يەھۇدىيلار كىچىكىدىن باشلاپ بايلىق تەربىيسى ئالغاچقا شۇڭا باي

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-05 23:43:49

دۇنيادا بىر ئالاھىدە مىللەت بار، ئۇ بولسىمۇ يەھۇدىيلار، ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئاران 16 مىليون، يەرشارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 0.25 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ 22 پىرسەنتىگە ئېرىشكەن. 

ئېينىشتىين، فىروئىد، ماركىس، John von Neumann قاتارلىق تارىخ سەھنىسىدە چاقنىغان تالانت ئىگىلىرى ھەممىسى مۇشۇ مىللەتتىن چىققان.

كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئاۋۋالقى چۈشەنچىسى ئۇلار پۇل تېپىشقا ئۇستا. بۇ ھەقىقەت، يەھۇدىيلارنىڭ ۋال كوچىسىدىكى تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. گولدمەن، لېخمەن قېرىنداشلار قاتارلىق نۇرغۇن مەبلەغ بانكىلىرىنى يەھۇدىيلار قۇرغان، خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن بوران چىقىرۋېتىدىغان «پۇل-مۇئامىلە لەھىڭى» جورج سوروس قاتارلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ھەممىسى يەھۇدىي. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پاۋىل ۋوربۇرگ، ئىككى نۆۋەتلىك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى ئەلەن گىرىنىسپەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي. ھەممەيلەن ئاڭلاپ تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم ئامېرىكىلىق داڭلىق شەخىسلەر ۋە زەردارلار ھەممىسى يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان.

ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى گىگانىت شىركەت Oracle شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لاررىي ئېلىسىن

شەخسىي كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى باشلامچى شىركەت دېل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايكول دېل.

Facebook نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكېربېرگ

گوگېلنىڭ قۇرغۇچىسى سېرگىي بىرىن ۋە لاررىي پېيج.

نېمىشقا يەھۇدىي ئائىلىلىرى بۇنچە كۆپ دۇنياۋى زەردارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ؟ بۇ تەرىپى يەھۇدىيلارنىڭ بالىلارغا سىڭدۈرگەن بايلىق قارىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يەھۇدىي ئائىلىلىرىنىڭ بالىلارغا بايلىق تەربىيسى بېرىدىغان ۋاقت جەدۋىلى

3 ياش: ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇلارغا قەغەز پۇل بىلەن تەڭگە پۇلنى تونۇتۇشنى باشلايدۇ.

4 ياش: بالىلارغا ئاددىي ھېسابلاشلارنى ئۆگىتىدۇ.

5 ياش: ئۇلارغا پۇل ئارقىلىق نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پۇلنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

7 ياش: مەھسۇلاتلارنىڭ باھا چاپلىقىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ، «پۇلنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇش» قارىشىنى يېتىلدۈرىدۇ.

8 ياش: بالىلارغا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەش كېرەكلىكىنى، پۇلنى بانكىغا قويۇشنى ئۆگىتىدۇ.

9 ياش: بالىلار بىر ھەپتىلىك كىرىم-چىقىم پىلانى تۈزىدۇ، نەرسە سېتىۋالغاندا باھانى سېلىشتۇرۇشنى بىلىدۇ.

10 ياش: ھەر ھەپتىدە ئازراق پۇل ئاشۇرۇپ، چوڭراق يەرگە ئىشلىتىش ئۈچۈن يېغىدۇ.

12 ياش: ئېلانلارنىڭ، ئورالما قاپلارنىڭ يالغان بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ، 2 ھەپتىلىك چىقىم پىلانى تۈزىۋالىدۇ، بانكا، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنى توغرا بىلىۋالىدۇ.

جۇڭگودا ئۈچ ئەۋلادتىن ئوشۇق باي بولماس دەيدىغان گەپ بار. لېكىن كۈزىتىش ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ بايلىققا ۋارىسلىق قىلىشى 200-300 يىلغىچە داۋاملاشقانلىقى مەلۇم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولغان، بۇ تەرىپى يەھۇدىيلارنىڭ بايلىق قارىشى ۋە بايلىق تەربىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى قانچىلىك ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ؟
  • نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز؟
  • شەھەرلەردىكى بېسىلىپ قالغان ئۆينى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى
  • ئېلىمىز يانفونلىرى دۇنيا بازىرىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
  • دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى رەت تەرتىپىدە جۇڭگو 2-ئورۇندا تۇردى
  • 2017-يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەھەرلەر رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • ئېلىمىزدىكى كىشى بېشى GDPسى 500 مىڭدىن كۆپ بىردىنبىر شەھەرگە نەزەر
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015