پۇل كۆپ بولسىمۇ ئاددىي-ساددا ياشايدىغان مىليادىرلار

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-28 14:14:42

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
سىز مىلياردېرلارنىڭ ئادەتتىكى مايكا ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن، ئاددىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بارغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم پۇلدارلار، ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرمۇ ناھايىتى ئاددىي-ساددا تورمۇش كەچۈرىدىكەن. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ تېجەشلىك تۇرمۇشى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزوس (109 مىليارد دوللار)نى دۇنيادىكى بىرىنچى باي دېيىشكە بولىدۇ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2013-يىلىغىچە بىر خوندا Accord ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن، 1999-يىلىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە، ئۇ بۇ ئاپتوموبىلنى ماختىغان ھەم «بۇ ناھايىتى ياخشى ئاپتوموبىل» دېگەن.

بېركشىر خاساۋېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى باففېت (91 مىليارد 700 مىليون دوللار) ھازىرمۇ 1958-يىلى 31 مىڭ 500 دوللارغا سېتىۋالغان ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان. باففېت 2014-يىلى مۇنداق دېگەن: «بايلىقىم تۇرمۇش ئۇسۇلۇمغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلۇم مېنى ناھايىتى بەختلىك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆيۈم كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە ئۆزۈمىنى بەختسىز ھېس قىلىمەن.»

ئەمەلدارى مارك زاكىربېرگ (74 مىليارد 200 مىليون) بىر قول خوتلۇق ھەممىباب كومپاكت ئاپتوموبىلىنى ھەيدەيدۇ. گەرچە مارك زاكېربېرگ دۇنيادىكى ئەڭ باي پەن-تېخنىكا ئاتامانىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خوتۇنى بىلەن ناھايىتى داۋراڭسىز ياشايدۇ. ئۇ دائىم ئادەتتىكى مايكا، بۆكلۈك كۆڭلەك ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىدۇ. 2015-يىلى دېكابىردا خوتۇنى بىلەن ھايات ۋاقتىدا %99 بايلىقىنى ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

Grupo Carsoنىڭ قۇرغۇچىسى كارلوس سلىم (66 مىليارد 500 مىليون) بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقىلى 40 يىل بولغان. 77 ياشلىق كارلوس سلىم مېكسىكىدىكى ئەڭ باي كىشى، لېكىن ئۇنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى ۋە سەيلە كېمىسى قاتارلىق ھەشەمەتلىك مۈلكى يوق، ھېلىھەم بىر كونا بېنىز ئاپتوموبىلىنى ھەيدەيدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەر قوللانمىسىغا مۇنداق بىر سۆزنى قوشۇپ قويغان: «ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدىمۇ تېجەشلىك بولماق لازىم.»

Dishنىڭ رەئىسى چارلېس ئېرگېن (15 مىليارد 200 مىليون) داڭلىق تېجەشلىك سودا رەھبىرى. قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن بۇ مىلياردېر ھەر كۈنى سەھەردە ساندۋىچ بىلەن ناشتا قىلىدۇ. ساياھەت قىلغاندا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدۇ.

INDITEXنىڭ قۇرغۇچىسى ئامانسىيو ئورتېگا (75 مىليارد 600 مىليون) دائىم خىزمەتچىلىرى بىلەن شىركەت ئاشخانىسىدا غىزالىنىدۇ، ئۇنىڭ كىيىنىشىمۇ شۇنداق ئاددىي-ساددا. لېكىن بەزىلەر بۇ 81 ياشلىق بوۋاينى «تېجەشلىك» دەپ قارىماسلىق كېرەك دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ 45 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بومباردېئىر شەخسىي ئايروپىلانى بار ئىدى.

IKEAنىڭ قۇرغۇچىسى ئىگۋار كامپراد (56 مىليارد 400 مىليون) ياۋروپادىكى ئەڭ باي كىشىنىڭ بىرى، لېكىن ئۇ يەنىلا ئايروپىلاننىڭ ئادەتتىكى بۆلمىسى ۋە ئاپتوبۇستا ئولتۇرىدۇ.

ۋىپرونىڭ باش مۇدىرى ئازىم پىرىمجى (18 مىليارد 400 مىليون) 71 ياشقا كىردى. ئۇ نىمكەش ئاپتوموبىل ھەيدەيدۇ ھەم خىزمەتچىلىرىگە ئىشخانىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئەسكەرتىدۇ.

داستان سىستېما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇدىس فالكنېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا قىزىقمايدىكەن. 2015-يىلى مايدا يېرىم بايلىقىنى خەيرى ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پۇللىرىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يېمەكلىك، تۇرالغۇ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە مائارىپ قاتارلىق كاپالەتلەرگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىمەن.»

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۆلىتىمىزدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەم
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت يوق تەرەققىي قىلغان دۆلەت - ئىسرائىلىيە
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • فوربېس باھالىغان ئامېرىكىلىق ئەڭ باي 10 ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015