شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 3-لىكنى قولغا كەلتۈردى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-01 12:37:54

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى تيەنجىن خۇەنيا چەۋەندازلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. چەۋەندازلىق توسۇق مەيدان كوللىكتىپ مۇسابىقىسىدە، تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا ئىككىنچىلىك نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويغان شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى، ئەڭ ئاخىرىدا مەزكۇر تۈرنىڭ ئۈچىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى.

«دۇلدۇل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن شىنجاڭ چەۋەندازلىق تۈرىدە ئىزچىل ئەۋزەللىكنى ساقلاپ كەلگەن. 1993-يىلىدىكى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى توسۇق مەيدان ۋە ماھارەت تۈرى بويىچە بارلىق تۆت ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ چەۋەندازلىقى بىر مەزگىل ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا تۆت يىل بۇرۇنقى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن، ئۇلار شۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ماھارەت تۈرى بويىچە كوللىكتىپ ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپلا قالماي، گۇاڭدۇڭنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ماھارەت تۈرىدىكى مونوپۇللىقىنى بۇزۇپ تاشلىغان، يەنە ماھارەت تۈرىنىڭ يەككىلەر بويىچە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى ۋە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن.

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسىنىڭ يەككە تۈردىكى ئەۋزەللىكى ئاجىزلاشقان، لېكىن كوللىكتىپ مۇسابىقىدە يەنىلا ناھايىتى ياخشى بولغان ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قالغان. بۇ يىل 6-ئايدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى چەۋەندازلىق توسۇق مەيدان سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ چەۋەندازلىق توسۇق مەيدان گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى ئادىل، پارۇس، دولقۇن، نۇرلاخمەت قاتارلىقلار كوللىكتىپ 4-لىكنى قولغا كەلتۈرگەن. سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى چەۋەندازلىق توسۇق مەيدان كوللىكتىپ 2-دەرىجىلىك نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويغان. يەككە تۈر مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى پاروس مەمەتتۇرسۇن، مىرئادىل ئابدۇرىھىم ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك نەتىجىسى بىلەن مۇسابىقىنى تاماملىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچىلىك ۋە يەتتىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قەدەم قويغان. 

29-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئىككى ئايلانمىدىكى كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئەڭ ئاخىرىدا چەۋەندازلىق توسۇق مەيدان كوللىكتىپ 3-دەرىجىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرقى نومۇر پەرقى ئىنتايىن كىچىك بولغان. مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسىنىڭ ماھىرى دولقۇن ئەبەي مۇنداق دەيدۇ:«بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتتى، ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ قېتىم رەقىبلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن، 3- دەرىجىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇق».

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نوچىلىرى توققۇزتارادا تۇتۇشماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015