مىلياردېر باففېت تۇنجى قېتىم بىت تەڭگىسى ھەققىدە توختالدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-29 15:30:13

Techweb تورى 29-دېكابر خەۋىرى:

گەرچە بىت تەڭگىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، باھاسى بىر مەھەل 19 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما كەسپ ئىچىدە مەۋھۇم پۇللارنىڭ قىممىتى بار يوقلىقىغا ئالاقىدار تالاش-تارتىشتا ئىزچىل ئېنىق خۇلاسىسى چىقىپ باقمىدى. بىر قېتىملىق شىددەت بىلەن چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى بۇ ھەپتە يەنە زور دەرىجىدە قاڭقىشقا باشلىدى ھەمدە 26-دېكابر يەنە 16 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئاشتى.

گەرچە كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا بىت تەڭگىسىگە ياخشى پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىلياردېر ۋاررېن باففېت قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە گۈللەنگەن بىت تەڭگىسىنىڭ قىلچە قىممىتى يوق ئىكەن. ئۇ: «مەن بىت تەڭگىسىنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلىسەم بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىممەت يارىتىدىغان كاپىتال ئەمەس» دېدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ 2014-يىلىلى كىشىلەرنى بىت تەڭگىسىدىن يىراق تۇرۇشقا نەسىھەت قىلغان، ئۇ بىت تەڭگىسى خەتەرلىك مەۋجۇتلۇق، كىشىگە بىر كېچىدە بېيىپ كېتىش خام خىيالىنى سېلىپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىت تەڭگىسىنىڭ گۈللىنىشى پەقەت بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ بولۇپ، غايەت زور ئىچكى قىممىتى بار دەپ قاراش كۈلكىلىك ئىش ئىكەن. ئەگەر يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلار توختاپ قالسا، بىت تەڭگىسىنىڭ گۈللىنىشى ئاخىرلىشىدىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۆلىتىمىزدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەم
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت يوق تەرەققىي قىلغان دۆلەت - ئىسرائىلىيە
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • فوربېس باھالىغان ئامېرىكىلىق ئەڭ باي 10 ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015