دۇنيا بوكس سەھنىسىدىكى ئەڭ قالتىس 10 بوكسچى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-01 13:32:03

10. ۋىللى فىلىپ

1922-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، 16 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بوكس ھاياتىغا قەدەم قويغان، 18 يېشىدا كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغان. بوكس تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس مۇداپىئە مۇتەخەسىسى، «بوكس سەھنىسىدىكى تەپمە ئۇسسۇل ئارتىسى» دەپ نام ئالغان. 1958-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ھالدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 2006-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 

9. قېرى چاۋېز

مېكسىكىلىق بوكسچى، 1980-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە كەسپىي ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن، ئىلگىرى 13 يىل ئىچىدە ئۇدا 87 مەيدان غەلبە قىلىش نەتىجىسىنى ياراتقان ھەمدە ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى كىچىك چاۋېز دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان.

8. بېرنادو خوپكىنس

1965-يىلى تۇغۇلغان، ئامېرىكا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا ئېغىرلىقتىكىلەر بوكسچىسى بولۇپ، بوكس سەھنىسىدە «دەللال» دەپ نام ئالغان، ئىلگىرى ترانىداد، خويا قاتارلىق مۇنەۋۋەر بوكس ماھىرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، 21 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 

7. جول فرېز

1944-يىلى تۇغۇلغان، 2011-يىلى ۋاپات بولغان، دۇنيادىكى بىرىنچى بولۇپ مۇھەممەد ئەلىنى مەغلۇپ قىلغان بوكسچى. بۇ ئۇنىڭ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشىغا تولۇق سەۋەب بولالايدۇ.

6. روبېرت دۇرانت

1951-يىلى پانامادا تۇغۇلغان، 1967-يىلى كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغان، 2002-يىلى بوكس سەھنىسىدىن چېكىنگەن، ئىلگىرى تۆت قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان. 20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئېغىرلىقتىكى تۆت بوكس شاھىنىڭ بىرى.

5. مايكول تايسون

1966-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكىنىڭ برۇلكېن رايونىدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئەڭ ياش يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى بوكس چېمپىيونى بولغان، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى بوكس ماھىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، لېكىن شەخسى ئىستىلى، مەشىق كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان.

4. شۇگ رېي روبىنسون

1921-يىلى تۇغۇلغان، 1989-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، 1990-يىلى پىشقەدەم داڭلىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، 50-يىللاردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بوكسچى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇدا 91 مەيدان غەلبە قىلغان، كەسپىي ھاياتىدىكى 200 مەيدان مۇسابىقىدە 173 مەيدان غەلبە قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 108 مەيدان KO قىلغان.

3. ماننى پاكۈي

1978-يىلى تۇغۇلغان، فىلىپپىنلىق بوكس ماھىرى، 1995-يىلى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، بوي ئىگىزلىكى 166cm، ئۈچ قېتىم يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر بوكس ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئىككىنچى يېنىك ئېغىرلىقتىكىلەر بوكس ماھىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

2. جول لۇيىس

1914-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1981-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋاپات بولغان، 69 مەيدان غەلبە قىلىپ، ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 55 مەيدان رەقىبىنى يەر چىشلەتكەن. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەرلىكى بوكس سەھنىسىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۇ يەنە نېگىرلارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ تۆھپە قوشقان.

1. مۇھەممەد ئەلى

دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس بوكسچى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نوچىلىرى توققۇزتارادا تۇتۇشماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015