ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ھەممىدىن ئەلا

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-08-30 13:36:53

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ بوكس كوماندىسى يېقىندا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدىكى مۇسابىقىسىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ۋە بەش 5-لىككە ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى، بۇ شىنجاڭ بوكس كوماندىسى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا 6-نۆۋەت ئالغان ئالتۇن مېدال.

     مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ھەمدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئالتە تەنھەرىكەتچىسىنى نۇقتىلىق مەشىقلەندۈرۈۋاتقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىت بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىپادىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى:

     − شىنجاڭ بوكس كوماندىسى بۇ نۆۋەت مۇسابىقىگە ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەتچى قاتناشتۇردى، بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى. چۈنكى ئۇلارغا بىرىنچىدىن، مەرھۇم ئابلىكىم ئاكىنىڭ تەلىمى ـــ «ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ئىدىيە مەنىۋى كۈچ بولدى، شۇڭا ئۇلار قاتتىق مەشىق قىلدى؛ ئىككىنچىدىن، پارتىيە، ھۆكۈمەت ھەم تەنتەربىيە ئىدارىسى رەھبەرلىرى خىزمىتىمىزنى قوللاپ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەچكە، ئۇلار مەشىقتە ۋايسىمىدى؛ ئۈچىنچىدىن، مەشقاۋۇللار قوشۇنى تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرنى سىستېمىلىق تەربىيەلىدى، بۇ ماھىرلارنىڭ ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە ئاساس بولدى. مەسىلەن: تەنھەرىكەتچىلىرىمىزدە ھازىر ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇلاردا پۇختا مەشىق قىلىش، چېمپىيونلارنى ئۈلگە قىلىش، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەش ئېڭى كۈچەيدى، ھەتتا يېڭىدىن سەپكە قوشۇلغان تەنھەرىكەتچىلىرىمىزدىمۇ ئىلگىرىلەش زور بولدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مەشىق ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش مەبلىغىمىز ئەمەلىيلىشىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياتاق - تاماق شارائىتىنى ياخشىلىغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ بوغدا چوققىسى، سەنيا ساياھەت رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مەشىق قىلىشىغا، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارغا چىقىپ مەشىق ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىلدى. بۇ تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە زور ئىلھام بېغىشلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقىنى بىلىۋېلىشىغا ھەمدە مۇسابىقە تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىز بوكس تەنھەرىكىتىدە ھۇجۇمدىن كېيىنكى مۇداپىئە ئارقىلىق نومۇر كەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇداپىئەدىن كېيىنكى ھۇجۇم ئارقىلىق نومۇر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق، شۇڭا ھازىر تەنھەرىكەتچىلەردە ھۇجۇم - مۇداپىئە - ھۇجۇم تاكتىكىسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك كۈچەۋاتىمىز. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بوكسچىلىرىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ تاكتىكىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى.

  − مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ ھازىر بىزگە پۈتۈنلەي «پايدىغا قالغان» تەنھەرىكەتچى، − دېدى ئابدۇشۈكۈر مىجىت چېمپىيون مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ ھەققىدە توختالغاندا چاقچاق قىلىپ، − بىر تەنھەرىكەتچىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن دۆلەت ئاز كۈچ سەرپ قىلمايدۇ، بىراق مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم چېمپىيون بولۇپ سالغان مەبلەغنىڭ «دىرى» نى قايتۇرۇپ بولغانىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا سەپتىن چېكىنمەي 3- نۆۋەتمۇ چېمپىيون بولۇپ بىزنى بەكلا خۇشال قىلدى. ئۇنىڭ ھازىرمۇ سەپتىن چېكىنگۈسى يوقتەك قىلىدۇ، ئۇ يەنە بىر نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ نەتىجە ئېلىش، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگىمۇ قاتنىشىش نىيىتىدە مەشىق قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا بىزمۇ قوشۇلدۇق. مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ ھەقىقەتەن دەۋرىمىزدىكى غايىلىك ئاكتىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئېغىر زەخىملەنگەن، گەرچە بۇ جاراھەتلەر ھازىر ساقايغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن جاھارەت ئاسارىتى قالىدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا ئۇ باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگە ئوخشاش نورمال مەشىق قىلالمايدۇ، بىراق ئۇ تېز كۆمۈرچىكى يىرتىلىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئالتۇن مېدال ئالغان، ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايمىز.

