ئاسىيادىكى 10 چوڭ باينىڭ 300 مىليارد دوللار پۇلى بار، ما يۈننىڭ ئەڭ كۆپ

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-04 21:43:20

Cnbeta تورى خەۋىرى:

فوربېسنىڭ رېئال ۋاقىتلىق بايلار تىزىملىكى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ھازىر ئاسىيادىكى ئون چوڭ باينىڭ ئىلكىدە جەمئىي 296 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىق بار ئىكەن، ھالبۇكى ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈندىن ئىبارەت بىرلا شەخسنىڭ بايلىقى ئاسىيادىكى ئون چوڭ باي ئىچىدە %12.7 بايلىقنى ئىگىلىگەن ئىكەن. فوربېسنىڭ رېئال ۋاقىتلىق بايلار تىزىملىكىدە ما يۈننىڭ ھازىرقى بايلىق سوممىسى 37 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 17-ئورۇنغا، ئاسىيا بويىچە 1-ئورۇنغا تىزىلىدىكەن.

ئاسىيا بويىچە ما يۈندىنلا كېيىن تۇرىدىغىنى ھىندىستان «ئىشەنچ» گۇرۇھىنىڭ رەئىسى مۇكېش ئامبانى بولۇپ، ئۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن. ئۇ ھىندىستاندىكى 1-باي، ئۇنىڭ ھازىرقى شەخسىي بايلىق سوممىسى 37 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، فوربېسنىڭ رېئال ۋاقىتلىق بايلار تىزىملىكىدە 19-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئاسىيادىكى 3-باي تېڭشۈننىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما خۇاتېڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى شەخسىي بايلىق سوممىسى 36 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، ئۇ فوربېسنىڭ رېئال ۋاقىتلىق بايلار تىزىملىكىدە 20-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئاسىيادىكى ئون چوڭ باي ئىچىدىكى باشقا يەتتە كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لى جياچېڭ، شۈ جيايىن، ۋاڭ جيەنلىن، لى جاۋجى، ياپونىيە Softbank گۇرۇھىدىكى ماسايوشى سون، شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدىكى ۋاڭ ۋېي ۋە «ھىندىستاننىڭ بىل گەيتىسى» دەپ نام ئالغان ئەزىم پىرېمجى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ۋاڭ ۋېي بىلەن ئەزىم پىرېمجىنىڭ فوربېسنىڭ رېئال ۋاقىتلىق بايلار تىزىملىكىدىكى رەت تەرتىپى 51- ۋە 52-بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى 50نىڭ قاتارىغا كىرگەن.

قوشۇمچە: ئاسىيادىكى ئون چوڭ باي، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە بايلىق سوممىسى

1. ما يۈن، ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، بايلىقى 37 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

2. مۇكېش ئامبانى، ھىندىستان «ئىشەنچ» گۇرۇھىنىڭ رەئىسى، بايلىقى 37 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

3. ما خۇاتېڭ، تېڭشۈن گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، بايلىقى 36 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

4. لى جياچېڭ، چاڭجياڭ خېجى ئوقەتچىلىكى، چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى، بايلىقى 34 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

5. شۈ جيايىن، خېڭدا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، بايلىقى 32 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

6. ۋاڭ جيەنلىن، ۋەندا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، بايلىقى 30 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

7. لى جاۋجى، خېڭجى جاۋيې يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتى، جۇڭخۇا كۆمۈر گازى شىركىتىنىڭ رەئىسى، شىنخوڭجى يەر مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بايلىقى 27 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

8. ماسايوشى سون، ياپونىيە Softbank گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، قوشۇمچە باش لېدىرى، بايلىقى 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

9. ۋاڭ ۋېي، شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش پاي كونترول شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، بايلىقى 19 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى

10. ئەزىم پىرېمجى، ھىندىستان Wipro يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ رەئىسى، بايلىقى 19 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى قانچىلىك ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ؟
  • نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز؟
  • شەھەرلەردىكى بېسىلىپ قالغان ئۆينى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى
  • ئېلىمىز يانفونلىرى دۇنيا بازىرىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
  • دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو 2-ئورۇندا تۇردى
  • 2017-يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەھەرلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • ئېلىمىزدىكى كىشى بېشى GDPسى 500 مىڭدىن كۆپ بىردىنبىر شەھەرگە نەزەر
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015