ئۆزبېكىستان دۆلەت كوماندىسى مەشقاۋۇلى ئىشتىن بوشىتىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-07 22:05:11

   ئۆزبېكىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئەرلەر كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سامۋىل باباياننىڭ رەسمىي ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

   بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۆزبېكىستان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە 0-0 نەتىجىدە كورېيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ، گۇرۇپپىدا تۆتىنچى بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى.

   ئۆزبېكىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، مەشقاۋۇل باباياننىڭ ئىككى يىللىق تۆھپىسىگە ئالاھىدە رەھمىتىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ئامەت تىلىدى.

   بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن بابايان ئۆزبېكىستان پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك شەخس. 2001-يىلدىن باشلاپ، بابايان ئۆزبېكىستان زەردارى تاشكەنت پاختىكارلار كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2014-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە پاختىكارلار كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان. 2014-ۋە 2015-مۇسابىقە پەسىلىدە بابايان ئۇدا ئىككى يىل ئۆزبېكىستان بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل بولۇپ باھالانغان. 2015-يىلى 6-ئايدا  ئۆزبېكىستان دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەشقاۋۇلى قاسىموفنىڭ ئورنىغا چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئۆزبېكىستان U23 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى.

   بابايان دۆلەت كوماندىسنى يېتەكلىگەن مەزگىللەردە، ئۇ يەنە ئۆزبېكىستان ئولىمپىك كوماندىسنىڭمۇ مەشقاۋۇللىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان، بىراق كوماندىنىڭ مەغلۇبىيتىگە ئەگىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىدىن قۇرۇق قالغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزبېكىستان دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ، دۇنيا لوڭقىسىغا يۈرۈش قىلغان، بىراق ئاخىردا 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ A گۇرۇپپىسىدا تۆتىنچىلىككە ئېرىشىپ قېلىپ، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىگە كىرىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولغان.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نوچىلىرى توققۇزتارادا تۇتۇشماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015