پالۋان سەپتىن چېكىنمەيدۇ!

     پالۋان مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ جۇڭگو بوكس سەھنىسىدە ئون نەچچە يىل شەرەپ قۇچۇپ، «جۇڭگونىڭ ئولىمپىكى» دەپ قارىلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئالتۇن مېدال ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سەپتىن چېكىنىشنى ئويلىمايلا قالماستىن، بەلكى كۆڭلىگە تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلانلارنى پۈككەن. ئۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 2020- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ نەتىجە ئېلىشنى، شۇنداقلا يەنە بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

     مەملىكىتىمىزدىكى تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇپ باققان، ئاسىيا چېمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن ھەمدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ باققان مۇھەممەت تۇرسۇنچوڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3- نۆۋەت ئالتۇن مېدال ئالدى، جۇڭگونىڭ بوكس تەنھەرىكىتى تارىخىدا ئىلگىرى خېنەنلىك جاڭ جىلېي مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس تۈرىنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسىدا ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئالتۇن مېدال ئېلىپ، بىردىنبىر ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولغان تەنھەرىكەتچى بولغانىدى، مانا ئەمدى مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ بۇ رېكورتقا يېتىشتى. گەرچە بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ تەنھەرىكەتچىلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە قاتنىشىش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نەتىجە ئېلىش ئىستىكىدە داۋاملىق قاتتىق مەشىق قىلىۋاتىدۇ.

 مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدىكى مۇسابىقە 13- ئاۋغۇست ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭ قاتارلىق بوكسچىلىرىمىز ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئون كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن يەنە مەشىقنى باشلىۋەتكەنىدى. ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىم چېمپىيون بولۇشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى روھىي كەيپىياتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

      − مەن ئالتۇن مېدالغا ئىككى نۆۋەت ئېرىشىپ بولغاچقا، تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مەشقاۋۇل ئابدۇشۈكۈر ئاكام ماڭا ھېچقانداق ۋەزىپە يۈكلىمگەن. گەرچە ئۇلار بېسىم قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا «بايراقدار بولۇشقا لايىق ئىش قىلمىسام بولمايدۇ، ناۋادا مەن يېڭىلىپ قالسام باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزىمەن» دېگەندەك روھىي بېسىم پەيدا بولۇپ، دەسلەپتە خېلى بىئارام بولغانىدىم؛ كېيىن ئەھمەد بىلەن توختاربېك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، مېنى خاتىرجەم قىلدى، − چېمپىيون بولۇشنىڭ سىرى ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، − مەن ئەزەلدىن مۇسابىقىگە ئۇتىمەن ياكى ئۇتتۇرىمەن دەپ قاتناشمايمەن، بەلكى سىڭدۈرگەن ئەجرىمگە تۇشلۇق نەتىجە ئالىمەن، دەپ ئويلايمەن. بوكس تەنھەرىكىتى بىزدىن ھەرقانداق چاغدا زېھنىمىزنى يىغىشنى، چەبدەس ۋە ئىنكاسىمىزنىڭ ئىنتايىن تېز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق چېمپىيون بۇ شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن زور ئەجىر قىلىدۇ؛ ناۋادا بىر تەنھەرىكەتچى جەريانغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، مەشىق ۋە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئۆزىنى تەرتىپكە سالمىسا، ئۇنىڭ چېمپىيون بولۇشى بەكمۇ تەس. مەن پەقەت «ھازىرقى ۋاقتىمنى قەدىرلەپ، مەشىقنى پۇختا قىلسام چوقۇم ئەجرىمگە لايىق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمەن» دەپ ئويلايمەن، شۇڭا چوڭ مۇسابىقىدە چوڭ نەتىجە ئالدىم دەپ توختاپ قالماي، ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىگىمۇ پۇختا تەييارلىق كۆرۈشۈم كېرەك، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى، − مەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۆت نۆۋەت قاتنىشىپ، ئۈچ نۆۋىتىدە ئالتۇن مېدال ئالدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولدۇم، ھەتتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگىمۇ قاتنىشىپ باقتىم، شۇڭا كىشىلەر ماڭا ئەمدى سەپتىن چېكىنىش تەكلىپىنى بەردى، بىراق مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق. مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نەتىجە ئېلىش، شۇڭا داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدىم. سالامەتلىكىم يار بەرسىلا، مەن بۇ يولدىن ھەرگىز قايتمايمەن!

ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ

     بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدىكى مۇسابىقىدە توختاربېكنىڭ مۇسابىقىسى كىشىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولسىمۇ، بىراق رېپېرلار قارشى تەرەپنى 2:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى، دەپ ئېلان قىلغانىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ بوكس كوماندىسى يۇقىرىغا ئىنكاس قىلغاچقا، مۇتەخەسسىسلەر مۇسابىقە جەريانىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتقانلىقىنى بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئەمما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىمۇ بۇ ھال قايتا تەكرارلىنىپ، رېپېرلار توختاربېكنى 5:0 نەتىجە بىلەن يېڭىلدى، دەپ ئېلان قىلدى.

     مۇسابىقە تۈزۈلمىسىدە بەش رېپېر چىقارغان نەتىجە 3:2 بولغاندىلا ئەرز سۇنۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، يەنى نەتىجە 4:1 ياكى 5:0 دەپ ھۆكۈم قىلىنغان مۇسابىقىلەردە ئەرز سۇنۇشقا بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ قېتىم شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئامالسىز قالغان، بىراق تاماشىبىنلار ھەيران قالغان، ھەتتا مۇسابىقىنى نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈۋاتقان داڭلىق بوكس ئوبزورچىسى، شۇنداقلا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بوكس تەنھەرىكىتى نەق مەيدان چۈشەندۈرگۈچىسى دۇ ۋېنجيېمۇ شىنجاڭ بوكسچىلىقىغا ھەمدە توختاربېككە قايىل بولغانلىقىنى سۆزلەۋاتقاندا، ئاخىرقى نەتىجىنىڭ بۇنداق چىققانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ مۇسابىقىنى چۈشىنەلمەي قالغانلىقىنى دېگەن.

     «ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ». يېقىندا دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت بوكس، تاكۋاندو ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تەنقىد قىلغان، ھەتتا دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسى مۇسابىقە ئىستىلى ۋە مۇسابىقە ئىنتىزامىغا ھەسسىلەپ ئېتىبار بېرىپ، ھەرقايسى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركەزلىرى بىلەن مۇسابىقە ئىستىلى، مۇسابىقە ئىنتىزامى ۋە چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغان. دۆلەت بوكس، تاكۋاندو ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ رېپېرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشىدا مەسىلە كۆرۈلگەچكە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، دۆلەت بوكس، تاكۋاندو ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئاشكارا تەنقىدلەش، ئۇلاردىن مۇسابىقە جەريانىدا سادىر بولغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان، دوكلاتقا ئاساسەن مەسىلە سادىر قىلغان رېپېرلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     − شۇ چاغدا مەن مۇسابىقىدە ئۇتتۇم، دەپ ئويلىغانىدىم، − دېدى توختاربېك ئەينى چاغدىكى روھىي كەيپىياتى ھەققىدە توختالغاندا، − بىراق نەتىجە ئېلان قىلىنغاندا بەكلا ئاچچىقىم كەلدى، شۇنداقتىمۇ مەيداندىن چاندۇرماي چۈشۈپ كەتتىم. كېيىن كىشىلەر مېنى غەلىبە قىلغۇچى دەپ قارايدىغانلىقىنى دېيىشتى، بۇ ماڭا خېلىلا مەدەت بولدى، مەن بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولغانلىقىمنى، ھامان بىر كۈنى چېمپىيون بولالايدىغانلىقىمنى بىلدىم.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نوچىلىرى توققۇزتارادا تۇتۇشماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015