2017-يىلى سېتىلمىغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى ئازايدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > ئىقتىساد >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-30 20:51:19

دۆلەتلىك ئىستاتىسىتىكا ئىدارىسى 26-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى ئېلىمىزدە سېتىلمىغان تاۋار ئۆينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 589 مىليون 230 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15.3 ئازايغان. ئېلىمىزنىڭ سېلىنما قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، سېتىلمىغان تاۋار ئۆينىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز ئازايغان، تۇرالغۇ سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 0.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئېلىمىزدە ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات سېلىنمىسى 10 تىرىليون 979 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.0 ئاشقان، بۇنىڭ ئارىسىدا تۇرالغۇ سېلىنمىسى يەتتە تىرىليون 514 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇرالغۇ سېلىنمىسى %9.4 ئاشقان. يېڭىدىن ئىش باشلىغان ئۆي مۈلۈك قۇرۇلۇشى بىر مىليارد 786 مىليون 540 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، %7.0 ئاشقان، بۇنىڭ ئارىسىدا يېڭىدىن ئىش باشلىغان تۇرالغۇ كۆلىمى %10.5 ئاشقان. 

بۇنىڭدىن باشقا، 2017-يىلى ئېلىمىزدە تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش كۆلىمى بىر مىليارد 694 مىليون 80 مىڭغا يېتىپ، %7.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئارىسىدا تۇرالغۇ سېتىلىش كۆلىمى %5.3 ئاشقان. ئېلىمىزدىكى تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش سوممىسى 13 تىرىليون 370 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئارىسىدا تۇرالغۇنىڭ سېتىلىش سوممىسى %11.3 ئاشقان. ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات كارخانىسىنىڭ يەر سېتىۋېلىش كۆلىمى 255 مىليون 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، %15.8 ئاشقان. پۈتۈن يىلدا ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ نەقلەشكەن مەبلىغى 15 تىرىليون 605 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.2 ئاشقان. 

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۆلىتىمىزدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان سەككىز تۈرلۈك ئادەم
  • ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت يوق تەرەققىي قىلغان دۆلەت - ئىسرائىلىيە
  • ۋاخاخا گۇرۇھى راستىنلا پايچېكىنى بازارغا سالماقچىمۇ؟
  • ما يۈننىڭ بايلىقى 136 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى
  • كوكاكولانىڭ سودا تارىخى: دۇنيا ئۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ماركا
  • توققۇز دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىق سېلىشتۇرمىسى: پەرق بەك چوڭ
  • جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ 10 ئەر
  • جۇڭگو دۇنيا خەلقىگە قانچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ
  • نامراتتىن بايغا ئايلىنىشنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟
  • جۇڭگونىڭ 7 شىركىتى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز 100 شىركەت تىزىملىكىگە كىردى
  • دۇنيا بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 10 شەھەرنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا
  • نېمىشقا پۇل تېجەپ باي بولغىلى بولمايدۇ؟ (1)
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ
  • ياپونىيە شۇنچە باي تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كېتىدۇ؟
  • بانكا ھېسابات مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلغانمىدىڭىز؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • فوربېس باھالىغان ئامېرىكىلىق ئەڭ باي 10 ئايال

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆيلەر «شاپاق نەرقى» بولىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن ما خۇاتېڭدىن ئېشىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بايلىق تەختىگە يەنە ئولتۇردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 56 يېشىدا شىركەت قۇرغان بۇ كىشى ھازىر يىلدا تېڭشۈندىن ئىككى ھەسسە كۆپ پايدا ئالىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئاسىيا-ئافرىقىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ ئازابلىق دۆلەتلەر قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەھۇدىيلارنىڭ پۇل تېپىش دەستۇرى: «ئاز پايدا بىلەن كۆپ سېتىش» ئەڭ ئەخمىقانە يول

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • گوۋۇيۈەن يېڭىدىن يەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015