بازار قىممىتى ئەڭ ئاۋۋال تىرىليون دوللاردىن ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان كارخانا

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-30 12:24:20

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى،

ئالما، گۇگول، ئامازون قاتارلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ پايلىرى ناسداك پاي بازىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك يېتىلىۋاتقان پايلار ھېسابلىنىدۇ، بۇ شىركەتلەرنىڭ پاي قىممىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىپ، ناسداك پاي كۆرسەتكۈچىنى سىجىل ئۆرلەتمەكتە. ئالما، مىكروسوفت، ئامازون ۋە دۆلىتىمىزدىكى تېڭشۈن ۋە ئەلىباباغا سېلىشتۇرغاندا، گۇگول شىركىتى سەل قارالغان ئىنتېرنېت ماگناتى ھېسابلىنىدۇ، گەرچە بازار قىممىتى 888 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئالما شىركىتى يەر شارىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولسىمۇ، ئەمما ھازىر گۇگول شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىمۇ 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، ئالاھىدە ئىش يۈز بەرمىسىلا گۇگول شىركىتى بازار قىممىتى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان تۇنجى پەن-تېخنىكا كارخانىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

 

پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى دۇنيادا بازار قىممىتى ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى مونوپول قىلىۋالدى، ئۇلار ئايرىم ھالدا ئالما، ئالفابېت (گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى)، مىكروسوفت، ئامازون، تېڭشۈن، ئەلىبابا ۋە فېيسبۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھازىر بازار قىممىتى 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان شىركەتتىن ئالما ۋە گۇگول بار، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، گۇگول كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ سەركىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن، كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا گۇگول شىركىتى ئەڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە، بولۇپمۇ گۇگول شىركىتى ھازىر ھىندىستانلىق پىچاينىڭ يېتەكچىلىكىدە سۈنئىي ئەقىل دەۋرىگە قاراپ قۇرۇلما ئۆزگەرتمەكتە.

ئىلگىرى قاتتىق ئۇيقۇغا چۆمگەن مىكروسوفت شىركىتىمۇ ھىندىستانلىق نادېللانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەشيا تورى ۋە سۈنئىي ئەقىلگە قوينىنى كەڭ ئېچىپ، ئىمپېرىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھازىر بۇ شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 725 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ كارخانىغا ئايلاندى. گۇگول شىركىتى بولسا بارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن سۈنئىي ئەقىل دەۋرىگە قاراپ قۇرۇلما ئۆزگەرتىپ، سۈنئىي ئەقىل ئىمپىرىيەسى قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، گۇگول شىركىتى كاپىتال بازىرىدىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەچكە، پاي باھاسىنىڭ 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

گۇگولغا نەزەر سالساق، گۇگول شىركىتى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى بىلەن پەن- تېخنىكا يۈزلىنىشىنى يېتەكلەيدىغاندەك قىلىدۇ، گۇگول شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پىچاي بۇنىڭغا قارىتا ئىشەنچ بىلەن: «سۈنئىي ئەقىل پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى كېيىنكى دولقۇن، كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نىشان، بۇ دەۋرگە گۇگول  يېتەكچىلىك قىلىدۇ» دېدى.

 

گۇگول شىركىتى ھازىر سۈنئىي ئەقىلنى ئەڭ ياخشى قوللانغان شىركەتلەرنىڭ بىرسىدۇر، بۇ شىركەتنىڭ ئىزدەش، بۇلۇت مۇلازىمىتى، خەرىتە، سۈرەت، فىلىم تورى قاتارلىق بارلىق مەھسۇلاتلىرى AI (سۈنئىي ئەقىل) تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئابۇنتلار بۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ ئىندىۋىدۇئاللىق ۋە ئەقلىيلىكنى ھېس قىلالايدۇ.

ئەشيا تورى ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب ياڭ جيەنيۇڭنىڭ قارىشىچە، گۇگول شىركىتى ئېلان قىلغان TPU ناملىق 2- ئەۋلاد چوڭقۇر ئۆگىنىش AI ئۆزىكى سۈنئىي ئەقىل كەسىپ زەنجىرى ۋە ئېكولوگىيە چەمبىرىكىگە ئېنىقلىما بېرەلەيدىكەن، ئۆزەك يادرولۇق ئاساسىي ھېسابلاش بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈنئىي ئەقىل دەۋرىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى بولالايدۇ، گۇگول شىركىتى سۈنئىي ئەقىلنى موتور قىلىپ، TensorFlow+TPU+ بۇلۇت بىرىكمىسى مەھسۇلاتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتىپ، شۇ ئارقىلىق يېپيېڭى سۈنئىي ئەقلىي ئىمپېرىيەسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

گەرچە ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى دۇنياغا ئۇزاققىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى نەپەر ھىندىستانلىق رەھبەرلىك قىلىۋاتقان گۇگول ۋە مىكروسوفت شىركىتىمۇ تېز تەرەققىي قىلماقتا. بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، گۇگول شىركىتى بازار قىممىتى تۇنجى بولۇپ تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كارخانىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. گۇگول شىركىتى تۈرلۈك تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2015- يىلى شىركەتنى قايتا تەشكىللەپ، ئالفابېت شىركىتىنى قۇرۇپ، گۇگول شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتىگە ئايلاندۇردى ھەمدە يادرولۇق كەسىپلىرى ۋە تەجرىبە خاراكتېرلىك كەسىپلىرىنى پارچىلاپ، ھەرقايسى بۆلەكلەرنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇردى.

پىچاي گۇگول شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، AI تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش تۈرىنى نۇقتىلىق يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىزدەش كەسپىدىمۇ مۇقىم ئېشىش ھالىتى كۆرۈلدى. ھىندىستانلىق بۇ كىشى رولنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنكى گۇگول شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى بىر مەھەل ئالما شىركىتىدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كارخانىغا ئايلاندى، گەرچە ھازىر يەنىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كارخانا بولسىمۇ، ئەمما ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، گۇگول شىركىتىگە سەل قارالغان، بۇنىڭ ئىچىدە CNBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋال كوچىسىدىكى MKM ناملىق مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئابۇنتلارغا ئەۋەتكەن تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى بولغان ئالفابېت شىركىتى ئىنتېرنېتتىكى ئەڭ سەل قارالغان ماگنات ئىكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۆلىتىمىزدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەم
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت يوق تەرەققىي قىلغان دۆلەت - ئىسرائىلىيە
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • فوربېس باھالىغان ئامېرىكىلىق ئەڭ باي 10 ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015