گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكىنىڭ يەتتە شەھىرى (سېئاتىل، داللاس، ئورلاندو، دېنۋېر، نيۇيورك، ساكرامېنتو ۋە مىيامى)، گېرمانىيەنىڭ ئالتە شەھىرى (بېرلىن، خاننوۋېر، شىتۇتگارت، فىرانكفۇرت، ميۇنخېن ۋە ھامبۇرگ)، كانادانىڭ تۆت شەھىرى (تورونتو، خامىلتون، ۋىكتورىيە ۋە ۋانكوۋېر)، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۈچ شەھىرى (مېلبۇرن، سىدنېي ۋە كانبېررا)، ئېرلاندىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىككىدىن شەھىرى، گوللاندىيە، ئىسلاندىيە، پورتۇگالىيە، كورېيە ۋە تۈركىيەلەرنىڭ بىردىن شەھىرى كىرگەن.

كانادا تورونتو شەھىرى

 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار 2016-يىلى 6-ئايدىن 2017-يىلى 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 12 ئايلىق مەلۇمات ئىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى قانچىلىك ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ؟
  • نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز؟
  • شەھەرلەردىكى بېسىلىپ قالغان ئۆينى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى
  • ئېلىمىز يانفونلىرى دۇنيا بازىرىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
  • دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو 2-ئورۇندا تۇردى
  • 2017-يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەھەرلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • ئېلىمىزدىكى كىشى بېشى GDPسى 500 مىڭدىن كۆپ بىردىنبىر شەھەرگە نەزەر
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015