ئەسكەرتىش: تۆەندىكىلەر پەقەت ئاپتورنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پەقەت ئۆگىنىش ئورنىدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ھەرقانداق ماقالە ۋە دوكلاتتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ.ئەگەر ئوخشاشمىغان پىكىردىكىلەر بولسا خەت قالدۇرۇش ئورنىدا پىكىر ئالماستۇرساق بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەدجان خېۋىر رىۋايەت
ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىلكى «ۋاخاخا گۇرۇھى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، ۋاخاخانىڭ قۇرغۇچىسى زوڭ چىڭخوۋ ئەپەندى «ۋاخاخا گورۇھى»نىڭ مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ پايچېكىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(بۇنىڭدىن بۇرۇن زوڭ ئەپەندى ئاشكارا سورۇنلاردا ۋاخاخانىڭ پايچېكىنى بازارغا سالمايدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم ئېيتقانىدى)
«ۋاخاخا گۇرۇھى» بۇرۇن گۈللەنگەن ۋاقىتتا يىللىق سېتىش سوممىسى 80 مىلياردقا يېقىنلاشقان، يېقىنقى بىر قانچە يىلدى بېرى بازارنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈپەيلىدىن پايدىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى سىجىل ئالغا قاراپ ماڭغان. زوڭ چىڭخوۋنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ناھايىتى مۇقىم، نۇرغۇن زاپاس مەبلەغكە ئىگە ھەمدە ھەريىلى نۇرغۇنلىغان پايدىنى خىزمەتچى خادىم ۋە پايچېكلارغا ئايرىپ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. خوش، ئۇنداق بولسا ۋاخاخا گۇرۇھى نېمىشقا تۇيۇقسىزلا پايچېكنى بازارغا سېلىشنى ئويلىشىپ قالىدۇ؟
ماركىنىڭ قېرىشى
بۇرۇن گۈللەنگەن چاغدا، AD كالىتسىيلىق سۈت، «ئوزۇقلۇق تېز لىنىيەسى» قاتارلىق مەھسۇلاتلار بازاردا مونوپول خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئىدى، بىراق يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يەككە مەھسۇلاتلارنىڭ قېرىشى، سېتىش سوممىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ تىجارەت سوممىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىچىملىك كارخانىلىرىمۇ ۋاخاخا گۇرۇھىغا كۆپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
ۋاخاخا گۇرۇھى دەسلەپتە قۇرۇلغاندا، ئىشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان، مانا مۇشۇنداق توسالغۇسىز تەرەققىيات باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنى مەھسۇلات سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشتەك ئىدىيەدە قالدۇرۇپ قويغان، ھېچقاچان كاپىتال بازىرى ئارقىلىق پايدا ئېلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ھەمدە بۇ توغرىسىدا تەجرىبىسىز قالغان. شۇڭا ھازىرقىدەك كاپىتال ھەممىنى بەلگىلەيدىغان دەۋردە ۋاخاخا گۇرۇھىنى تېخى غەلبە قازاندى دېيىشكە بولمايدۇ.
يېڭى ساھەلەردە مەغلۇپ بولۇش
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ۋاخاخا گۇرۇھى بىر قانچە يېڭى ساھەلەرگە ئارىلىشىش نىيتىدە بولدى، بىراق ھەممىسىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
ۋاخاخا گۇرۇھى 2010-يىلى گوللاندىيە خان جەمەتى سۈتچىلىك گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ۋاخاخا ئېدىسون» بالىلار سۈت پاراشوكىنى بازارغا سالدى، بۇ زوڭ چىڭخوۋنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى زوڭ فۇلى شىركەتكە كىرگەندىن كېيىنكى بىرقەدەر چوڭ ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ، «ۋاخاخا گۇرۇھى»نىڭ سېتىش تورى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، بىراق سۈت پاراشوكىنىڭ سېتىش يولى ۋە ئۇسۇلى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، بۇ قەدەم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
2012-يىلىغا كەلگەندە، ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ «ۋائوۋ» نامدىكى سودا سارىيى تاقالدى، بۇنىڭلىق بىلەن ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ پارچە سېتىش چۈشى دەسلەپكى قەدەمدە توسالغۇغا ئۇچرىدى.
2013-يىلىغا كەلگەندە، ۋاخاخا گۇرۇھى ئاق ھاراق ساھەسىگە قەدەم باستى، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئاق ھاراق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان ماۋتەي بازىرىغا ماكانلىشىپ، «لىڭجياڭ» ماركىسىدا ئاق ھاراق ئىشلەپ بازارغا سالدى. بىراق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ھېس قىلىش
بىر كارخانا تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇنلىغان خەتەرگە يولۇقىدۇ، ئەگەر بۇنى بىرلا ئادەم ئۈستىگە ئالسا ناھايىتى تەس، ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ باشقا رىقابەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك كاپىتال بازىرى ئارقىلىق ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان، گەرچە ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ ئىزباسارى زوڭ فۇلىنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق زوڭ چىڭخوۋ يەنىلا «كاپىتال بازىرى»غا كىرىش ئارقىلىق ئەتىۋارلىق ئىزباسارىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى تاللىغان ئوخشايدۇ.
بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، زوڭ فۇلى شياڭگاڭدا پايچېكى بازارغا سېلىنغان (جۇڭگو كەمپۈتچىلىكى)نىڭ بىر قىسىم پېيىنى سېتىۋالماقچى بولغان، بىراق ئاخىرى بۇ سودا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. بەزى كەسپىي تاراتقۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ۋاخاخا گۇرۇھى بۇ شىركەتكە تايىنىپ پايچېكنى بازارغا سالماقچى بولغان.
ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان «كاپىتال بازىرى» كىرىش تەييارلىقىنى باشلىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، قارىغاندا پات يېقىندا كاپىتال بازىرىدا «ۋاخاخا گۇرۇھى»نىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ھەممىمىز بىرلىكتە بالىلىقىمىزغا ھەمراھ بولغان بۇ شىركەتنىڭ كاپىتال بازىرىدا «ئىگىلىك تىكلەش»مۇساپىسىنى باشلىشىنى كۈتۈپ تۇرايلى .
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !