جۇڭگودىكى قايسى شەھەر ئىقتىسادتا شاڭخەيدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-11-30 19:24:30

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

جۇڭگودىكى قايسى شەھەر ئىقتىسادتا شاڭخەيدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ؟ ئەگەر شۇنداق شەھەر بار دېگەندىمۇ ئۇ شەھەر چوقۇم شېنجېن. ئىككى يۈرۈش سانلىق مەلۇمات كەلگۈسى بەش يىل ئەتراپىدا شېنجېن شەھىرىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن ئېشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتىدۇ. 2016-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون 668 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %6.7 ئاشتى (نوپۇسى 24 مىليون 150 مىڭ)؛ شېنجېن شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بولسا بىر تىرىليون 930 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %9 ئاشتى (نوپۇسى 10 مىليون 770 مىڭ)، شاڭخەي شەھىرىنىڭ نوپۇسى شېنجېن شەھىرىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە تەڭ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچتىكى پەرق ئانچە چوڭ ئەمەس، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شېنجېننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى شاڭخەيدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغانلىقىدا.

 

دۇنيادىكى مەركىزىي شەھەرلەر ئىقتىساد چەمبىرىكىدىن قارىغاندا، جۇجياڭ دەريا ۋادىسى ئۈچ بۇرجەك رايونى دۇنيا بويىچە 6- ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ يادرولۇق تىرەك كۈچى شياڭگاڭ، گۇاڭجۇ، شېنجېندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەركىزىي شەھەردە. ئالدىنقى 10 يىلدا شياڭگاڭ باشلامچى، گۇاڭجۇ بىلەن شېنجېن سول تەرەپتە قوش پەللە بولۇپ كەلگەنىدى، ھازىر بولسا شېنجېن باش، شياڭگاڭ بىلەن گۇاڭجۇ ئىككى قانات بولغان ياۋا غاز سېپىگە ئۆزگەردى؛ شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يىل شېنجېننىڭ ئىقتىسادى چوقۇم شياڭگاڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

 

شەھەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى جەھەتتىن قارىغاندا، شېنجېننىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ جەھەتتە دۆلىتىمىز ئىچىدە شېنجېن بىلەن تەڭ ئېغىزغا ئالغىلى بولىدىغىنى بېيجىڭ جوڭگۈەنسۈندۇر، جوڭگۈەنسۈننىڭ كۆلىمى كىچىك، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى بىر قاتلامدا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ جۇجياڭ دەريا ۋادىسى ئۈچ بۇرجەك رايونىدىكىدەك كەڭ كۆلەملىك ياساش كەسپى ئاساسى ۋە رايونلۇق ياساش ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە ئەمەس. بۇمۇ شېنجېن شەھىرىنىڭ خەلقئارادا ئامېرىكىنىڭ كرىمنېي جىلغىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغۇدەك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان شەھەر دەپ قاراشنىڭ سەۋەبى. ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا شېنجېن شەھىرىنى تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىغان، بۇنىڭدىن شېنجېننىڭ ئالاھىدە ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 

كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىدىن قارىغاندا، شېنجېن چوقۇم ئىنتايىن كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە، پەن- تېخنىكا يېتەكچى، پۇل مۇئامىلە، پورت، سودا، يۇقىرى دەرىجىلىك ياساش كەسپى يادرولۇق كەسىپ قىلىنغان خەلقئارالىق چوڭ مەركىزىي شەھەرگە ئايلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۆلىمى پەقەت شاڭخەيدىن ئىبارەت بىر پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە تايىنىپ قالسىلا بولمايدۇ، شياڭگاڭ ئۆزىنى زايە قىلىپ كەلگۈسىدە 2- دەرىجىلىك شەھەرگە چۈشۈپ قالىدۇ، بېيجىڭنىڭ كەلگۈسى مەدەنىيەتتە، پۇل مۇئامىلە مەركىزى پەقەت شاڭخەي ۋە شېنجېنلا بولالايدۇ. شېنجېننىڭ شاڭخەيدىن ئۈستۈن تۈرىدىغان يېرى شۇكى، شاڭخەينىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە پورت سودىسىدىن باشقا، پەن- تېخنىكا جەھەتتە چوڭراق ئىش قىلالىشى ئىنتايىن قىيىن، بۇمۇ شېنجېننىڭ كەلگۈسىدە شاڭخەيدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى كۈچلۈك ئەۋزەللىكى.

 

شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىدىن قارىغاندا، شېنجېننىڭ پەن-تېخنىكا كەسپى كۈچلۈك، خۇاۋېي، تېڭشۈن، داجياڭ ۋەكىللىكىدىكى خەلقئارا دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ دۇنيادا كۈچلۈك تەسىرى بار، بايلىق ئەگەشتۈرۈش ۋە جۇغلاش فۇنكىسىيەسى كۆرۈنەرلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇجياڭ دەريا ۋادىسى ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ ياساش كەسپىدىكى قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچى ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىمۇ شېنجېننىڭ ئومۇمىي پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى قوغداپ تۇرىدۇ.

 

شېنجېننىڭ گۈزەل، مۇكەممەل تەبئىي مۇھىتى، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىنسانىيلاشقان مۇھىتى مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىدىغان بولغاچقا، شەھەرنىڭ نوپۇس سانى تېزلا شاڭخەيگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ، نوپۇسنىڭ سۈپىتى جەھەتتە بولسا شاڭخەيدىن خېلىلا ئۈستۈن؛ شاڭخەينىڭ رايونلاشقان خاسلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، شېنجېن شەھىرى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىختىساسلىقلارنى شاڭخەيدىنمۇ كۆپ جەلىپ قىلالايدۇ. شېنجېن ئىزچىل تۈردە ياشلارنىڭ جەننىتى دەپ قارالماقتا، شېنجېننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ياش. بۇلارنىڭ ھەممىسى شېنجېننىڭ كەلگۈسىدە شاڭخەيدىن ئېشىپ كېتەلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. شېنجېن بەش يىل ئەتراپىدا چوقۇم شاڭخەيدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە
  • دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ باي سەككىز كىشى
  • بانكا كارتىلىرىڭىزدىن يەنە مۇنداق ھەق ئېلىنىدىغان بولدى
  • تولۇق كۇرستىن كېيىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان 25 كەسىپ
  • بۇ يىللاردا سودا ساھەسىدىكىلەرلا چۈشىنىدىغان ئاجايىب سۈرەتلەر
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق ئادەملەر ئىشسىز قالمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆي سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 تۈرلۈك مەسىلە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بەش ئادەمنىڭ بايلىقى بۇ يىل 67 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015