دۇنيادىكى بايلىقى ئەڭ تېز كۆپەيگەن بايلار: ما خۇاتېڭ، مۇكېش

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-05 22:59:41

 بېتا تورى ئۇچۇرى: ھىندىستان جۇڭگودىنلا قالسا دۇنيادىكى يۇشۇرۇن كۈچى 2- چوڭ بازارغا ئايلاندى، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى بايلىقى ئەڭ تېز كۆپەيگەن ئىككى مىلياردېرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، ئۇلار جۇڭگودىكى ما خۇاتېڭ ۋە ھىندىستاندىكى مۇكېش ئامبانى. چەتئەلدىكى ET Markets ناملىق تاراتقۇنىڭ بلومبېرگ ئاگېنىلىقى مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ساپ قىممەت ئۆزگىرىش نىسبىتى بويىچە قارىغاندا، تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ ساپ قىممىتى بىر ھەسسە دېگۈدەك ئۆرلىگەن، بۇنىڭ بىلەن 2017- يىلى ما خۇاتېڭنىڭ مۈلكى 20 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىپ، 41 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ھىندىستانلىق مۇكېش ئامبانى 2- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقى %77 كۆپىيىپ، 40 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە تېڭشۈن گۇرۇھىمۇ تېڭشۈن بۇلۇتى ۋە چىقىمى كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كارخانا يەنىلا ئويۇن ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىنى يېتەكچى قىلىدىغان شىركەت ئىكەن. تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ 2016- يىلىدىكى تور ئويۇنىدىن قىلغان كىرىمى 70 مىليارد 844 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %47 تىنى ئىگىلىگەن؛ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن قىلغان كىرىمى ئومۇمىي كىرىمنىڭ %24 تىنى ئىگىلىگەن.

ما خۇاتېڭ ئىلگىرى: «ئىلگىرى كۆپچىلىك تېڭشۈن شىركىتى ھەممىنى قىلىدۇ، دەپ قارايتتى، بىزمۇ بىر ئەگرى يولدا مېڭىپ قالغانىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېڭشۈن گۇرۇھى نۇرغۇنلىغان كەسىپلىرىنى قىرقىۋەتتى. يانفون ئويۇنى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، شىركەت نۇرغۇن زېھنىنى پۈتۈن يەر شارىدىكى يانفون ئويۇنىغا قاراتتى، بۇ بىزنىڭ ئاساسلىق كەسپىمىز.» دېگەنىدى.

 

تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ھەتتا چەتئەلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندا، چەتئەللىك بىر ئانالىزچى مۇنداق دېدى: ما خۇاتېڭ ما يۈن ۋە سۈن جېڭيىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى ھەدەپ جاكارلىمايدۇ، ئەمما ما خۇاتېڭ كەمتەرلىك بىلەن ئامېرىكا شىركەتلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا. بۇ شىركەتلەر ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى، يانفون ياساش كارخانىسى، مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەپ شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كارخانىلار تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ يادرولۇق كەسپى بولغان ئۈندىدار، تور ئويۇنى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق. ئەمما، ما خۇاتېڭنىڭ بۇ شىركەتلەرنى سېتىۋېلىشىدا بىر ئورتاقلىق بار: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالما، گۇگېل، فېيسبۇك، ئامازون شىركەتلىرىنىڭ رىقابەتچىسىدۇر.

چەتئەللىك ئانالىزچىلار تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. مەزكۇر ئانالىزچىنىڭ قارىشىچە، تېڭشۈن گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا- كىچىك تىپتىكى پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى پەن- تېخنىكا ماگناتلىرىغا «ياغاچ ئات ئارقىلىق شەھەرنى قانغا بوياش» ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ باي مۇكېش ئامبانىنىڭ قارىمىقىدىكى شىركەتلەر نېفىت، ئۇچۇر ئالاقە، بانكا، توك تارقىتىش، پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ھىندىستاندىكى ھەر بىر ئادەم مۇكېشنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، مۇكېش 2016- يىلى 4G ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى، ئۇ ئالدى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە يانفون ئېقىم مىقدارىنى ئۈچ ئاي پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتىشنى يولغا قويدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، تېلېفون ئۇرسا ھەقسىز، بىر گىگابايت ئېقىم مىقدارىغا خەلق پۇلىدا بەش يۈەن ھەق ئالدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرى، ئۇ ئۇدا 10 يىل ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ باي بولدى.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، تاراتقۇلار يەنە مۇكېشنىڭ ئانتىللا قەسىرى ناملىق كاتتا تۇرالغۇسىنى خەۋەر قىلدى. بۇ كاتتا تۇرالغۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 37 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، فرانسىيەدىكى ۋېرسال سارىيىدىنمۇ چوڭ ئىكەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ كاتتا تۇرالغۇنىڭ ئىجادىيىتى مۇكېشنىڭ خوتۇنى نىتادىن چىققان. چۈنكى نەچچە يىلدىن ئىلگىرى، نىتا نيۇيوركتىكى مېھمانسارايدا SPA (ئارشاڭ مۇنچىسى) مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا، ئېگىز جايدا تۇرۇپ مەركىزىي باغچىغا نەزەر سالغاندىكى تۇيغۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتقاندا بىرنى سېلىشنى نىيەت قىلغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ كاتتا تۇرالغۇدا ئۆگزىدىكى ئايروپىلان توختىتىدىغان چىملىق، ھەشەمەتلىك مېھمان كۈتۈش زالى، ھەيۋەتلىك مەرمەر تاش پول، ھەتتا ھاۋارايىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىغان ھۇجرا قاتارلىقلار بار ئىكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بلومبېرگ ئاگېنىلىقى مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، ئەمەلىي ساپ مۈلكىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مۇكېش ئامبانى 500 كىشىلىك بۇ رەت تەرتىپتە 6- ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، مۈلكى 17 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيگەن؛ ئامازون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزوسنىڭ مۈلكى 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىپ، 100 مىليارد 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ساپ مۈلۈك بىلەن دۇنيا بايلار رەت تەرتىپىدە باشلامچى ئورۇندا تۇرغان؛ مەبلەغ سالغۇچى ۋاررون باففېتنىڭ مۈلكى 85 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3- باي كىشى بولغان.

2017- يىلى، فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زۇكېربېرگ ۋە LVMH گۇرۇھىدىكى بېرنارد ئارنائۇلتنىڭ بايلىقى 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيگەن. بلومبېرگ ئاگېنىلىقى مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچى دۇنيادىكى 500 دەرىجىدىن تاشقىرى باي كىشىنىڭ كۈندىلىك رەت تەرتىپىنى ئاساس قىلىدۇ.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۆلىتىمىزدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەم
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت يوق تەرەققىي قىلغان دۆلەت - ئىسرائىلىيە
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • فوربېس باھالىغان ئامېرىكىلىق ئەڭ باي 10 ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015